چۈشۈمگە كىرگىنڭدە
توۋا!شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى چۈشلىرىمگە كىرىشىڭنى، ئاللاھتىن شۇنچە تىلىگەن بولساممۇ ھېچ كىرمىگەن ئىدىڭ،مانا ئەمدىلىكتە ئۇنتۇش ئۈچۈن بەلباغلىغىنىمدا چۈشلىرىمدە پەيدا بولدۇڭ. بۇسىنىڭ نىمقىلغىنىڭ؟ مىنى ئەسكە ئېلىپ قالدىڭمۇ يا؟ يا بولمىسا بىرەردىدىن ئازار يەپ ، خۇشال ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ بۇ مىنى ئۇنتۇپ قالما دىگىنىڭ ئەمەستۇ ھە؟! توغرا چۈشلىرىمدە (مىنى ياخشى كۆرەمسەن؟)دەپ سوراشلىرىڭچۇ تېخى ،خۇددىي مىنىڭ سېنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقمنى بىلمەيدىغاندەك. مەنمۇ قىززىق سىنىڭ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقڭنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا يەنە(سەن مىنىڭ بارلىقىم )دىيىشلىرىمدىن ئۆرگىلەي. بۈگۈن سىنى چۈشلىرىمدە كۆرۈپ ،چۈشلىرىمدە ئۆزۈمنى يەنە شۇنداق بەخىتلىك ھېس قىلۋاتقان ئىدىم ، توساتتىن قاتتىق ئاۋازنىڭ چىقىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم، لىكىن ئويغۇنۇپ سېنىڭ يېنىمدە يوق ئىكەنلىكىڭنى بىلگىنىمدە يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئازابلانلىقىنى ھېس قىلالامسەن؟ ياق سەن ھېس قىلالىشىڭ ناتايىن، چۈنكى سەن مىنى مۇشۋاققىچە ئازراقمۇ ياخشى كۆرۈپ باقمىغان تۇرساڭ،بۇ ئازابلىرىمنى ھېس قىلالىشىڭغا مەن ئىشەنمەيمەن. مەن بەك ئەخمەق ھە ! سىنىڭ مىنى ئەسكە ئېلىپمۇ قويمايدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە ئەخمىقانە خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ يۈرۈپتىمەن. راس مەن سەندىن ئايرىلغاندىن تارتىپ يۈرىكىم ماڭا سىنى نەچچە رەت ئىزدەشنى ئېتتى ، لىكىن بۇنىڭغا يىگىتلىك غورۇرۇم يول قويمىدى. ھەر قېتىم سىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغىنىمدا، غورۇرۇم ماڭا(ئۇنىڭ سىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا سەن يەنە سۆيگۈ تىلەمچىسى بولماقچىمۇ )دەيتى. توغرا مەن بىر مەزگىل سىنىڭ ئالدىڭدا ئۆزۈمنىڭ تىلەمچىگە ئوخشاپ قالغىنىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كىلەتتى…… ھەي يەنە كۆپ ئويلاپ كەتتىممۇ نىمە، بولدىلا يوق خىياللار بىلەن ئۈزۈمگە ئازاپ سالغۇچە ئاللاھتىن سېنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تىلەيچۇ(ئاللاھ كۈنلىرىڭنى خۇشاللىق، ھاياتىڭنى بەخىت مەنالىرىغا تولدۇرسۇن!)……بەلكى مىنىڭمۇ ئاللاھ بۇيرىغان تەغدىر پىشانەم باردۇر ،ئاللاھ مىنىڭمۇ بەختىمنى بېرەر…… خەيىر بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر!
شۈكرى…… ھايات♡يولۇم 2015.6.23 ئۈندىدار SaMii0909
292 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-10 2:03:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-10 14:35:43 | مەجنۇن |
ياخشى يىزىلپتۇ |
2015-8-10 14:35:36 | مەجنۇن |
ياخشى يىزىلپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|