تۇرمۇش سەھىپىسىدىن ئالغان تەسىراتىم
كەۋسەرئاي
بۇ دۇنيا ئاجايىپ ئىكەن،ۈتەغدىرمۇ ئىنسانلارغا ئاجايىپ چاقچاقلارنى قىلىدىكەن. يامغۇرلۇق بىر كىچىدە مەن تەغدىرىمنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھاياتتىن ئىبارەت بىر كۈچنى تىنىمگە كىرگۈزۈپ، ياشاشتىن ئىبارەت بىر بۈيۈك ۋەزىپىنى زىممەمگە ئېلىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم. دەل شۇ كۈندىن باشلاپ ئاتا ئانامنىڭ قىزى بار بولدى، ئالەمدە بىر كىشى كۆپەيدى. دەل شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئارزۇ ئۈمۈتكە باغلاندىم. ياشاش جەريانىدا، كۆپلىگەن ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۆتمۈشۈمنى چۈشكە ئوخشىتىمەن، ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر شېرىن چۈش، ئازاپلىق كۈنلەر ۋەھىمىلىك چۈش،ئەمدى ئويلىساممۇ،ئۆكۈنسەممۇ،يىغلىساممۇ بەرىبىر. چۈنكى مەن ئاللىقاچان چۈشتىن ئويغۇنۇپ بولدۇم، مىنىڭ ئۆتكۈزۋاتقىنىم بۈگۈن، كۈتىدىغىنىم ئەتە. شۇنى يەكۈنلەپ چىقتىمكى ،تۈنۈگۈن چۈش،بۈگۈن رىئاللىق ،ئەتە تەسەۋۋۇر. مىنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىندىغىنىم ،مەن ئىشەنچنى يوقىتىپ قويدۇم، ئالدىدىم،ئالداندىم. شۇ سەۋەپتىن ھىچبىر كىشىگە تولۇق ئىشىنەلمەس بولدۇم. «مەڭگۈ» دىگەن سۆز مەن ئۈچۈن يالغان. مانا بۇلار تۇرمۇش سەھىپىسىدىن ئالغان تەسىراتىم.
178 قېتىم كۆرۈلدى | كەۋسەرئاي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-13 1:15:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|