مەن جوڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى سۆيمەن!
ھۆرىگۈل
مەن جوڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى سۆيمەن!
مانا بۇ كىچىكمىزدىن ئاڭلاپ ھەم ئۆگنىپ كىلۋاتقان بىر جۈملە، كىچىكمىزدە شۇنداق ئىدى، ئاددى بىر جۈملە، چۈنكى ئۇ چاغلاردا ۋەتەن دىگەن نىمە؟ زادى قانداق سۆيىمىز؟ بۇنى بىلمەيىتتۇق، لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، بىز چوڭ بولغانسىرى < ۋەتەن>گە بولغان تونۇشمىز بارغانسىرى چوڭقۇرلاشتى، مىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىم كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىپ ماڭدى. ئەمدى چۈشنىپ يەتتىمكى ئۆزۈممۇ بىر ۋەتەن، ئائىلەم، باللىرىم، ئەتراپىمدىكلەر، يەنە ئۆيۈم، يۇرتۇم ھەممىسى ۋەتەنكەن.
مەن ھەر دائىم خەۋەرلەردىن ئۇرۇش بولغان ھەم بولىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرنىڭ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ۋەتىنىمگە بولغان ھۆرمىتىم ۋە مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى، ۋەتەنسىزلەرنىڭ باشقا يۇرتتا ھىچبىر قەدىرقىممىتى يوق، ئاچارچىلىق، تومۇز ئىسسىق ۋە قەھىرتان سوغۇقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەر. قىچىش داۋامىدا ئۆلگەنلەر، ئەزا سودىگىرى تەرىپدىن ئەزالىرى سۇغۇرلۇپ ئۆلگەنلەر، بومبىدا پارتىلاپ ئۆلگەنلەر، ھەربىر كۆرسەم كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولىدۇ، ھەم يەنە دۆلىتمىزگە، دۆلىتمىز رەھبەرلىرگە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئىيتىپ، چەكسىز شۈكرى قىلىمەن. ۋەتىنىمنىڭ قانچىلىك گۈزەل، قۇدرەتلىك، باياشات ئىكەنلىكىنى، ۋەتىنمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، پۇقرالارنىڭ تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلىتىمىز رەھبەرلىرى ۋە جەڭچىلەرگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرمەن، ئىچۋاتقان ھەر بىر تامچە سۈيۈمدە، ھەر چىشلەم تامقىمدا، خاتىرجەم ئۆتىۋاتقان ھەر بىر دەققەقلەردە، ھەر باسقان قەدىمىمدە جوڭگولۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنمەن.ۋەتىنىمنى چىن يۈركۈمدىن سۆيىمەن!
ئەي ئۇلۇغ ۋەتىنىم، جاندىن ئەزىز ۋەتىنىم! ھەر نەپسىمدە سىنى قەدىرلەيمەن ئەي ۋەتەن!!
252 قېتىم كۆرۈلدى | ھۆرىگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-14 14:59:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|