كىشىلىك ھايات تاللاشتىن ئايرىلالمايدۇ

ئابلىمىت ئابلىز

كىشى ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. قانداق تاللاش قانداق نەتىجە يارىتىشىمىز، قانداق ئادەم بولۇشىمىز، قانداق ھايات كەچۈرۈشىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاللاش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. چۈنكى كىشىنىڭ تۇرمۇش يولى كەسىپ تاللاش، بازار تاللاش، مال تاللاش، خىزمەت تاللاش، لايىق تاللاش، مەكتەپ تاللاش قاتارلىق تۈرلۈك تاللاشلار ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇنداقلا تاللاش نەتىجىسىگە قاراپ ھايات يولى بەلگىلىنىدۇ.

تەيۋەنلىك چېن ۋەنفېن خانىم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. 1980 – يىلى 10 – ئايدا بىر دوستى ئۇنىڭغا چەت ئەلنىڭ مەلۇم بىر ساغلاملىق بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش كەسپىنى تونۇشتۇرىدۇ. چېن ۋەنفېن خانىم شىركەتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى، مەھسۇلاتى بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ شىركەتكە قىزىقىپ قېلىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مۇشۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تاللىشىنىڭ ھاياتىنى يېڭى مەنالارغا ئىگە قىلىشىنى، تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئون يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇ تەيۋەندىكى ئەڭ باي ئاياللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى تاللاشلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كىمنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كۈنگە، قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىنى ھېچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدۇ. پارىخور ئەمەلدارنىڭ تۇنجى قېتىم پارا قوبۇل قىلغان، پاك، بىغۇبار بىر ياشنىڭ تۇنجى قېتىم زەھەر چەككەندە ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقى، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقىنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ھېس قىلالىغان بولسا، ئۇلار ئۇ يولنى تاللىمىغان بولاتتى. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر بىر ۋاقىت، ھەر بىر تاللاش ئادەم ئۈچۈن بىر چوڭ سىناق .

ھاياتلىقتىكى ھەر قەدەمدە ئوڭۇشسىزلىق ۋە تۇيۇق يوللارغا دۇچ كەلگەندە، بەزى كىشىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ بەل قويۇۋېتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئارقا – ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توغرا تاللاش يولىنى تېپىپ گۈزەل ئىستىقبالىنى يارىتىدۇ.

تۇرمۇشتا مەلۇم بىر يولنى تاللىغانىكەنسىز، شۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. كىشى تۇرمۇشتا مەنىۋى ۋە ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دائىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ‹‹پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ›› دېگەندەك، بۇ جەرياندا كىشىلەر تۇرمۇشقا نىسبەتەن قانداق روھىي ھالەت ۋە پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسا شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم مېنى ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.


مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى





260 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 10:50:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-2 20:42:25 Aykiz
Man bu timini bak yakturdum tihimu yahxi mazmunlani yizixigizga tilakdaxman
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ