سەن گۈزەل بولساڭ دۇنيا،كىشىلەرمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ

سەن گۈزەل بولساڭ دۇنيا،كىشىلەرمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ

 

شەمشىقەمەر

 

كىشىلەر ھەردائىم ئىككى تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۈچ ياكى تۆت ئەمەس.ئۇلار ئۆزلىرى تاللاپ بولغان تاللاشتىن مىننەت قىلماستىن،ئۆزلىرى تاللىيالمىغان تاللاش ئۈچۈن سەۋەبسىزلارچە ئاھ ئۇرىدۇ،پۇشايمان قىلىپ كېتىشلىرى بار تېخى،ئەكسىچە ئۇنىڭ پەقەت كاللىمىزدا قىيالماسلىقتىن ئىبارەت ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.ھېسسىياتقا قويۇپ بېرىدىغان بولساق ئۇ تېگى يوق ھاڭ،ھەممىنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇ ھەم شەرت قويمايدۇ،ئازاپ،كۈلكە،بەخىت،شادلىق،ھاياجان…

 لېكىن ئەقلىمىزگە قارايدىغان بولساق،ئۇ بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىشىمىزنى ئالغا ئىلگىرلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۈزلۈكسىز تۈردە بىزگە ھەرخىل سوئاللارنى قويىدۇ،بەزى كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ جاۋابىنى ئىزدەيدۇ،يەنە بەزىلەر تاشلايدۇ،يەنە بەزىلەر كېيىن باشلايدۇ… ھېسسىيات ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى،ھازىرقى زامانىمىزدا چوڭلار،مۇئەللىملەر بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى سۆزلەۋىتىپ «ۋىجدانىڭدىن سوراپ باق»دەيدۇ،لېكىن مېنىڭ يەنە ئۇلاردىن سوراپ باققۇم كېلىدۇ،ۋىجدان گەپ قىلالامدۇ؟ئۇلار بىزگە ئەقىلنى ئىشلىتىشنىڭ يولىنى سۆزلەۋىتىپ يەنە شۇ ھېسسىياتقا چېتىۋالىدۇ،ۋەھالانكى،ئۇلارنىڭ روھىمىزدا ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشى چۈشىنىپ يېتىدۇ،ئۇ كشىلەر شۇ چاغدىن باشلاپ ئەقلىنى ئىشلىتىشنى تاللايدۇ،چۈنكى ھېسسىيات مىسالى بىر زەنجىر بولسا،ئاچقۇچ دەل ئەقىلدۇر… 

 ھەي ئىنسان كاللاڭنى سىلكىپ ئەتراپقا بىر نەزەر سالغىن،ھېسسىياتقا بېرىلگەنلەرنىڭ بىھوش يۈرگەنلىكىنى كۆرىسەن،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازاپلىرىنىڭ ئۈستىگە ئازاپ قوشۇپ يىغلايدۇ،ھەم باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئازاپلانغانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئۇلار يەنە ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ئازاپلىنىدۇ،ئەجىبا سەن مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر كۆز چاناقلىرىڭدا تۈز سۈيىنىڭ قاراڭغۇدا نۇرسىز چاقنىشىنى ئۈمىد قىلامسەن؟ئۆزىڭنىڭ ئاجىزلىقىغا قانچىلىك ۋاقىت تەن بېرىپ ئولتۇرسەن؟ سەن پەقەت «تۇر!»دېگەن ئاۋازغا موھتاج.ھېس قىلساڭ تاڭ سەھەردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى يۈزۈڭگە ئىللىق ھارارەت نۇرىنى يېغىپ،سېنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ دەۋاتىدۇ؛ھەر كۈنى ساق ئورنۇڭدىن تۇرغان بولساڭ مانا بۇ ساڭا دېيىلگەن رىغبەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر؛ناخشا ئاڭلاۋاتامسەن؟ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلايدىغان بولساڭ ھەر بىر ناخشىنىڭ ئاخىرى ئۈمىد،ئىشەنچ،ئارزۇ،تىلەك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،مانا بۇ ساڭا بېرىلگەن تەسەللىيدۇر…

سېنىڭ يەنە نېمىگە ماڭا ئىشەنچ بېرىلمىدى دېيىشكە ھوقۇقۇڭ بار؟ئۇنۇتما سەن يوقىساڭ بولمايدۇ،ئۆلۈشتىن بۇرۇن،چۈنكى دۇنيادىكى ئىنسانلار ئىچىدە سېنىڭ بىر رەڭگىڭ بار،سەن ئۆزۈڭنىڭ رەڭگى بىلەن دۇنيانى،كىشىلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىسەن، چۈنكى سەن (قەلب) گۈزەل بولساڭ دۇنيا،كىشىلەرمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ……





196 قېتىم كۆرۈلدى xamxikamar ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-11 0:00:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ