ناۋادا پىنسىيە يېشى ئۇزارتىلسا مۇنداق بولىدۇ
ئوقۇغۇچى : مۇئەللىم ، دەرس ئۈتۈش ۋاختىڭىز توشتى .
ئوقۇتقۇچى : بولىدۇ ، ھاسامنى ئېلىۋەت ، چاقلىق ھارۋامنىمۇ ئەكەل ، سەل تۇرۇپ سىلەر گىمناستىكا ئوينىغاندا يېنىڭلاردا قاراپ تۇرمىسام بولماس .
ئوقۇغۇچى : بولىدۇ مۇئەللىم ، بۈگۈن ئۈچۈنچى بابنى سۆزلەيسىز جۇمۇ ، ئۇنتۇپ قالماڭ . ئىككىنچى بابنى سۆزلىگىلى ئۈچ كۈن بولدى.
ئوقۇتقۇچى : ھۇ سولتەك ، دەرس ۋاقتىدا نىمىشقا ئەسكەرتمەيسىلەر ؟
ئوقۇغۇچى : كۈنۈپمۇ قالدۇق ، سىز تېخى خېلى ياخشى ، ماتىماتىكا مۇئەللىم بىر فورمىلانى بەش قېتىم سۆزلىدى . لېكىن بەش قېتىمنىڭ ھەممىسىدە باشقا باشقا نەتىجە چىقىدۇ .
ئوقۇتقۇچى : سەن نىمىنى بىلەتتىڭ ، بۇ بىر سوئالنى كۆپ خىل ئىشلەش دىيىلىدۇ .
ئوقۇغۇچى : ھەراست مۇئەللىم ، دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىنى تىلفونىڭىزغا تىترەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ بىرەيلى .
ئوقۇتقۇچى : نىمىشقا ؟
ئوقۇغۇچى : ئەدەبىيات مۇئەللىم بىر سائەتلىك دەرسنى تۆت سائەت سۆزلىدى .
ئوقۇتقۇچى : نىمىشقا ئەسكەرتمەيسىلەر؟
ئوقۇغۇچى : ئەسكەرتتۇق ، ھەممىمىز ۋاقىت توشتى دەپ ۋارقىرىغان ، لېكىن ئۇ بىزنى بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنسىلەر دەپ يېرىم كۈن ماختىدى .
پىنسىيە يېشى راستىنلا ئۇزارتىلسا مۇشۇنداق قېرىپ ، ئالىجوقا سۆزلىگىدەك بولغىچە ئىشلەرمۇ ئوقۇتقۇچىلار ؟ ............
| 982 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-12-15 13:14:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|