مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(5)

مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(5)

 

چەشمە يازمىسى

 

 شۇنى تۇنۇپ يتشىمىز كېرەككى، كەلگۈسدىكى يازما مىراس بەتلىرىدە ، پۈتۈكلەرگە قىز-ئاياللارنىڭ ئاي رۇخسارى، لاتاپىتى ،چېھردىكى گۈزەللىك بىلەن يىگىت يۈركىنى تىترىتپ ھەر ئوي ،ھەر كويغا سېلىپ ،خىيالىني ئېلىپ قېچىپ كۆڭۈل تارىنى چەككەن ئاھۇ كۆزى ، مەجنۇن تالىدەك يەلپۈتۈپ تۇردىغان سۇمبۇل چاچىلىقى ،شەرمي-ھايالىقى، نازى ،،،،،دىگەندەك بۇ گۈزەل ماختاش ۋە شەرھلەشلەرنىڭ بېزىشى بىلەن ھاياتلىق قامۇسدىكى ئەڭ قىممەتلىك باھا ۋە چىن تەسۋىر، ئوبرازلىق ئىپادىلەش بىلەن قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ زامان تەرەققياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلەپ ،تارىخ بەتلىردە قالدۇرغان ئىزنالىرى ،شان-شەرەپلىرى قىز ۋە ئاياللار نىڭ ئۆز تىرشچانلىقى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرنى،مەدەنيەت سەۋيسى ۋە تەرەققىيات تەلىپنى ئەمەلي ھەركەتتە كۆرستىپ ،دەۋىر يېڭىلقىغا ئىنتىلىپ ئۆزنى تاكامماللاشتۇرشقا تىرشقان ئىزدەنگۈچلەرنىڭ ياراتقان ئۆلمەس غەلبىلىرى بىرلىكتە بايان قىلىنسا ئشىنمىزكى،،،مەيلى قايسى زامان ،قانداق ماكاندا بولسۇن ،ئۆزىنىڭ بىباھا گۆھىرى بولغان ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئەقىلنى بىھوش قىلدىغان ،شۇ دەۋردە ياراتقان تۆھپىسى بىلەن تېخمۇ قەدىرلىنىپ ۋە ئەستە ساقىلىنىپ، تىلدىن- تلىغا ،دىلدىن- دىلغا تېخمۇ چوڭقۇر ئورناپ ئەبەدىلىكى بىلەن كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس سۈپتىدە يىتىپ بارغۇسى،،،، ئۇيغۇر قىز -ئاياللىرنىڭ پەقەت چىراي ئالاھدىلىكى بىلەنلا ئەمەس ،زامانغا ماسلىشپ يېڭىلققا ئىنتىلىپ،تىرشچانلىقى بىلەن تەرەققىيات ئۈچۈن قۇربى يەتكۈچە ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلشى كېرەك دەسلەپتە ھازىرقى زامان قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ روھىيەت دۇنياسنى پاكلاشتۇرۇپ ،ئۆزدە كەم بولغان ياكى بۇلىشى زۆرۈر قابىليەت ۋە قولايلىىق شەرت -شارائت ئۈچۈن تىرششنڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكى ۋە باللىرى ئۈچۈن ھەم ئانا ھەم ئۇستاز بۇلۇپ ،مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىپ ،تۇرمۇشتا يولدىشى ئارىسدىكى مۇناسۋەت ۋە خىزمەتلەرنى ئەتراپلق ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ،مۇكەممەل ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تەبئىي ۋە مەدەني ھەم مودا بولغان تاشقى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك . ئەنە شۇ چاغدىلا قىز-ئاياللىرىمىز ،چېھرى قۇياشتەك نۇرلۇق ،مېھرى سۆيگۈسى، مىسلى دەريا كەبى چوڭقۇر، ھەممنى ئۆز ئىشقدا قۇل قىلىپ ،سۆيگنىڭ جاپاسى ۋە لەززىتى ئۈچۈن جان تەسلىمى قىلدۇردىغان، زامان ئېكرانىدىكى بىردىنبىر ھەققىي گۈزەللك تاراتقۇچىغا ئايلىنىپ ،ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بىلەن نۇقسانلىرىنى تولدۇرۇپ،ئەسرلەر بويى ئەستە ساقلىنىپ،جاھان ئەھلىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ،ئىختىياسز بارىكاللا دىگۈزدىغان، ھەققي چىن گۈزەللىك ئىگىسى بولالايدۇ. تامام.





315 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 0:02:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ