يىگىت بول، شۇنداق يىگىت بول

  يىگىت بول، شۇنداق يىگىت بول        


  بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچسا يەر يۈزىدىكى دەل-دەرەخلەردىن تارتىپ ،يەرنىڭ چوڭقۇرقېتىدىكى قاتتىق تاشلارغىچە ھەممە نەرسە بۇ بوۋاق ئۈچۈن خۇشاللىنىپ كۈلەرمىش،ئۇنىڭغا ئالقىشلار ياڭرىتارمىش.بۇ بوۋاقنىڭ ئايىغى چىقىپ تايتاڭلاپ ماڭغان ۋاقتى ،يەرزىمىن ئۇنىڭ قەدەملىرىدىن سۈيۈنەرمىش.لېكىن ئاشۇ ۋىلىقلاپ تاتلىق كۈلىۋاتقان بوۋاقنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى،كەلگۈسى ھەممىگە نامەلۇمدۇر.ئاشۇ ئۇماققىنە بوۋاق كېيىن بىر ساقچى ،ئىنژىنىر،ئوقۇتقۇچى ۋەياكى دوختۇر بولۇپ خەلقىگە خىزمەت قىلىپ،خەلقىنى خۇشاللاندۇرامدۇ ياكى بولسا ئوغرى،بۇلاڭچى ۋە ياكى قاتىل بولۇپ ،خەلقىگە زىيان يەتكۈزۈپ،خەلقىنى ئازابلامدۇ ،مانا بۇلار ھەممىسى نامەلۇم.بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئىنسان ئۈمۈدۋار كېلىدۇ،شۇڭلاشقا ئۇ بۇ نامەلۇملۇقلار ئىچىدە يەنىلا كۈلۈپ ياشىيالايدۇ.كۆز ئالدىدىكى ئازغىنە بەخت ئۈچۈن قاقاھلاپ كۈلەلەيدۇ،يەنە ئازاب ئۈچۈنمۇ ئۆكسۈپ يىغلىيالايدۇ.بىراق ئىنسان يەنە شۇنداق چىداملىق،شۇنداق ئاجىز كېلىدۇ.بەزىدە تاغدەك قىيىنچىلىقمۇ ئۇنى قورقىتالمايدۇ ،يىقىتالمايدۇ.يەنە بەزىدە بولسا ئاجىزغىنە شامالمۇ ئۇنى يىقىتىپ تاشلايدۇ.بەلكىم شۇنداق بولغاچقىمۇ ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارنى ئىككى جىنىسقا ئايرىغان ھەم ئۇلارنىڭ يۈرۈكىگە ئۇلۇغ بىر قۇدرەتلىك كۈچ

   ئەي يىگىت ،ياشلىقىڭ سېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.خۇددى سەن تۇغۇلغاندا ھەممە نەرسە سېنى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالغاندەك ،ھازىرمۇ ئەتراپىڭدىكى ھەممە كىشى سېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.ئۇلار ساڭا تەلپۈنىدۇ،سەن ئاخىرى يېتىپ كەلدىڭ.قېنى كەل يىگىت،خەلقىڭ ساڭا قارىماقتا،ئۇلار ساڭا زور ئارزۇ-ئۈمۈد بىلەن قارىماقتا،ئۇلار ساڭا ئىشەنچ باغلىماقتا.ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمى سەن ئۈچۈن،ئۇلار قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ سېنى چاقىرماقتا سېنى قارشى ئالماقتا.قېنى ئاۋۇ يەرگە قارا ئۇلار ئىچىدە يەنە بەرنا قىزلارمۇ بار ئىكەن،ئۇلارمۇ ساڭا موھتاج،سېنىڭ ئاسرىشىڭغا،قوغدىشىڭغا موھتاج.ئاۋۇ كىچىك بالىلارمۇ ساڭا ئۈمۈدتە باقماقتا،ئۇلار ئۆزلىرنىڭ ئەتىسىنى سەندىن ئىزدىمەكتە.ئۇلار ساڭا ھەۋەس قىلماقتا ،ئۇلارنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش نەۋقىران بولغۇسى كەلمەكتە.ھەي خالايىق بولدى قىلىڭلار،بولدى ،ئۇنى ماڭغىلى قويۇڭلار،ئۇنى بۇنداق خىجىل قىلماڭلار!قېنى كەل يىگىت،داۋاملىق ماڭغىن،مۇھەببەت،ئادىمىيلىك،ئىرادە-ئىشەنچ ساڭا ھەمراھ بولسۇن!مېڭىۋەر ئەركىگىم،ئالدىڭدىكى يولار ھەممىسى سېنىڭكى.ئارقاڭغا قارىساڭ خەلقىڭنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدى ،يەلكەڭدە بولسا بۈيۈك مەسئۇلىيەت تۇرۇپتۇ.ماڭ ،مېڭىۋەرگىن ئەركەم.ئالدىڭغا تاغ ئۇچرىسا شۇڭقار بولۇپ ئۇچۇپ ئۆتكىن.يوللىرىڭ يىراق بولسا دۇلدۇل بولۇپ چاپقىن.قاتتىق بوراندا تەڭرىتېغىدىكى قارغايلاردەك مەزمۇد بولغىن.چۆل-باياۋاندا تەكلىماكاندىكى توغراقلاردەك چىدەملىق بولغىن!ماڭ يىگىت ،قېنى مېڭىۋەر.بىراق ھەرگىز يىقىلما،سەن يىقىلساڭ بىر قوۋم يىقىلىدۇ،سەن يىقىلساڭ خەلقىڭ سەن بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ. يىقىلساڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان چىدام-غەيرەت،ئىرادە -ئىشەنچ بىلەن قايتا ئورنۇڭدىن تۇر!يانما،ھەرگىز ئارقاڭغا يانما!ئالغا ئىلگىرىلە،ئالغا،،،

قارا يىگىت ئاناڭ سېنى تۇققىنى ،سېنى بېقىپ ئۆستۈرگىنى ئۈچۈن كۈلمەكتە،سېنىڭدىن پەخىرلەنمەكتە.ئاتاڭغا قارىمامسەن تېخې،ئۇ تېخىمۇ خۇشال.ئۇمۇ سېنىڭدىن پەخىرلەنمەكتە،سېنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىڭدىن خۇشاللانماقتا،ئۇ يەنە سېنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىڭنى،تېخىمى ئۆرلىشىڭنى ئارزۇ قىلماقتا.قارا يىگىت،قارىغىنە،ئاۋۇ قېپقىزىل گۈللەر ئارىسىدا بىرگۈل تۇرۇپتۇ ساڭا تەلپۈنۈپ،ساڭا تەلمۈرۈپ.ئۇ گۈلمۇ ساڭا زور ئىشەنچ باغلىماقتا،ئۆزۈنىڭ ئۆمۈرلىك بەختىنى سەندىن ئىزدىمەكتە،ئۇ نېمىدىگەن گۈزەل،نېمىدىگەن خۇشپۇراق،نېمە دېگەن ساپ ھە!توغرا،يېگىت ئويلىغىنىڭ توغرا،سەن دەل شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك،سەن دەل شۇندق بولۇشۇڭ كېرەك.قېنى يېگىت قان-تەرىڭ بىلەن ھالال ياشاپ،بوي-بەستىڭ،چىدام -غەيرىتىڭ بىلەن قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،تىرىشچانلىقىڭ ۋە ئۆتكۈر زېھنىڭ بىلەن زور ئۇتۇقلارنى قازىنىپ،بار كۈچۈڭ بىلەن ئالغا ئاتلىنىپ ئارزۇ ئارمانلىرڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،ئاتا-ئاناڭنىڭ،خەلقىڭنى ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن،ئۇلارنى كۈللدۈرگىن!مېھرى-مۇھەببىتىڭ بىلەن جاھاننى يورۇتقىن،ئادىمىيلىك پەزىلىتىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرگىن.سالاپىتىڭ،ئەخلاق-پەزىلىتىڭ،جەسۇر-مەردانىلىقىڭ،كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىڭ،مول بىلىم- سەۋىيەرىڭ بىلەن ئاشۇ بەرنا قىزلارنىڭ دىلىنى لال قىلغىن.ئۇلارغا بەختنى،خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلغىن،ئۇلار كۈلسۇن،خۇشاللانسۇن،يېنىدا سەندەك بىر مەردۇ-مەردانىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنسۇن!توغرا ئەركەم بۇلارلا ئەمەس،يەنە نۇرغۇن ،نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىن!سەن ئەنە شۇنداق ئۇتۇقلارنى قازانغان كۈنىڭ خەلقىڭمۇ ساڭا بارىكاللا ئېيتىدۇ،خەلقىڭمۇ سەن بىلەن تەڭ خۇشاللىنىدۇ.سەن تەرەققى قىلساڭ خەلقىڭمۇ سەن بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىدۇ.يىگىت بول ئەركەم،مانا مۇشۇنداق يىگىت بول!باشقىلار سەندىن سۆيۈنسۇن،باشقىلار سەندىن خۇشاللانسۇن ،باشقىلار سەندىن پەخىرلەنسۇن!يىگىت بول ئەركەم،مانا شۇنداق ،دەل مۇشۇنداق يىگىت بول!ئەي ۋىلىقلاپ ئۇماققىنى كۈلۈپ ياتقان غەمسىز بوۋاق،سەنمۇ گېپىمگە قۇلاق سال!سەنمۇ شۇنداق يىگىت بول،سەنمۇ شۇنداق،دەل مۇشۇنداق يىگىت بول!!!





284 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-12 22:16:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ