مىھرى - مۇھەببەت ئەسلى مۇنداق بۇلىدۇ
بىر ئەر ئىنتايىن گۈزەل بىر ئايال بىلە توي قىلدى ۋە ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كىشىنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك ئۆتىۋاتاتتى، ئايالمۇ ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلاتتى.
ئىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرىتقا چىقىپ قالدى، بۇ كۈنلەردە ئۇلار تۇرۋاتقان يۇرۇتتا ناھايتى قورقۇشۇنلۇق يىرىڭ ئىششىقلىق كىسىلى تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ چىرايى ئىنتايىن ئىچىنىشلق بۇزۇلۇپ كەتتى. بىر كۈنى ئايال ئويغۇنۇپ ئەينەككە قاراپ چۆچۇپ كەتتىى. دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇپ ئۆزىنىڭ بۇ خىل كىسەللىك بىلەن يۇقۇملانغىنى بىلىپ بەكلا قايغۇردى، بۇنى ئىرىدىن يوشۇردى. كۈنلەر ئۆتىۋەردى .ئىرىنىڭ قايتىپ كىلشىمۇ يىقىنلاپ قالغان ئىدى،ئىرىدىن ئايرىلىپ قىلشنى ئويلىغاندا يۈرىكىنى قۇرۇت يەۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى .ئەينەككە قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي، ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتى.
شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ- دەپ، بىر تىلفۇن تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە ئىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ھادىسكە ئۇچراپ ئىككى كۆزدىن ئايرىلغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتى، تىلفۇن تورۇپكىسى قولدىن چۇشۇپ كەتتى. ئىككىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ياشاۋەردى. ئەر ئايالىنىڭ بۇزۇلۈپ كەتكەن قورقۇنۇشلۇق چىرايىنى كۆرمىدى. ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن ئايالى ئۇنى يىتىلەپ ماڭاتتى، كىشلەر ئۇلارغا ھەيرانلىق ئىچ ئاغرىتىش ھىسياتلىرى بىلەن قارىشاتتى. ئايال ئىرىگە قارغىنىدا كۆڭلى بۇزۇلاتتى، بىراق ئىرىنى بۇرۇنقىدەك سۆيەتتى ، ئىرىمۇ ئۇنى بۇرۇنقىدەك ھۆرمەتلەپ سۆيەتتى.
ئۇلار قىرىق يىل يەنى ئايال ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىجىل ئىناق ياشىدى. ئەر ئايالىنىڭ ۋاپاتىغا ئىنتايىن قايغۇردى، ئۇنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھارغىن پۇتلىرنى سۆرگىنچە ئۆزى يالغۇز ئورۇندىن تۇرۇپ ماڭدى. دوسلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قەيەرگە ماڭدىڭ دەپ سوردى؟ ئۇ ئۆيگە دەپ جاۋاپ بەردى. ئىرەنسىزلا بىز ئاپىرىپ قويلى سەن كۆرەلمەيدىغان تۇرساڭ....ئەر مەن كۆرەلەيمەن دىدى-ئەر ئايالىمنىڭ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغىننى ئاللا بۇرۇن بىلىپ بولغانتىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن يالغان ئەما بولىۋالغانتىم چۈنكى ئايالىم بەك ياخشى ئايال ئىدى. ئۇ مىنى كور ھالىتىمدىمۇ يەنىلا ياخشى كۆرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دوسلىرى ئىغىزلىرىنى ئچىىپ قىتىپ قىلىشقان ئىدى . ئەر ئىغىر قەدەملىرى بىلەن ئۆيىگە ماڭدى . مانا بۇ مۇھەببەت!!
321 قېتىم كۆرۈلدى | 318318 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-7 13:35:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|