سەبىر قىلىشنى ئۈگۈنۋىلىڭ
سەن مەندىن سەبىر دىگەن نىمە ؟ دەپ سوراۋاتامسەن ، سەبىر دىگەن بۇ نام ئۆزىلا ، بىلگەن ئىنسان ئۈچۈن بىباھا گۆھەردۇر ، ھاياتى دۇنيادا بىزگە يولۇققان ھەر بىر ئىشتا كەم بولسا بۇلمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . سەبىر شۇنداق بىر ئىسىل سوغات ئىكەنكى بۇ سوغاتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلالىغان ئىنسان ئەڭ چوڭ پايدا ئالغان بولىدۇ .
سەبىر دىگەن ، مەن ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان سالىھ ئادەم ، دەپ قارايدىغان ھەر بىر ئىنساندا تىپىلمىسا بولمايدىغان ئىسىل خىسلەتتۇر . بىز سەبىر قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشنى ئۈگىنىمىز . سەبىر قىلىشنى ، بەرداشلىق بىرىشنى ، چىداشلىقنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ شۈكۈر قانائەتنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرمىكى مۈشكۈلدۇر . بىز چىن يۈرەكتىن سەبىر قىلىشنى بىلگەن ۋە شۇنداق قىلالىغان ۋاقىتتا ، شۈكۈر قىلىشنى ، شۇ سەبىر قىلىشقا ئۈندىگەن يۈرەك بىزگە ئۈگىتىدۇ ، بىز ئۇ چاغدا يىتەكچىمىز تەرىپلىگەن ياخشى ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن بولىمىز .
يىتەكچىمىز شۇنداق دىگەنكى : مۆئمىننىڭ ھەر بىر ئىشى بەك ياخشى ، نىئمەتكە شۈكۈر قىلىدۇ ، ۋە ئەرزىيەتكە ، مۇسىبەتكە سەبىر قلىدۇ . بىز شۇ شۈكۈر ، ۋە بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سوغات بولغان سەبىر ئارقىلىق، شۇنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋاقىتتا ، يىتەكچىمىز تەرىپلىگەن ياخشى ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن بولىمىز . بۇنى شۇنداق چۈشىنىشىمىز كىرەككى : ھەقنى ھەق دەپ تونۇيدىغان ئىنسان شۈكۈر قانائەتنى بىلىشى ۋە مۇھىمى سەبىر قىلىشنى بىلىشى ، بەكمۇ زۆرۈردۇر . يىتەكچىمىز شۇ ھىكمەتلىك سۆزى ئارقىلىق ھەقىقى ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ شەرتلىرنى كۆرسىتىپ قويدى . ئەگەر بىرەسى شۈكۈر قىلىشنى بىلمىسە ، ۋە سەبىر قىلىشنى ھەم بىلمىسە بۇنى قانداقمۇ ھەقىقى ، ھەق يولدىكى ياخشى ئادەم دىگىلى بولسۇن . سەبىر قىلىش كىشىگە ھۇزۇر بىغىشلايدۇ ، ئىنساننى چىداملىق قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ . ئەڭ قىسقىسى ئىنساننى ھاياتى دۇنيادا ياخشى ئادەملەر قاتارىغا كىرگۈزسە ، ئۇ دۇنيادا بولسا نازۇ نىئمەتلىك ، مەڭگۈلۈك باغۇ بوستانغا كىرىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ …
سەبىر ئىنسانغا تەمكىللىكنى ۋە بەزى ئىسىل ئەخلەقلارنى ئۈگىتىدۇ ، ۋە باشلامچى بولىدۇ … ئىنسان سەبىر قىلىش ئارقىلىق ئۆز قەدىر - قىممىتىنى بىلەلەيدۇ . ئەڭ كاتتا سوغات شۇكى : سەبىر قىلغان ھەر بىر ئىنسان بىلەن ، ئۇنىڭ مىھرىبان ياراتقۇچىسى بىللىدۇر . بۇ نىمدىگەن بەخىت ھە ! بىزگە بۇندىن ئارتۇق ئىسىل سوغات بۇلمىسا كىرەك … شۇڭا ھەر دائىم ، ھەر زامان سەبىرنى ئۆزمىزگە ئەڭ يىقىن دوست قىلىپ تاللىشىمىز كىرەك ، قاچانكى سەبىردىن ئىبارەت بۇ ئىسىل خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالساق بىز ئىككىلا دۇنيادا زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىمىز ، شۇڭا ھاياتىمىز سەبىر بىلەن بىزەلسۇن…
ئەمدى سەبىر قىلىشنى قانداق چۈشىنىمىز دىگەندە : نۇرغۇن ئادەملەر سەبىرقىلىشنى خاتا چۈشىنۋالدۇ ، تەغدىرىم شۇكەن ، ئامال يۇق دەپ بەل قويۋىتىپ توغرا يولدىن قىيىپ كەتكىننى سەزمەي ، مەن سەبىر قىلدىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ . سەبىر دىگەن ھەممىنى تەغدىرگە يۆلەپ قويۇپ ، مىڭۋاتقان توغرا يولىدا مۇشاقەتكە ئۇچۇرسا ، باش ئىگىپ ئامال يوقكەن دەپ بىشىنى ئىچىگە تىقىپ ، ئاخىرقى داغدام ئارزۇلىردىن كىچىش بولماستىن بەلكى : توغرا ھەممە ئىش تەغدىر بويچە بولىدۇ، ئامما مەن تىرىشىپ سەۋەپ قىلىمەن دەپ ئىرادىسىنى تىكلەپ تۇرۇپ ، ئاخىرقى ئالى نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن بىسۋاتقان توغرا يولىغا قارشى بولۋاتقان ھەر بىر شەيئى ، ياكى جاپا مۇشاقەتتىن قورۇقماي ، باش ئەگمەي بەرداشلىق بىرىپ ، مەيلى چىداي دەپ تۇرۇپ داغدام قەدەم بىلەن مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ماڭالىغان ھالەتنى سەبىر قىلىش دەيمىز . بۇنى مانا مۇشۇنداق چۈشىنىشىمىز كىرەك . يەنى : مىڭۋاتقان توغرا يولىدا قارشى كەلگەن جاپا - مۇشاقەت ، ئەرزىيەتكە چىداپ ، ئاخىرقى بۈيۈك ئارزۇلىرنى ئۇنتۇپ قالماي ، بەل قويۋەتمەي ، تىرىشىپ تۇرۇپ قىلغان سەبىرنى بىز ھەقىقى سەبىر دەپ ئاتايمىز . مانا مۇشۇنداق سەبىر قىلالىغاندا ، ئۇلۇغ ئىگىمىز دائىم بىللەدۇركى ھەر بىر سەبىر ئىگىسى بىلەن . شۇڭا ھەر بىر قىرىندىشىمنىڭ ، سەبىردىن ئىبارەت بۇ ئىسىل خىسلەتنى ، توغرا ھالەتتە چۈشىنىپ ۋە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈپ ھەقىقى ئادەم بولۇپ ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . سەبىر
يازغۇچى : ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
2015 . يىلى 9. ئاينىڭ 16. كۈنى
1607 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-16 14:01:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-2 15:12:12 | ئابدۇللا |
بەك بەلەن يېزىلىپتۇ. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|