ئاجرىشىش ياخشى ئىشمۇ ؟
ياسىنجان رۇزى
(1)
بەلكىم بۇ سۇئالنى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن سورىساق بەلكىم مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر ياخشى ئىش ئەمەس دەپ جاۋاپ بىرىشى ئېنىق ،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ،يەنە مۇشۇنداق ھېچ كىم خالىمايدىغان تۇرمۇش تىرگدىيىسى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ؟يەنە كىلىپ بىز ئۇيغۇر مىللىتىدە بۇ خىل ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدۇ .مىنڭچە بۇ پەقەت مەنلا ئەمەس ،پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسلە .
ھەممىمىزگە مەلۇم،دۆلىتىمىز ئىشكنى سىرتقا ئچېىۋەتكەن بۇيان تەسۋىرلىگۈسىز زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى بۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتكۈل جوڭگو خەلقنىڭ ،تۇرمۇش ساپاسى ئۆزلىكسىز ئىلگىرلەش بىلەن بىرگە يىمەك -ئىچمەك ،كىيىمى پۈتۈن بۇلۇشتەك ،شانلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ،ھەمدە مائارىپ ،قاتناش ،ئاۋىئاتسىيە ،قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە كۈنسىرى زور ئىلگىرلەشلەر بۇلۇپ ،ساۋاتسىزلىققا ئۈزۈل كىسىل خاتىمە بىرىلدى ،تورمىشىمىز ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغاندا مىڭ مەرتىبە ،خۇشاللىققا ،ۋە بەخىتكە تولدى ،مانا مۇشۇنداق گۈزەل ،بەختيار تۇمۇش،ئىچىدىمۇ بىز يەنىلا ھەقىقى بەخىتتىن ھوزۇر ئالالمايۋاتىمىز ،بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟ئەجىبا بىز ھېكىم خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئامراقمۇ ؟ياق دوسلار بىزنىڭ ئاتا -بوۋىمىزدىن تارتىپ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلدىغان ،يامان ئىشلاردىن باش ،تارتىدىغان ،شەرمى -ھايالىق ،ئەدەپ -ئەخلاقلىق ،دوستانە بىر مىللەت .
شۇڭا مەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە كۆپرەك ئويلىنىشىنى ،توغرا بولغان نىكاھ ،قارىشىنى تىكلەپ ،ئاجرىشىنىڭ ،ئۆزىمىزگە ،ئائىلىمىزگە مىللىتىمىزگە ،بۇلۇپمۇ ئاق -قارىنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان نارىسىدە پەرزەنتىلىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئېلىپ كىلدىغان زىيىنىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئاجرىشىتىن ئىبارەت بۇ خىل يامان تىراگدىيىسىنى ئامال بار قايتا پەيدا قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
داۋامى بار...
305 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-30 23:15:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|