ئادەملەر ... تۇرغۇن راخمان

 ئادەملەر...
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)


  ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارىڭ پەرىقى شۇكى،تىلى-دىلى،مېھرى-مۇھەببىتى ۋە لەۋزىدە تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالاھىدە پەرىقلنىپ تۇرسا كېرەك.شۇ ۋەجىدىن شۇنداق دىيەلەيمەنكى،سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنى بىلمىگەن ئىنسانلارنى نورمال دەپ قارىساق خاتالاشقان بولىمىز.
  ھەي ئادەمەلەر،ئەقىل ھۇشىڭلارنى تېپىپ،پەزىلەتلىك بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى قەدىرلەپ،مەسئۇلىيتىڭلارنى ئادا قىلىپ،ئىش ئورنىڭلارنى سۆيۈپ،ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بولۇپ،يۇقۇرى ساپالىق پۇقرالاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
  مەنچە،ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەملەر ئەقىلسىزدۇر،ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەن ئادەملەر ۋىجدانسىزدۇر، قېرىندىشىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋاپاسىزدۇر،جۆرىسىنى سۆيمىگەن ئادەم ئەخمەقتۇر،بالىسىنى سۆيمىگەن ئادەم شەپقەتسىزدۇر، مائارىپنى سۆيمىگەن ئادەم مېھىرسىزدۇر، كەسپىنى سۆيمىگەن ئادەم پەزىلەتسىزدۇر،يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەم رەھىمسىزدۇر، مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم مەسئۇلىيەتسىزدۇر،ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەم،ئادەم ئەمەستۇر دەپ قارايمەن.
  ئادەملا بولسا،ئادەم ئىكەن دەپ باھا بەرمەيلى،ئادەمدەك ئادەم بولۇشقا تېرىشىپ،ھەقىقي تېنچ،ئىناق،مۇقۇم ۋە  ئىللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ،ئىجىل-ئىناق كىشىلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ،گۈزەل ئانا ۋەتىنىمىزنى،تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان،بارچە گۈللەر بەس-بەستە سايرىغان،ھەممە مىللىت تەڭ تەرەققىي قىلغان،قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى،ئىزدىنەيلى ۋە ھەمكارلىشايلى!
     





165 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 1:47:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 0:36:16 ajim ali
yahxi asarlar koplap yujutka qiksun 
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ