مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(1-قىسىم)

مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(1-قىسىم)

 

ئاپتۇرى:ھەزرتىئەمەر رىشىت   QQ:2253336853

 

ئىنسان «ئادەم»لىكى بىلەن «ھەۋۋا»نى سۆيۈشكە ھەقلىق_ئارىفنامە مۇھەببەت تۇلىمۇ قىممەتلىك نەرسە ئۇ ئنسان ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ،ئۇنىڭسىز ھايات مەنىسىز،دۇنيا قاراڭغۇ،مەن ئۇنىڭسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مۇھەببەت ھېسيات ۋە ئەمەلنىڭ يىغىندىسى. پەقەت ھېسياتنىلا مۇھەببەت دەپ قارىغان ئادەم «ياقتۇرۇش»نى خاتا ھالدا مۇھەببەت ھېسابلىغانلاردۇر. بۇ يەردىكى«ھېسيات»ياخشى كۆرۈش،ياقتۇرۇش ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قۇشۇمچە ھېسياتلارنى كۆرسىتىدۇ،«ئەمەل»دېگىنىمىز مەسئۇلىيەتچانلىق،كۆڭۇل بۈلۈش،،ۋاپادارلىق،بېغشلاش ۋە شۇ يۇلدىكى تىرشچانلىقتىن ئبارەت. مۇھەببەتلىشىشتە ياقتۇرۇپ قېلىش بىلەن ھەققى ياخشى كۆرۈشنى پەرىقلەندۇرۇش كېرەك.ھەرقانداق ئەر گۈزەل ۋە ئەخلاقلىق ئاياللارنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا مايىللىقى قۇزغىلىدۇ،مانا بۇ ياقتۇرۇش،مۇھەببەت ئەمەس. ياقتۇرۇش گۇناھ ئەمەس،ھەرقانداق ئادەم گۈزەللىكنى ۋە گۈزەل نەرسىلەرنى ياقتۇرىدۇ،ئەمما ياقتۇرغان ھامان ئۆزىنىڭ قىلىۋېلشقا ئۇرۇنۇش ياخشى ئەمەس،بەزى ئادەملەر ئۆزى ياقتۇرغانلىكى يات جىنىسقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ ھەمدۇ بۇ ھېسياتىنى تىلى ياكى ھەركىتى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بىلدۇردۇ،بۇنداق ئادەملەر سۇيۇق ۋە ئېچىرقىغان ئادەملەردۇر. مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇھىم،ئەمما مۇھەببىتنى كىمگە بىرش ئاچقۇچلۇق مەسلە.سۇيۇق ئادەملەر ئنتايىن سېخى كىلىدۇ،ئۇلار ئۇچرىغانلىكى،كۆزىگە سىغقانلىكى يات جىنىسلارغا مۇھەببەت بېرىۋىردۇ،بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتى تۈگەپ قالمايدۇ،ئەمما قىممىتى قالمايدۇ،بۇ ئۇلاردىكى «مۇھەببەت ئاچلىقى»سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئادەم ۋە شەيئلەرنى باھالايدىغا ئۆلچەم«قېلىپ»ئۇخشاش بۇلمايدۇ،ئەمما كشلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مەنىۋى جۇغلانمىسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ«قېلىپ»ىمۇھەرخىل رەڭ ۋە ھەرخىل شەكىلگە ئۆزگىرىپ،مۇكەممەللىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەم ھېچكىمنى سۆيەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ«سۆيدۇم»،«پىشتىم»دېگەنلىرى سەپسەتە. ئۇنداقتا ئۆزىنى سۆيگەن ئادەم زادى قانداق بۇلىدۇ? ئۆزىنى سۆيگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى سۆيىدۇ،ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى سۆيىدۇ،ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى سۆيىدۇ.ئۆزىنى تۇختىماستىن مۇكەممەللەشتۈرۇشكە،تەرەققى قىلدۇرۇشقا،مەنىۋىيتىنى بېيتشقا،ئۆزىنىڭ غۇرۇرى ۋە ئابرۇيىنى قۇغداشقا،قەلبىدىكى ئاشۇ«قېلىپ»نى مۇكەممەللەشتۈرۇشكە تىرىشىدۇ.«قېلىپ»ى مۇكەممەل بۇلمىغان ئادەمنىڭ«قېلىپ»گە ھەرقانداق يات جىنىس ماس كېلىۋېردۇ،ئۇنداقلار ئۇچرىغانلىكى يات جىنىسنى«سۈيۈۋېردۇ». «قېلىپ»قانچىكى مۇكەممەل بۇلغانسېېرى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئادەم شۇنچە ئاز بۇلىدۇھەمدە ئۇنىڭ سۆيگۈسىمۇ قىزقىش ۋە كالتە ھاياجاندىن ھالقىپ ھەقىقيلىككە،ساپلىققا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.كۈن نۇرىنىڭ قەغەز نى كۆيدۇرەلمەسلىكى،ئەمما لۇپا ئەينەك بىلەن بىر يەرگە يىغسا قەغەزنى تېشۋىتەلەيدىغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. كۆپىنچە ئاياللار باشقلار تەرپىدىن ياخشى كۆرۇلۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،باشقلارنىڭ مېنى سۆيسۈن دېسە چۇقۇم باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە ئەرزىگۈدەك ئادەم بۇلۇشى كېرەك. سۆيۈشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن چىرايلىق بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ،چۈنكى گۈللەرچىرايلىق بۇلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئادەملەر تەرپدىن ئۇزۋېلىنىدۇ ۋە پۇرىۋېلنغاندىن كېين ئەخلەت ساندۇققا تاشلىۋىتىلىدۇ،ھەرگىزمۇ سۈيۈلمەيدۇ. ھەققى سۆيۈشكە ئەرزىگۈدەك ئايال بۇلۇش ئۈچۈن گۈزەللىك،جەلىپكارلىق ۋە مەلۇم دەرىجدكى مەنىۋى جۇغلانمىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا گۈزەل،جەلىپكار ئاياللاردىن بۇلغىلى بۇلىدۇ? قىياپەت،قەلىپ،تىل،ھەرىكەت قاتارلىقلارنىڭ گۈزەللىكى قۇشۇلۇپ گۈزەل ئۇقۇمىنى شەكىللەندۇردۇ.تۇۋەندە ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلايمىز: قىياپەت:چىراي شەكلىڭىز ۋە بەدەن شەكلىڭىز تۇغما بۇلۇپ ئۇ سىزنىڭ ئختىيارلىقڭىزدا ئەمەس،ئەمما ئۇ جەھەتتىكى كەمچىللىكنى يارشىملىق كىينىش،مۇۋاپىق زىننەت،ۋە ئۆزىڭىزنى پاكىز تۇتۇش ئارقىلىق تۇلۇقلاپ كېتەلەيسىز. ئېسڭىزدە بۇلسۇنكى ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنى پاكىز تۇتمايدىغان،رەتسىز ئايالنى ياقتۇرمايدۇ. قەلىپ گۈزەللىكى:ئەخلاق،ھايا،ۋىجدان،مۇلايىملىق،سەميمىلىك ۋە ئاق كۈڭۈللۈك سىزنىڭ قەلبىڭىزنى گۈزەللەشتۈردىغان زىننەتتۇر.ئەمما بۇلارنى ھازىرلاش سىزدىن بەلگىلىك دەرجىدىكى مەنىۋى جۇغلانمىنى تەلەپ قىلىدۇ،بەلگىلىك دەرجىدكى مەنىۋى جۇغلانمىغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن سىز ئۆزلۈكسز تۈردە ئۆزىڭىزنى قېزىشىڭىز،ئۆزىڭىزگە ئنقىلاپ ئېلىپ بېرشىڭىز،ئۆزلۈكسىز ئۈگۈنۇشىڭىز،ياخشى كىتاپلارنى ئۇقۇشىڭز،…ياخشىلارنىڭ سۆھبىتدە بۇلۇشىڭىز كېرەك.ئېسڭىزدە بۇلسۇنكى ھېچقانداق بىر ئەخلاقسىز،قۇپال ۋە بۇلۇمسز ئايالنى ياقتۇرمايدۇ. تىل گۈزەللىكى:سۆزلىگەندە ھەرگىزمۇ قۇپال،سەت ۋە بىھۇدە سۆزلىمەسلىكى،يۇقرى ئاۋازدا ئەمەس بەلكى مۇلايىم،سىپايە سۆزلىشى كېرەك. ئەمما ھە ددىدىن زىيادە نازلىنىپ،نايناقلارچە سۆزلسە بۇلمايدۇ.بەزى ئەرلەرنىڭ قىلىقسز چاخچاقلىرغا ماسلىشىپ بەرمەسىلىك،ۋاقتدا رەدىيە بېرش ياكى ئۇ سۇرۇندىن دەرھال ئايرىلىش كېرەك.ئېسڭىزدە بۇلسۇنكى ئەخلاقىلق ئاياللار ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ قىلىقسز چاقچاقلىرنى ۋە ئۆزىگە ئەرمەك ھايۋاننى ئەركىلەتكەندەك گەپ قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ھەرىكەت گۈزەللىكى:ئەرلەر بىلەن گەپ قىلىشقاندا قاش كۆزلىرنى ئوينىتىپ گەپ قىلىدىغان،يۇقىرى ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلىدىغان،تۇلا ھجيدىغان،ئەرلەرگە ئۇخشاش قۇپال،ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغان ئاياللارنى ئەرلەر ياقتۇرمايدۇ.ئېسڭىزدە بۇلسۇنكى ئەرلەر قۇپال،توڭ ئاياللارنى ئەمەس بەلكى ئاياللارغا خاس نازۇكلۇقى ۋە لاتاپىتى بار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ. يۇقىرقى تۇت گۈزەللىكنى ئۈزىڭىزگە مۇجەسسەملىيە لىسڭىز ھەققى گۈزەل ۋە جەلىپكار ئاياللاردىن بۇلالايسىز. ئېسڭىزدە بۇلسۇنكى قىز-ئايالار ھەرگىزمۇ گۈزەللىككە ئىنتىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئەيىبلەنمەيدۇ،ھەرقانداق ئنسان گۈزەللىكنى سۆيىدۇ،گۈزەل نەرسىلەردىن زۇق ئالىدۇ. پەقەت ئۇلار چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكلىرى ھەمدە ئەخلاققا، ئۆرۇپ-ئادەتكە زىت كېلىدىغان بىر قىسىم غەلىتە كىيىملەرنى كەيگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. قىز-ئايالارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۇش،ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش،ئۇلارغا ئەخلاقى تەربىيەنى كۈچەيتىش پەقەت كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربيىيلەپ چىقىشتا زور پايدىسى بۇلۇپلا قالماي يەنە ھازىرقى جەميەتنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەشكە،جەمئيتىمىزدىكى ئەخلاقى چېكىنىشنى تىزگىنلەشتە ناھايىتى مۇھىم رۇل ئۇينايدۇ.چۈنكى جەمىيەتتىكى يات جىنسلىقلار ئۇتتۇرىسدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشنىڭ،بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاچقۇچى ئاشۇ قىز-ئاياللارنىڭ قۇلىدا. ناۋادا بىر ئەشەددى سۇيۇق ئەر بىر پاك،ئەخلاقلىق ۋە ئاقىل ئايالنى يامان يۇلغا باشلاشقا،ئەخلاقسىزلىققا قۇترىتىشقا ئۇرۇنسا،ئۇ ئايال ئۆزىگە چاڭ قۇندۇرمايدۇ ھەمدە ئاشۇ ئەرنىمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خىجىل قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر ناھايىتى سۇيۇق ۋە يەڭگىلتەك بىر ئايال بىر ئەخلاقلىق،پاك ،ئۆزىنى تۇختاتقان،ھېچقاچان خىيانەت قىلىپ باقمىغان ئەرنى ئازدۇرماقچى،ناشايان،ئەخلاقسىز ئىشقا قىززىقتۇرماقچى بولسا ھەرخىل ھىيلە-مىكىر ۋە ناز-كەرەشمىللىرى ئارقىلىق ئۇ ئەرنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ،قەلىپ كۆزىنى كور قىلىپ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىتالايدۇ. شۇڭا دەيمىزكى پەقەت قىز-ئاياللار ئىمكانىيەت بەرمىسلا،مايىللىقىنى بىلدۇرمىسلا ھەرقانچە سۇيۇق ئەرمۇ چىگرادىن ئۆتەلمەيدۇ،نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.

 داۋامى بار…





1265 قېتىم كۆرۈلدى izdan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-8 20:56:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 17:16:30 بۈۋى مەريەم
بۇ ئەسەر ھازىقى رو ھى كىسەلەر گە دا ۋل بولغۇدەك
2016-4-25 8:18:27 ئ‍ادىلە
ياخشى يىزىلغان ئ‍ەسەركەن
2016-4-9 1:36:56 rustam
bak yahxi yezlptu ...
2015-8-12 15:11:37 nadira
man yahtur..dum
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ