دوسلۇق ھەققىدە پايدا مەنپەئەتلىك دوسلۇق ، ئۇستەلدىكى تاماق يىيىلىپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ . *****************************
كۆۋرۇكتىن ئۆتكىچە سەن ئاداش ، ئۆتۇپ بولغاندا مەن قاقباش .
*****************************
بېشىڭغا ئېغىر كۇن چۇشمىگىچە دوس سىنالماس ، ياخشى دوس يېنىڭدا بولسا كۈنىڭ قىينالماس . *****************************
دوس تۇت تاللاپ تۇت ، ئەسكىسىنى شاللاپ تۇت .
*****************************
ھەقىقىي دوستۇم يوقتۇر دېسەڭ ، يالغۇز ياشا ، يالغۇزنىڭ يارى خۇدا ؛ *****************************
تۇنۇشۇم كۆپ دوستۇم دېمە ، چۇشەنمەستىن پوقنى يىمە .
*****************************
ھەقىقى دوس تاللىماقچى بولساڭ ، دوسنى سىنىشقا ماھىر بولۇشىڭ كېرەك. *****************************
مەنپەئەت ئۈچۇن دوس تۇتقانلىق ، چوڭقۇر ھاڭغا چۇشكەنبىلەن باراۋەر . *****************************
بەزىدە ھەقىقىي دوس ساڭا زەھەر سۆيلەيدۇ ، سەن يامانلايسەن . ساختا دوستۇڭ كۇلۇپ سۆزلەيدۇ ، سەن پاتقاققا پېتىپ چىقالمايسەن .
****************************
ھەقىقىي دوسلۇق سەزگۇر كاللا ئارقىلىق ئايرىلىدۇ ، دۆت دوس چۇشەنمەستىن قايرىلىدۇ . *****************************
ئېغىزدىكى دوسلۇق ئالتە كۇنلۈك ، يۈرەكتىكى دوسلۇق بىر ئۆمۇرلۇك . *****************************
يېنىڭدا بولسا كەلگىن دوستۇم ، قالمىغاندا يوقال كەمبەغەل تونۇشۇم . *****************************
كىملەر قالدى دوستۇم دېگىدەك ؟ يامان كۇندە كەلگىن دېگىدەك ؟ يانچۇقۇڭدا قالمىسا مەيلى ، تەڭ تاپايلى تىرىشىپ دېگىدەك ؟ مانا باردۇر مەندەك دوسلۇرۇڭ ، قالمىغاندا بېشىڭ سىلايمىز . قالساڭ ئەگەر يامان كۈنلەردە ، قول بېرىشىپ سېنى ساقلايمىز . مۇشۇنداق دېيەلىگەن ئەمىليەتتە كۆرسىتەلىگەن ،دوسلۇق چىن دوسلۇقتۇر.
*****************************
ياخشى دوس ھەقىقەتتىن ،يامان دوس ساختىلىقتىن ئايرىلمايدۇ .
*****************************
ھەقىقىي دوسلۇق ئېغىر كۈنلەردە ، ساختا دوسلۇق خوشال كۈنلەردە ، ساڭا ھەمرا بولىدۇ . *****************************
يامان دوسلار سېنىڭغا ئەلەم ، ياخشى دوسلار يۈرەككە قەلەم .
*****************************
مۇھەببەت ھەققىدە چىن سۆيگۇ يۈرەككە ئورنىتىلغان بولىدۇ ، ئۇ چىنلىقى بىلەن گۈزەل كۆرىنىدۇ . *****************************
باشقىلارنى سۆيۇشنى بىلمىگەن كىشى ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سۆيىشىنى كۈتمەسلگى كېرەك . *****************************
كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۇن مۇھەببەت تۇتقىنىڭ ، مەڭگۇگە ئەلەمنى يۇتقۇنىڭ . ****************************
كىچىككىنى ئىشلاردىن مۇھەببەت ھاسىل قىلالىغان ئادەم ، ئۆمۇر بويى خوشال ياشاشقا ھوقۇقلۇق . *****************************
مۇھەببەتكە قىلىنغان ئاسىيلىق ، ئۆز كۆگلىگە ئۆزى قاتىللىق .
*****************************
ھەقىقىي مۇھەببەت چۇشەنگەن كىشى ،قىلماس ھەرگىز نادانلار ئىشى . *****************************
مۇھەببەت ئېغىزدا بولماستىن ، ئۈن - تىنسىز يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ، ئىسسىق -سوغۇقتا بىرگە بولۇشتا ،چوڭ -چوڭ ۋەدىلەردە بولماستىن ، ئاشۇ كىچىككىنە كۆيۈنۇشتە بولىدۇ . *****************************
ھەقىقىي مۇھەببەت ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكتىن ئايرىلالمايدۇ ، چۈنكى دۇنيادا كەم كۈتىسىز ئىنسان يوق ، ئەڭ مۇھىمى ھېس قىلىپ تۇزىتىشتە ، كەچۇرۇشتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ . *****************************
سۆيگۇ بىلەن يارالغان ئىنسان ، مۇھەببەت تارالسۇن ھەريان . ۋاپا -ساداقەت بولسا يىلتىزى ، نۇر چېچىپ بولغۇسى جەۋلان .
*****************************
2015 ***8 ***10k
ئاپتور : مەمەتجان يىمىت(مەنزىلىم -san ௸✍)
1207 قېتىم كۆرۈلدى | مەنزىلىم~سەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 21:02:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-5 23:30:31 | bigubar |
bak yahxi yeziliptu.bak yakturdum. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|