مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى
ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغانكى تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشى لازىم.قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرايمىز. بىزنىڭ ھەربىر ئىشتا بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇشىمىز مۇۋەپپەقىيەتكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر.
بىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنمەسلىكىمىز كېرەك. چۇنكى بىر قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىمىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىزگەبىر قېتىملىق قىلغان سوۋغىسىدۇر. ئېدىسونننىڭ لامپۇچكا ياساش جەريانى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ .
ئىدىسون لامپۇچكا ياساش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.ئۇ ھەر بىر قېتىم مەغلۇنىيەتكە ئۇچىرىسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتەتتى . بۇنى كۆرگەن شاگىرتى تولىمۇ تېرىكەتتى ،ئېدىسونغا مۇۋەپپىقىيەتكە قازىنالمايدىغانلىقىنى، بۇ تەجرىبىنىڭ ئۈنۈمى يوق تەجرىبە ئىكەنلىكىنى دەيتتى.ئەمما ئېدىسون زادىلا بوشاشماي،ھەر بىر قېتىم مەغلۇپ بولغاندا بىر خىل ئىلمىنىتنىڭ لامپۇچكا ياساشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ،جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئاخىر ئاسان كۈيۇپ كەتمەيدىغان ،لامپۇچكا ياسىغىلى بولدىغان ئىلمىنىتنى بايقاپ چىقتى .
شۇڭا بىز قەدىمدىن بۇيانمەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى دەيمىز. تارىختا ھەر قانداق «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى»يېڭىلمەس ئېتىقادقا،بوشاشماس تىرىشچانلىققا،قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەيدىغان جاسارەتكە ئىگە بولغۇچىدۇر. شۇنداق،ناۋادا سىزدىمۇ شۇنداق روھ بولىدىكەن،ئۇ چاغدا سىزمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىنى دادىل ئاچالايسىز !
339 قېتىم كۆرۈلدى | AZMAT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 21:29:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|