ئون ياخشى ئۆسمۈر

         10 ياخشى ئۆسمۈر
قەلبنىڭ قانداق بولۇشى ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. كىشىدە گۈزەل شەخسىيەتسىز قەلب بولغاندىلا باشقىلار قەلبىدە ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە قەدىرلىنىدۇ .
قەلب يىرگىنىشلىك ۋە شەخسىيەتچى بولغاندا باشقىلار قەلبىدىن يامان دېگەن نامغا قېلىپ بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، جەمىيەتتە بىر ئازمۇ ئورنى بولمايدۇ، قەلب گۈزەللىكى كىشىنى شۇنچە سۆيۈندۈرسە ئۆزىگە شۇنچە ھۆرمەت تاپىدۇ، قەلب يىرگىنىشلىك بولسا ئۆزى شۇنچە چۈشكۈنلىشىپ ، ئۆزىنى شۇنچە ھالاك قىلىدۇ !
قەلب خۇددى يېڭى كۆچەتكە ئوخشايدۇ، خۇددى كۆچەت پەرۋىشكارنىڭ پەرۋىشىگە موھتاج بولغاندەك قەلبمۇ كىشىنىڭ قانداق تەربىيىلىشىگە  موھتاج،  «ئات   ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىگە ئات مىنگەن كىشى ئادەمنىڭ روھىيىتىگە ئوخشايدۇ» . شۇڭا ئادەمنىڭ روھىيىتى كىشىگە يول باشلىغۇچى دەيمىز.روھىيتىمىز قانچە گۈزەل ، قانچە ئۇلۇغ بولسا قىلغان ئىشىمىز شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
بىز ياش ئۆسمۈرلەر ھازىردىن باشلاپ يۇمران سەبىي بىغۇبار قەلبىمىزنى  ھەر خىل يامان ئادەتلەر، بولمىغۇر ئىشلار بىلەن يۇقۇملاندۇرماسلىقىمىز، روھىيىتىمىزنى ۋە قەلبىمىزنى يۈكسەكلىككە باشلىشىمىز، ھەمدە پاك ھەم شەخسىيەتسىز قىلىپ پەرۋىش قىلىشىمىز كېرەك.
مەن ئۆزۈمنى مۇنۇ جەھەتلەردە تىزگىنلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزۈمدە پاك ھەم شەخسىيەتسىز گۈزەل قەلب  قىلدىم :
1.ئاتا ئانا ئەڭ ئۇلۇغدۇر، شۇڭا مەن پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتا ئانامنى ھۆرمەتلەيمەن.چامىم يەتكەن ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىمەن. ئاتا ئانامنىڭ  يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىمەن.
2.ئىلىم مەرىپەت ئۆگەتكەن ئۇستازلىرىم مېنىڭ ئىككىنچى ئاتا ئانامدۇر، ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ھەم ئاتا ئانامنىڭ دۇر، شۇڭا ئۇستازلىرىمنى ھۆرمەتلەيمەن، ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىنى يەردە قويمايمەن، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ھەم ئۆگىنىشتە تەڭ ئىلگىرىلەيمەن.
3.چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەش بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتى ،  شۇڭا چوڭلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن ئاتاپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىمەن ، ياردەم قىلغۇدەك ئىشلارنى بەجا كەلتۈرىمەن، ئۆزۈمدىن كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ئۇلارغا ھەرقايسى تەرەپلەردىن ياردەم قىلىپ ۋە ئۈلگە بولىمەن، دائىم ياخشى ئاكا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
4.«ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قارىسىنى سالماسلىق » مېنىڭ ئەڭ مۇھىم مىزانلىرىمنىڭ بىرى ، بىر نەرسە تېپىۋالسام ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە تىرىشىمەن .
5.«پولاتنىڭ ئىگىلگىنى سۇنغىنى ، يىگىتنىڭ ئۇيالغىنى ئۆلگىنى » ، مەن  بىر ئوغۇل بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن ۋىجدانىم غورۇرۇم بىلەن ياشايمەن ئوغۇرلۇق قىلمايمەن، كىشىنىڭ رۇخسىتىسز بىر تال  يىڭنىچىلىك نەرسە ئالمايمەن.
6.يۈرۈش تۇرۇشۇمغا دىققەت قىلىمەن پاكىز يۇيۇنۇپ تارىنىپ كىيىم كېچەكلىرىمنى پاكىز ھەم رەتلىك كىيىمەن.
7.«كىتاب ئۇ بىزگە  بىلىمنى ۋاسىتىلىك بەرگۈچى» شۇڭا كىتاب ماتېرىياللىرىنى رەتلىك پاكىز ساقلايمەن ھەم كۆپلىگەن پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇيمەن.
8.« ئوغۇل بالىغا 70 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلۇر» ،  شۇڭا مەن ئاپامغىلا يۆلىنىۋالماي ئاپامغا ياردەملىشىپ تاماق قىلىمەن، ئاپام يوق چاغدا ئۆزۈم تاماق قىلىپ يەپ ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزەم چىقىمەن.
9.ئۆي پاكىزە بولسا بەرىكەتلىك بولىدۇ ، شۇڭا مەن ئۆزۈم بىلىپ ئۆيلەرنى ،ھويلا ئاراملارنى پات پات تازىلاپ تۇرىمەن ۋاقتىم يەتسىلا كىر كىيىملەرنى يۇيىمەن، پاكىزلىقنى سۆيىمەن.
10.مەيلى تونۇشسام ياكى تونۇمىسام قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسا،  ياردەم بېرەلىسەملا تىرىشىمەن ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ھەم ئۆزۈمنى خۇش قىلىمەن .
ھايات يولى مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن مېنىڭمۇ قىلالايدىغان ئىشلىرىم كۆپ ، كىچىك ئىشلارنى ھايات سەپىرىمنىڭ بىر قىسمى دەپ ھەرگىز تاشلاپ قويمايمەن، ئۆزۈمدە شەخسىيەتسىز گۈزەل روھ بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن ھەم مۇشۇ پەزىلەتلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن كىچىك بولساممۇ ئاتا - ئانام ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىم ، ئۇستازلىرىم ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھۆرمەتلىشى ھەم ئىززەتلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم !
     





197 قېتىم كۆرۈلدى zibibulla ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 14:18:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ