ئۈنسىز تەربىيەنىڭ ئۈنۈمدارلىقى - تۇرغۇن راخمان

ئۈنسىز تەربىيەنىڭ  ئۈنۈمدارلىقى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار قەلبىدە قالتۇرغان تەسىرى تۈرتكىلىك بولىدۇ.
  ئاتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن،ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكاننى قوغداشنى،مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاىلىدىكى ھەر-بىرئەزاغا سىڭدۈرۈپ،ۋۇجۇدىدىن بېغىشلاپ،ئايالىنىڭ قوللىشى ۋە ئورتاق تېرىشىشى ئاساسىدا،قولنى-قولغا تۇتۇپ،ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن،بالىلارغا ئۆلگە بولۇپ،ئۇلاردا كىچېگىدىن باشلاپ،ئائىلە،جەمىىيەت ۋە ئۆزىنى سۆيۈشنى، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
ئاتا-ئانىلار،ئۆزلىرىنىڭ  ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتلىرى،غورۇرى، سەمىمىيلىكى،راستچىلىقى،مۇستەقىللىقى،قانائەتچانلىقى، ئەپۇچانلىقى بىلەن،پەرزەنتلەرنىڭ دىلىنى يورۇتۇشقا، ئادىمىيلىكىنى يىتىلدۈرۈشكە،ئىجابى تەسىر قىلىشقا ھۇششار بولۇش كېرەك.ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن،بالىلارنىڭ روھىتىنى يورۇتۇپ، ئۇلاردا،ئار-نۇمۇس،ئاددى-ساددىلىق،شۈكۈر قانائەت،ئەقىدىلىك،دىيانەتلىك،قەددىنى رۇستلاش،ئۆزىگە تايىنىش قاتارلىق زۆرۈر بولغان ساپا،ئاڭ-قاراشلار،ئادەت قاتارلىق ئەقىدىللىرىنى يىتىلدۈرۈش ۋە سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
  ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنىڭ شەرمى ھاياسى بىلەن،بالىلارغا ئۆلگە بولۇپ،ئىپپەت-نۇمۇس،غورۇر-ۋىجدان، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئەخلاق،كىشلىك مۇناسىۋەت،مىننەتدارلىق تۇيغۇسى قاتارلىق مۇھىم ساپالارنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئەقىدە ئىچىدە بېرىلگەن،مېھرى-مۇھەببەتنىڭ تەربىيەۋى  كۈچى تەڭداشسىزدۇر.
  ئاتا-ئانىلارنىڭ،چوڭلارنىڭ،ئۇستازلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى بالىلارغا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۈنسىز تەربىيە بولۇپ،ئۈنۈمدارلىغى ئىنتايىن يۇقۇرى،شۇڭا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرىمىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
     





168 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 0:44:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ