ئاجرىشىش ياخشى ئىشمۇ؟(2)
ياسىنجان رۇزى
ئاجرىشىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم ،ئەمما بۇخىل تىراگدىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىپ بېرىشى ئادەمنى ھەقىقەتە تەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ،بۇزادى نىمە ئۈچۈن ؟بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن مەن ئويلىغانىلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە ھۇلاھىزە قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويماقچىمەن .
ئاجىرىشىش بولسا ئۆز ۋاقتىدا ،مەيلى چوڭلار ياكى باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇىشى ،ۋەياكى ئۆزلىرى ،ئۆز-ئارا بىر بىرىنى ياخشى كۈرۈشۇپ يۈرۈپ ،،ئاتا -ئانىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن پۈتۈن دوس -بۇرادەرلەرۋە جامائەتنىڭ گۇۋالىقى بىلەن مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆتۈشكە پۈتۈشكەن،بەخىتكە ئىرىشكەن ،بىر جۇپ ئاشىق -مەشۇق،ئەر -خۇتۇننىڭ بىر -بىرىدىن ۋاز كىچىپ،پەيدا قىلغان تىراگدىيىسىدۇر .
ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇخىل تىراگدىيىنى پەيدا قىلشىدا زادى نىمە سەۋەپ بار ؟
بۇسەۋەپنى ئىزدەشكە توغرا كەلسە بەلكىم نۇرغۇن سەۋەپلەر ئوتتۇرغا چىقىشى مۆمكىن ،مەسلەن :
1.تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا چىقىشالماسلىق .
2.ئەر-خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئۈچىنچى سەخىسنىڭ پەيدا بۇلىشى .
3.ئەر -خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ،يول قۇيۇش بولماسىلق
4.ئەر -خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە چوڭلارنىڭ ،ۋە باشقىلارنىڭ ئارلىشىشى .
5.ئەر -خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى بەزى يىرىك مەسلىلەرنىڭ ۋاقتىدا توغرا ھەل قىلىنماسلىقى ،…دىگەندەك .ئەممابۇ مەسلىلەر ،مىنىڭچە ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇخىل تىراگدىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ھەقىقى سەۋەپ بۇلالمايدۇ ،
چۆنكى يۇقارقى سەۋەپلەر ئەمىليەتتە بىز توغرا ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغان ،ئۆزگەرتەلمەيدىغان مەسلە ئەمەس ،شۇڭا ھەقىقى سەۋەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە،يەنى توغرا بولغان نىكاھ قارىشىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدە ،شۇنداقلا نىمىنڭ نىكاھ ،نىمىنىڭ بەخىت ،ئىكەنلىگىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ يىتەلمىگەنكىمىزدە .ئەگەر بىز بۇلارنى ھەقىقى ھىس قىلىپ يىتەلىگەن بولساق ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،شۇنچە گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلاربىلەن قۇرغان ئائىلمىزنى،خاراپ قىلىپ،چوڭلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالماي داغدا قالدۇرمىغان ،شۇنداقلا گۇناھسىز كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان نارىسىدە پەرزەنتىمىزنى كۆزى ئۇچۇق يىتىم قالدۇرمىغان بۇلاتتۇق …!
شۇڭا ،بىز بۇھەقتە يەنىمۇ كۆپ ئويلىنايلى تىرىشىپ ئۆزىمىزدە توغرا بولغان نىكاھ قارىشىنى تىكلەپ ،ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاجىرىشىشتىن ئىبارەت بۇ تىرگدىيەگە ئەمدى يۈزلەنمەيلى !
داۋامى بار
265 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-5 2:30:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|