سەبىر - گۈلنۇر

سەبىر 

 گۈلنۇر


  سەبىر كىرەك ئىنسانغا، سەبىر كىرەك ياشاشتا، سەبىر كىرەك كۈلپەتكە ، سەبىر كىرەك ئۈممەتكە ،ھەر بىر ئىشقا پەقەت سەبىر كىرەك ،سەبىرنى ھەمراھ قىلساق كۆڭلىمىز ئەمىن تاپار ،سەبىر ھەمرا بولسا ئىشىمىز روناق تاپپار ،مەن سەبىرنى ھەمرا قىلدىم ھەربىر ئېغىر قىيىنچىلىق ھەم ھەر بىر دەر ت ئەلەملەرنى چەككەندە يەنىلام ماڭا سەبىر ھەمرا بولدى ، ئىنسان بۇ يورۇق دۇنياغا بىر قىتىم تىرىلىپ يۈز قىتىم ئۆلىدۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم ئۆلگەندە باشقىلار يىغلىسا قالغان توقسان توققۇز قىتىم ئۆزى يىغلايدىكەن مانا شۇ يىغىنى يىغلىغان شۇ دەقىقىلەردە گاھىدا تەسەلىي بەرگۈدەك بىر چىقسا گاھىدا ھىچكىم يوق تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلاشقا مەجبۇر ھەم ئۆز ئۆزىگە تەسەلىي بىرىشقا تىرىشماسلىقا ئامال يوق ئىكەن ، ئىنسان ھاياتىدا دائىم خوشال يۇرگىلىي بولمايدۇ ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا ئون بەشى ئايدىڭ بولغاندەك خوشالىق بىلەن خاپىلىق نۆۋەت ئالمىشىپ كىلىپ تۇرىدۇ، ئىنسان بىر ئۆمىر ساق ئۆتەلمەيدۇ ھەم مەن شۇنداق ساق سالامەت يۈرمەن دەپ ئۆز -ئۆزىگە كىپلىك بىرەلمەيدۇ ئەلۋەتتە بىز شۇنداق خوشاللىقا چۆمگەن شۇ چۇغلاردا ئەس ھوشىمىزنى يوقۇتۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپ بىزدە بۇ خوشاللىق يوقالمايدىغاندەك يۇرشىمىز،تۇيۇقسىز شۇنداق بىر كۈلپەت ،ئىغىر كۈن كەلگەندە تەسەللىگە مۇھتاج بولۇپ باشقىلارنىڭ يولىرىغا تەلمۇرۇپ باشقىلارنىڭ بىزگە تەسەللىي بىرىشىنى ساقلايمىز ئەمما ھىچكىم يوق يەنىلام بىز يالغۇز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تەسلىي بىرىمىز بىزگە ھەمراھ بولدىغىنى يەنىلام شۇ سەبىر .
سەبىر كىرەك ، بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان شۇنداق ئەزىزلىرىمىزدىن  ئايرىلغاندا ئىچىنىشلىق ئاھۇ زار نەلە پەرياتلار كۆككە كۆتۈرلۇگەن شۇ ۋاقىتىلاردا يىنىمىزد بىرى ىىر نەچچە كۈن تەسەلىي بىرىپ بىشىمىزنى سىلىغان بىلەن نەچچە كۈندىن كىيىن بىز يەنىلام يالغۇز بۇرۇقتۇم غىرىپلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان شۇ ئەسنادا ئىشىكنى ئاستا ئىچىپ كىرىپ بىزگە ھەمراھ بولىدىغىنى يەنىلام شۇ سەبىر .
شۇ سەببي ئېغىزىدىن سۇت تىمىپ تۇرغان ئاتا -ئانا مىھرىگە قانمىغان باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇرۇپ سوقۇلۇپ خارلىنىپ يۇرگەن شۇ بيچارە نارسىدىلەر كىچىكىنە تۇرۇپ سەبىرنى ھەمرا قىلۋالسا ئاشۇلارنىڭ بىچارە جاپپاكەچ مىھرىبان ئاتا -ئانىلىرى پەرزەنت ئىشقىدا قان يىغلاپ پەرزەنتىمىز ھاياتلا بولسا ئۆز يىنىمىزغا قايتىپ بىزنىڭ ئىللىق باغرىمىزغا ئۆزىنى ئىتىپ بىزنىڭ مىھىرىمىزگە قانسا بىزمۇ شۇ ئوماقلىرىمىزنىڭ مىھرىگە قانىمىز دەپ ئۆزىگە تەسەلىي بىرىپ شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ يولىرىغا تەلمۇرشىدۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشىغا چەكسىز سەبىرلەر سىڭگەن سەبىر ھەم ئۇلارغا ھەمراھ بولغان ،سەبىر كىرەك ھەممىگە سەبىر كېرەك مۇرات -مەقسىدىگە يىتەلمەي دەر ئەلەم ،ئىشىقى پىراقتا قىينىلىپ پەرھات-شىرىن،لەيلىي -مەجنۇن كەببىي مۇھەببەت ۋىسالىغا يىتەلمەي قىينىلۋاتقان شۇ ئاشۇق-مەشۇقلار ھەم سەبىرنى ھەمرا قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىردە تەقدىرىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇپ بىزلەرمۇ ئاشىق ۋىسالىغا يىتىپ قالارمىز دەپ ئۆزلىرىگە تەسەلىي بىرىپ شۇ مۇرادىي ھاسىل بولغان شۇ كۈنلەرگە يىتىش ئۈچۈن يەنىلام سەبىرنى ھەمرا قىلىشىدۇ ماناسەبىر بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزدا كەم بولمايدىغان دائىم بىزگە ھەمرا بولدىدىغان باشقىلار تاشلاپ كەتسىمۇ ،بىزنى تاشلاپ قويمايدىغان پەقەت ۋە پەقەت شۇ سەبىر ……





200 قېتىم كۆرۈلدى گۈلنۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-29 20:28:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-23 4:31:22 راھىلە
يارايسەن ئاداش ناھايتى ياخشى يىزپسەن 👍👍👍👍👍👍👆
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ