بەزى نۇمۇسسىز سالونچىلارغا سۆز
نۇمۇسسىز سالونچىلار كۆرگىچە تارقىتىڭ
جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈندىدار، چ چ ۋە سالون دىگەنلەر ئۇچقانندەك تەرەققىي قىلغىلى تۇردى، خەلىقلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەرخىل سالونلار قۇرۇلۇپ بەزەنلىرى خەلىققە قولايلىق ئېلىپ كەلسە يەنە بەزەنلىرى ئۆز مەنپەتىگە چوغ تاتىشتىن باشقا ئىشنى ئويلىمىدى، يەنە نۇرغۇن سالونچىلار بىزنىڭ ناھايىتى ئاسان ئالدىندىغان ئاق كۆڭۈللىكىمىزدىن پايدىلنىپ ، نۇرغۇن يالغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆز سالونىدىكى ئەزا سانىنى ئاشۇرۇشنىلا ئويلاپ كەلدى، بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ راس يالغانلىقىغا قارمايلام ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى، بوپتۇ بۇمۇغۇ مەلى دەيلى، شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلمىگەن مەزمۇنى ئېسىل سالونلىرىمىزنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلدۇق، لىكىن بىزنىڭ بەزى ئۆز مەنپەتىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شۇنداق نۇمۇسسىز ، ۋىجدانىنى ئىت تالىۋەتكەن ، ھايا دىگەن سۆزدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان سالونچىلار ھەددىن بەك ئاشقىلى تۇردى، ئۇلارنىڭ سالونغا يولىغان مەزمۇنلىرىدىن ئەسلا بىر خەلىققە پايدىلىق بىز ئۇچۇرنى كۆرمىدىم ، ھە دىسە شۇ ئۇنىڭ ئۆيدە مۇنداق ئىش بوپتۇ، بۇنىڭ ئىشتىنى چۈپ قاپتۇ ، تېخى بەزى گەپلەرنى ئېغىزغا ئالغۇسىز . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ سالونچىلاردىن سوراپ باققىم كىلىۋاتىدۇ ، سىز سالوننى نىم دەپ قۇردىڭىز؟ شۇ ھاياسىز مەزمۇننى يوللاش ئارقىلىق مىللەتنى چىرتىش ئۈچۈنمۇ، يا سىز يولىغان مەزمۇن سىزگە كۆپلەپ پايدا ئىلىپ كىلۋاتامدۇ؟شۇ پايدىلار سىلەرنىڭ غورۇرىڭلارنىدىن ئۈستۈن تۇردىمۇ؟ سىزنىڭ ئاچا-سىڭىلىرىڭىز ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭىز ئۇندىدار ئوينىمامدۇ ؟ سىز ئۇلارغا سالونىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتمىدىڭىزمۇ يا؟ ئۇلار يا سىز يولىغان مەزمۇنلارنىڭ ئېسىللىقىدىن ھەركۈنى شۇ ئېلانى چىكىپ سىزگە پايدا مەنپەت ئېلىپ كىلۋاتامدۇ؟ توغرا ھەربىر ئادەمنىڭ بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئازراق ئۆز مەنپەتىنى ئويلەيدۇ بۇ ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس، لىكىن سىز بۇ يول ئارقىلىق پايدا مەنپەتكە ئېرىشىپ قانچىلىك كىرىم يارتىۋەتىڭىز؟ تېخى ئىزامۇ تاتماي مەزمۇن يارىغان بولسا دوسلار چەمبىرىكىڭىزگە يوللاپ قويۇڭ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ دەيدىكەنسىز, ھەممە ئادەم سىزدەك نۇمۇسسىز ئەمەس ، قالايمىقان مەزمۇننى يوللاپ يۈرىيدىغان ، شەخسەن مەن شۇنداق سالوننى كۆرگە زامان شۇ سالونى ئاۋال پاش قىلىتىپ ئاندىن چىقىپ كىتىمەن ، بەلكىم مىنىڭ يالغۇز پاش قىلغىنىمغا سالونىڭزنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ناتايىن ، ئەگەر يەنە مەندەكتىن ئونى شۇ سالونىڭىزنى پاش قىلسا بەلكىم ۋاقىتلىق توختقشى مۇمكىن. سىز ئامال قىلىپ ئۇنى ئاچىسىز بىراق سىزنىڭ بۇ يول ئارقىلىق بېيىپ باي_باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىپ كىتىشىڭىز ناتايىن، شۇڭا مەن ئاخىردا ھەربىر سالونچىنىڭ پەقەت ئۆز مەنپەتىنى ئويلاپ بۇنداق ھاياسىز مەزمۇنلارنى يوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ! بەلكىم سىز ئېسىل مەزمۇنلارنى يولىسىڭىز ئېلان چېكىدىغانلار ئۆزلىكىدىن چىكىدۇ ۋە ئۆزلىكىدىن دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويۇشى مۇمكىن ! ھەرگىزمۇ ھاياسىز مەزمۇن بىلەن سالونۇننى تەرققىي قىلدۇرمەن دەپ جاپا چەكمەڭ !ئۇنداق قىلغاندىن خەققە مەدىكا بولۇپ ئىشلىگەن ئەۋزەل……
قانداق ئىنكاسىڭىز بولسا مانا ماڭا دەڭ ئۈندىدار نومۇرۇم Samii0909
334 قېتىم كۆرۈلدى |
hayatyolum |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-8-3 0:23:32 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 19:22:39 |
نۇرانى |
گىپىڭىزنى بەك تۇغرا دەپ قۇللايمەن قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن |
2015-8-5 10:20:09 |
گولجامال |
بەك ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز دىمىسىمو بەزى سالونچىلار چوقوم دىققەت قىلىش كېرەك |
2015-8-4 12:19:15 |
ئەلقۇت |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز بەزەن بىر سالونچىلار بەك چىكىدىن ئاشۇرۋەتتى |
2015-8-3 12:35:28 |
xahla |
kollayman bak yahxi yezep tu |
2015-8-3 2:18:21 |
ھايات يولۇم |
رەھمەت قېرىنداشلىرىم ، بىز بۇنداق ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ، چۈنكى بىرمىللەت تۈزلىمەن دەيدىكەن ئاۋال ئۆزدىكى ئىللەتنى تۈزىتىشى كېرەك، ئەگەر بىز مۇشۇنداق ھاياسىز مەزمۇنلارنى قوللاپ يۈرسەك بىزنىڭمۇ ئۇلادىن نىم پەرقىمىز بولسۇن دەيسىلە! شۇڭا مىنىڭ دەيدىغان بىر جۈملە سۆزۈم(ھايادىن سۆز ئاچالمىغان ئادەمنىڭ ھاياتىدا نە مەنە بولسۇن!). |
2015-8-3 0:57:44 |
مىھمان |
ۋىجدانىڭىزغا بارككاللا |
2015-8-3 0:55:10 |
mawlida |
گىپىڭىز بەك توغرا قوللايمەن بەزەنلار بىرخەۋەرنى ئىت،،يىلدىن،،ئىشەك،،يىلىغىچە،،سورەيدۇ،،،كەسى،،كەممەس،،قىزلارنىسوكىدتىللاشتىن،،،بۇرۇن،،ۇ،يىلدىن،،ئىشەك،،يىلىغىچە،،سورەيدۇ،،،كەسى،،كەممەس،،قىزلارنى،سوكىدۇ،،،شۇ،،،،قىزلارنى ،تىللاشتىن،،،بۇرۇن،،،،،مەسئۇليەتنىڭ 🎋🎋🎋🎋🎋كىمدە،،،ئىكەنلىكىنى،،نىمىشقا،،،ئويلاپ،،باقمايدۇ،،،ياكى،،بۇ،،دۇنيادە،،ئەر،،ئايالدىن،،باشقا،،،جىنىسلىق،،،ئادەم،،،بولمىسا،،، |
2015-8-3 0:45:31 |
turpan kizi |
قاينىغان ۋىجدانىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن رەھمەت...ئويلاپراق ئىش قىلىڭلا باللا... مىللىتىمىزنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى پىفا قىلىپ كىتدىكەنسىلە يا ئاللاھ...بەكلا پەخىرلىنىپ كىتۋاتامسىلە يە ئۆزۈڭلاردىن ...سالۇندىن ياخشى پايدىلنايلى ياخشى نەسلەنى يوللاڭلا ئەزا بۇلايلى ئۆزلىكىمىزدىن ...رەھمەت سىلەگىمۇ جاپا چەكتىڭلا ،جاپانى تاتقانغا چۇشلۇق نەسلەنى يوللاسىلە..رەھمەت رەھمەت رەھمەت... |
ئىنكاس يېزىڭ