مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(3)

مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(3)

 

چەشمە يازمىسى

 

 قىزلار تۇغۇتدىن كىيىن ،يېڭىچە ھالەتتە ئانا بۇلۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ قولىڭىزدىكى بۇ بوۋاق كەلگۈسدە ئەڭ كاتتا باي بولۇشى ،ئەڭ چوڭ ئەمەلدار بۇلىشى ياكى ئاددى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ،ئنسان روھنى تازلشى ياكى تازلىق ئشچىسى بۇلۇپ يەر سۈپۈرشى،،ياكى تۇرمۇشنىڭ باشقا رۇجەكلىردە تىنەپ ،بوران-چاپقۇن ئىچدە ئىزدىرەكسز غايىپ بولىشىمۇ مۇمكىن ،،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن باشقىلارغا بىر چىنە سۇ بىرىش ئۈچۈن ،ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولىشى كېرەك دىگەندەك، تۇنجى ئىلىم ئورۇقىنى سالىدىغان ئانا بولغۇچىدا ،شۇ سالاھيەتكە ماس كەلگۈدەك ، يوق دىگەندىمۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بىلىم سەۋيىسى بۇلىشى كېرەك ،باش چىقارغان نوتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ پەرۋىش قىلمىسا ئۇلى پۇختا بولمىغاچ ئوڭاي سۇنىدۇ ياكى يىلتىزى قۇرۇيدۇ،مۇۋاپىق تەدبىر بىلەن پەرۋىش قىلغاندا يۇمران مايسا مەزمۇت دەرەخ بولۇپ مىۋىسى بولمىسا ،سايسى ئاپتاپ ۋە يامغۇردا باشقىلارغا دالدا بۇلۇپ بىرىدۇ . تۇنجى ئۇستاز،تۇنجى پەرۋىش ، تۇنجى دەرس ،تۇنجى تەسر ئەڭ مۇھىم. بالىڭىز نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتدىكى مۇساپىسدە تۇنجى قېتىم سزگە ماتماتىدىكى ناھايتى ئاددى بولغان ھېسابلاش مەشقىنى چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى ئېيتتى ،، سز ئەينى چاغدا،چوڭلا نىڭ گىپى بىلەن ئۇقۇشتىن ۋاز كىچىپ ،تۇرمۇشنىڭ ئائىلە كوچىسنى بالدۇرلا تاللىغان ئىدىڭىز ،، ھىلىمۇ كۈندە ئۇچراۋاتقان ھەرخىل قىيىنچىلىق ،ئاۋارىچىلىك ،باشقىلانىڭ ھەرخىل مۇئامىلە ،قاراشلىرى دەل مۇشۇ مەدەنيەت سەۋيەسى ،بىلىم قۇرۇلمىسى ،ساپادىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققاچقا ،بېشىڭىز قېتىپ تۇرغاندا، بالىڭىز سورىغان بۇ ئاددى سوئالغا ،ئاشۇ بىر جۈپ سۆزلىيەلەيدىغان، ئاپامنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ، بەك ئەقىللىق،دەپ پەخىرلنپ نۇرلىنىپ كەتكەن قاپقارا قارچۇقلىرىغا قاراپ بىلمەيمەن دىيىىش سزئۈچۈن قانچىللك قىينغا توختايدۇ،،،،،،،





220 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-8 1:30:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ