مۇھەببەت دىگەن نىمە

مۇھەببەت دىگەن نىمە

 

خۇشتار

 

 

مەن بىر قانچە كىشلەرنىڭ مۇھەببەت سەرگۆزەشتىلىرنى ئاڭلىدىم ، ئەمما كۆپىنچىسى ئاخىرىدا ياخشى كۆرگەن ئاشۇ ئادىمىدىن نەپرەتلىندىكەن . مەن ھەيران بۇلۇپ نىم ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى سۇردۇم . ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇ مىنى ئالدىدى دىدى . يەنە بەزىسى مەن ئۇنى ئۇزۇن كۇتتۇم بىراق ئۇ ماڭا كۆڭلىنى بەرمىدى دىدى . يەنە بەزىسى ئۇمىنىڭ سۈيگۈمگە خىيانەت قىلدى دىدى .يەنە بەزىسى بۇلسا ئۇ مەندىن يۇز ئۇرىدى دىدى .ئەمما مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ نەپرەتلىرىنى ئورۇنسېز دەپ ئويلىدىم , چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ھەقىقى دەپ قارىمايمەن.

 ئەگەر ئۇلاردا ھەقىقى سۆيگۈ بۇلغان بۇلسا نەپرەتتىن ئىغىز ئاچمىغان بۇلاتتى، شۇنداقلا يەنە ئازاپتىنمۇ ئىغىز ئاچمىغان بۇلاتتى. مۇھەببەت مىھىر بىلەن باشلىنىپ قىيالماسلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، نەپرەت بىلەن ئەمەس .ئەجىبا ئۇ سېزنى ئۇزىنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدىمۇ ؟ سېز ئۇنى ئۈزىڭىز خالاپ ياخشى كۆرگەن شۇڭا مىنىڭچە بۇلغاندا نەپرەتلىنىش سېزگە ھەقلىق ئەمەس ئەلۋەتتە ئۇ سېزنىڭ سۇيگۈڭىزنىڭ قەدرىگە يەتمىدى خالاس .

ھەممىدىن ئىشىپ كەتكىنى 2يىل 3 يىل ھەتتاكى 5 يىل ئارلاشقان بىر جۈپلەر ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا بىر بىرىگە قارىماس بۇلۇپ كىتىدىكەن. ئەجىبا ئۇلار بىردىنلا ئادىمىلىكىدىن چىقىپ كىتەمدىغاندۇ ؟ بىر بىرنى ياخشى كۆرۈپ ئۇتكەن ئاشۇ گۇزەل چاغلارنى شۇنداقلا ئۇنتۇپ كىتەمدىغاندۇ؟ بىر بىردىن شۇنداقلا يۈز ئۇرۇمدىغاندۇ؟ قىسقىسى ئۇلاردا ۋېجدان بامىدۇ ؟ ئۇتتۇرسىدىكى ئاشۇ ئەسلىمىنىڭمۇ يۈزىنى قىلىپ قۇيمامدىغاندۇ ؟ بىر بىرنى ھاقارەتلەپ كىتىشلىرچۇ تىخى ، ئۇندا ئاتالمىش مۇھەببەتنى سۇرەپ چىقىپ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىنى، قىممىتىنى ، ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

 يەنە ئۈزىنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە شۇنى دىمەكچى ، ئەگەر سېز بىر قىزنى كۆڭۇل خۇش قىلىش ياكى مۇنداقلا ئارلىشىپ بىقىش، ياكى سۈپەتكە سۇيگەن بۇلسىڭىز،چۇقۇم ئارقىڭىزغا قاراپ قۇيۇشنى ئۇتۇتماڭ ، چۇنكى ئارقىڭىزدا بىرسى ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنى خۇددى سېزگە ئۇخشاش كۆڭۈل خۇشى قىلىش، ياكى مۇنداقلا ئارلىشىپ بىقىش،ياكى سۈپەتكە سۆيگەن بۇلىشى مۇمكىن . سىز بىر قىزنىڭ سۆيگۈسىنى خارلاۋاتقان ئۇنى ئالداۋاتقان شۇنداقلا باشقا قىزلارغا ئاسانلا كۆڭۈل بىرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا يەنىلا شۇ ئاچا-سېڭىللىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ، چۇنكى ئارقىڭىزدا بىرسى سېزگە ئۇخشاش ئاچا-سېڭىللىرىڭىزغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ، ئەگەر سېز بىر قىزنى مەڭگۈلۈك ھەمرا قىلىش ئۈچۈن سۇيگەن بۇلسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەخلاقىغا، ئۇزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ، چۈنكى كىيىن مەردانە ئۇغلىڭىزنىڭ شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقلىق ئۇيغۇرلارغا خاس قىزىڭىزنىڭ بولىشى ئاشۇ ھەمراھىڭىزغا باغلىق.

 قىزىڭىزنىڭ قانداق بۇلىشىنى خالىسىڭىز شۇنداق قىزنى ھەمراھ قىلىڭ، شۇنداقلا ھەمراھىڭىزنى ئاشۇنداق قىز قىلىپ ئۆزگەرتىڭ . چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئاشۇنداق مەردانە يىگىتلەرگە ئىسىل، پەزىلەتلىك قىزلارغا مۇھتاج . ھەرگىزمۇ يا قىزبالىغا خاس ئالاھىدىلىكى بۇلمىغان يا ئۇغۇل بالىغا خاس ئالاھىدىلىكى بولمىغان ئۇغۇللارغا خاس مەردانىلىكىنى ، قىزلارغا خاس ئەخلاقىنى يۇقاتقان قىز ئۇغۇللارغا ئەمەس. قىز بالا بولساق قىز بالىدەك ياشايلى، ئۇغۇللار بىزنى ھۆرمەتلىسۇن. ئوغۇل بالا بولساق ئوغۇل بالىدەك ياشايلى، قىزلار بىزدىن ئەيمەنسۇن.  بولمىسا مەن ئۇيغۇر دەپ ئۇيغۇر قىز-ئۇغۇللىرىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ نامىنى بۇلغىمايلى. ئاخىرىدا شۇ ئىسىمىزدە بولسۇنكى بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كىتىمىز ، شۇڭا ئۆتكەن كۈنىمىزگە ئۆرتەنمەيدىغان ھالەتتە ياشايلى!!!!





1236 قېتىم كۆرۈلدى huxtar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 1:37:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-1 20:51:22 ئابدۇسالام
بەك ياخشى يىزىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ