ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىڭنى باشقىلارغا بىلدۈرمە

ئادەم ئۆزىنى ئۆزى بىچارە كۆرسىتىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئىش قىلىپ ھەممە ئادەم ئوخشاش، پەقەت قانداق قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق، پەقەت ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭ كۈچلەندۇرمىسىڭىز قالغىنىننىڭ ھەممىسى بىكار. كونىلار ئېيتقاندەك :«ئۆزۈڭنى بىل ،ئۆزگىنى قوي، كۆتەڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ» شۇ باشقىلارغا قانچە ۋاي دېسەڭ بىلسە بىلدى، بولمىسا ئۆزۈڭ ئاۋارە بولىسەن خالاس.

 

ئادەم ھەرۋاقىت ئەقىل بىلەن ھىسيات زىددىيەتلىشىپ تۇرىدىكەن، ئەقىل ھىسياتقا ھۆكۈمرانلىق قىغاندىلا ئادەم ھەقىقى ئادىمىيلىكنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، ئەمما ھىسيات ھۆكۈمرانلىق قىلسىچۇ ئۇ ھالدا ئادەمنىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ.  ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئىش سەن ئويلىغاندەك بولىشى ناتايىن، لىكىن سەن ئويلاپمۇ باقمىغان بولىشىمۇ ناتايىن، ئىش قىلىپ سەن پەرەز قىلغان دائىردىن چەتنەپ كەتسە، سەن ئۇ ئىشنى توغرا ئويلىيالمىغان بولىسەن.

 نېمىلا ئىش قىلشتىن ئاۋال ئۆزەڭگە چىكىنىش يولى قالدۇروپ قويىشنى ئۇنۇتما، ئۆزگىنى كىم ئىكەنلىكىنى بىلشتىن بۇرۇن، ئۆزۇڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىل، باشقىلارغا باھابىرىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭگە باھا بەر، بىلىشنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئۆزىنى بىلىش، چۈشۈنۈشنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئۆزىنى چۈشۈنۈش. ئۆزۈڭنىڭ كىم ئىكەنلىڭنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزگىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلەلمەيسەن.

ئۆزۈڭگە يول قويغىنىڭ، دەل ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئورەك كولىغىنىڭ خالاس. باشقىلارغا يول قويساڭ بولىدۇ لىكىن ئۆزۈڭگە قەتئىى يول قويما! ئۆزىنى ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە سىلىشتۇرغاندىلا ئاندىن باشقىلاردىن ئىشىپ چۈشەلەيسەن، نامرات بولساڭ مەيلى لىكىن نادان بولما، ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىڭنى باشقىلارغا بىلدۈرمە!





1107 قېتىم كۆرۈلدى eldam ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-13 16:41:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 16:22:28 ئابدۇللا
ھەقىقەتەن توغرا، ئادەم ئۆزىنى ئۆزى ئاجىز كۆرسىتىپ قويىدىكەن.
2017-3-2 17:19:05 نۇرىمانگۇل
بەك ياخشى يىزىپسىز رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ