مۇھەببەتكە سىڭگەن رىغبەت

مۇھەببەتكە سىڭگەن رىغبەت


 گۆدەكلىكنىڭ غۇبارسىز كۈلكىلىرى تۆكۈلگەن ئاشۇ يوللاردا سېنىڭ مۇبارەك قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ،كىشىنى ئەسىر قىلىدىغان ھېكايىلىرىڭنى قانماي ئاڭلاپ ،ئانا سەھرانىڭ سېخىي باغرىدا تايچاقلاردەك قىيغىتىپ ئوينايدىغان سەبىي چاغلىرىم ھېلىمۇ يادىمدا موما!
     ھەرقېتىم ئامراق قويلىرىمىزغا ئوت-چۆپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئېگىز دۆڭگە چىققىنىمىزدا، مېنىڭ ھېرىپ ماڭماي تۇرىۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ:«ماڭغىن قوزام،سەن ھەممىدىن قەيسەر ھەم جاسارەتلىك قىزسەن.»دەيتتىڭ،گەرچە سۆزلىرىڭنىڭ تېگىدىكى چوڭقۇر مەنىنى چۈشەنمىسەممۇ ، مېنى ماختاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ۋۇجۇدۇم چەكسىز كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ ساڭا يېتىشىۋېلىشقا تىرىشىپ ماڭاتتىم.مىڭ تەسلىىكتە ساڭا يېتىشىۋالسام:«پاھ،مېنىڭ نەۋرەم ئاجايىپ قالتىس جۇمۇ!»دەپ يانچۇقۇڭدىن بىر تال ناۋاتنى چىقىرىپ مۇكاپات ئورنىدا ئاغزىمغا سېلىپ قويىدىغىنىڭنى ئەسلەپ قالىمەن.بەلكىم شۇ چاغلاردىن باشلاپ يىقىلغان ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشنى،قەيسەر بولۇشنى ئۆگەنگەن بولسام كېرەك.شۇڭا سېنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىڭ،ھەر قېتىم مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ھاياتقا كۈلۈپ بېقىشقا ئۈندىشىڭ قەلبىمگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ ،پىكىر قاتلاملىرىمدا مەرۋايىتتەك ئورنىشىپ قاپتۇ.
     كىچىكىمدىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.ئېسىڭدىمۇ موما 4-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى كىچىك بالىلارنى ئۆيىمىزگە يىغىپ،پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن دەرس ئۆتۈپ بەرسەم بەزىلىرى قېچىپ چىقىپ كەتكەنىدى،يەنە بەزىلىرى تېخى ئۇخلاپ قالغانىدى.بۇ چاغدا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ بىر كۈن تاماق يېمەي تۇرىۋالغان ئىدىم.شۇ چاغدا سەن:«قىزىم،مەھەللىمىزدىكى بالىلار كىچىك،ئۇلار نېمىنىڭ بىلىم،نېمىنىڭ ئوقۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.ماڭا دەرس ئۆتكىن ،مەن سەندىن ئۆگىنەي»دېگەنىدىڭ.مەن ئۆزۈمچە ساڭا ئۇستاز بولۇپ،دەرس سۆزلەيتتىم.سەنمۇ زېرىكمەي-تېرىكمەي ئاڭلاپ مېنىڭ قىزغىن ئىشتىياقىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەتتىڭ.سېنىڭ بۇ ئىشىڭ ماڭا زور رىغبەت ھەم مەدەت بولاتتى.
    يەنە ئېسىڭدىمۇ موما،مەن تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغدا ئەدەبىيات نەتىجەم 127 دىن بىراقلا 98 گە چۈشۈپ كەتكەنىدى.بۇ چاغدا مەن خۇددىي بىرى مېنى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋەتكەندەك لاسسىدە بولۇپ قالغان ئىدىم.بىراق شۇ قېتىممۇ سەن رىغبەتلەندۈرۈپ :«ئۈمۈدسىزلەنمىگىن قىزىم،ئىمتىھان بىر قىمار سورۇنىغا ئوخشايدۇ ،بىردە ئۇتىسەن، بىردە  ئۇتتۇرىسەن.سېنىڭ بۇرۇنقى يۇقىرى نەتىجىلىرىڭ ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولمىغىنىدەك،بۇ قېتىملىق تۆۋەن نەتىجىمۇ ساڭا مەڭگۈ چاپلىشىۋالمايدۇ.بۇ قېتىملىق ئىشتىن ئىبرەت ئال،داۋاملىق تىرىشقىن،غەلىبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،ھەرگىز بەل قويۇۋەتمە!»دېگەنىدىڭ.سېنىڭ شۇ ھېكىمەتلىرىڭ بىلەن مەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم،ھەقىقەتەنمۇ غەلىبە ماڭا ئۆزىنىڭ نۇرلۇق سىماسىنى تەقدىم ئەتتى .
     موما،سەن ماڭا رىغبەتنىڭ ھەقىقىي كۈچ-قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇردۇڭ.ھەر قېتىم يىقىلغىنىمدا سەن مېنى رىغبەتلەندۈردۈڭ.مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭنىڭ يۈكسەكلىكىدە جىلۋە قىلغان پاراسەتنى شۇ چاغلاردا ئانچە تولۇق ھېس قىلماپتىكەنمەن.قەلبىم ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندا،ئەسلىمىلىرىم كانىدىن تەپەككۇرغا چۆككەن ھېكمەتلىرىڭنى،ماڭا ئاتا قىلغان ھەر بىر رىغبەت سۆزۈڭنى قازماقتىمەن.
      مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش، رىقابەتكە تولغان بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە مەلۇم نۇقتىدىن چىقىپ، ئاخىرقى پەللىگە يۈگۈرگۈچى.ئەمما،مەن ئاخىرقى پەللىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. بەلكىم شۇ ئاخىرقى پەللىگە يېتىپ بېرىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارغا ئۇچرايدىغاندىمەن.مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەملىرىنى تېتىپ باقىدىغاندىمەن.بىراق كۆزگە كۆرۈنمەس بىر نىشان ھامان مېنى ئەتىكى ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە تەلپۈندۈرىدۇ،تىنماي ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ....بۇنى ئەلۋەتتە سېنىڭ مېنى رىغبەتلەندۈرۈشۈڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،موما.
       چۈنكى، سەن ماڭا ھەرقېتىم ئۈمۈد ئاتا قىلىسەن، ھېكمەتلەرگە تويۇنغان سۆزلىرىڭ بىلەن مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيسەن. جېنىم موما،رەھمەت ساڭا ،سېنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشۈڭ بىلەن مەن «رىغبەت»تىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ، قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىمۇ ھەم ئۆگىنىۋالدىم.
      شۇنداق، رىغبەت باشقىلارغا قىلىنغان ئالاھىدە ياردەم ئىكەن، ھەتتا بەزىدە باشقىلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئۆزگەرتىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدىكەن. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەنكى ، سەن ماڭا چەكسىز مېھرىڭنى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مېنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ،ماڭا ئىلھام بېرىپ ،مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۈمۈدۋار بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدۇڭ ، شۇ ھېكمەتلىرىڭ بىلەن مېنى ھاياتنىڭ نۇرلۇق ماياكىغا ئېرىشتۈردۈڭ. سېنى شۇ مېھرىڭ ۋە ھېكمەتلىرىڭ بىلەن سېغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيمەن موما........
     





324 قېتىم كۆرۈلدى AZaz09 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-24 4:11:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ