ھەر بىر ئۇيغۇر بۇنى ئوقۇشقا تىگىشلىك
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جەمئىيتىمۇ تەرەققىياتقا ماس قەدەمدە ئىلگىرلەپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ھەر بىر ئۇيغۇر مەمنۇن بولماي تۇرالمايدۇ. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆتكۈزدۇق. كۆپلىگەن ئىلغار تەرەپلەرنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، نۇرغۇنلىغان نەرسىلەردىن ياتلىشىپ كىتىۋاتىمىز. كۆپلىگەن يېڭى تىپتىكى كارخانلىرىمىز قۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئېھتىياجىمىزغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بىزگە سۇندى. بىز بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنىلا قۇبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە قالاق تەرەپلىرىنىمۇ ئاڭسىز، مەقسەتسىز ھالدا قۇبۇل قىلىپ كىتىۋاتىمىز.
گەرچە بۇ تەرەققىياتلار بىزنى زامانغا ماسلاشتۇرالايدىغان دەرىجىدە قولايلىق ھەم ياخشى بولسىمۇ، يەنە بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە، ئۆزلۈكىمىزدىن ياتلىشىۋاتىمىز. بىز تەرەققىياتقا ماسلاشتۇق دەپ، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ، چەتتىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنى ئىشلەتتۇق. يەنە بەزى ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقماي، دەرۋازىلىرى تاقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرىمىز ئىشسىز قالدى، خۇددى بىز بۇلاردىن خەۋەرسىزدەك ، چەتنىڭ ئېسىل نوركا چاپانلىرىدا تەرلەپ يۈردۇق. يەر تەۋرىگەندە ئۆيلىرىمىز ئۆرۈلۈپ، ئاش ئۇنسىز، كىيىم سۇسىز قالغاندا ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ساخاۋەتچى كارخانچىلىرىمىز قازىنىمىزغا ئاش، ئۇچىمىزغا كىيىم، تاۋىقىمىزغا سۇ قۇيۇپ بىزنى يۆلەپ ،ئېغىر ئاپەتتىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقسا، بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈۋېلىپلا، سېتىۋالىدىغان لازىمەتلىكلىرمىزنىڭ ماركىلىرى، ئۇيغۇرچە ماركىلىقلىرى بىر يەردە قېلىپ، بىز چۈشەنمايدىغان، چۈشەنسەكمۇ كىلىش مەنبەسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان، باھاسى ئەرزان دەپلا، بىزگە ماس كېلەمدۇ- يوق، بۇلار بىلەن ھېسابلىشىپمۇ ئولتۇرمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق. شۇ ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان خەير- ئېھسانلىقىنى ئۇنۇتتۇق. دىمەك بىز ۋاپاغا جاپا قىلدۇق.
بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن سەنئەتكە بېرىلىپ، بەزى ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالدۇق، سەھىنلىرىمىز ئۇسۇلچى، ناخشىچىلىرىمىزغا لىق تولدى، چېلىش مەيدانلىرىمىز ئادەمسىز تاشلىنىپ ، شورلىشىپ كەتتى. قايسى بىر ناتىق:"بىر مىللەتنىڭ ھالاك بۇلۇشىنى بىلەي دىسەڭ، شۇ مىللەت سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قارا" دېگەنىكەن. مىللىتىمىزنىڭ بەدەن ساپاسى قەدەممۇ-قەدەم ئارقىغا چېكىندى. چارچاش ئاز، كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرى كۆپىيىپ قالدى.
مائارىپىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا، بىلىم بار، ئەخلاق يوق، نەزىرىيە بار، ئەمەلىيەت يوق، ئويۇن بار، تىرىشىش يوق بۇلۇشتەك مىللىي ئەنئەنىدىن ياتلىشىۋاتقان، پاسسىپ ئىدىيەلەر ئۈستۈنلۈكنى ئالماقتا.
جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنىڭ ئاساسەن قامدىلىشى بىلەن توينى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزىدىغانلار ئاۋۇپ قالدى، تويلار رەخ، تاۋار- دۇردۇر، ئالتۇن زەنجىر تۆكمە- تۆكمە قۇيۇلماقتا، ئەمما كىتاپ جازىسىدىكى كىتاپلار توپا بېسىپ ياتماقتا، تويدا كىتاپ سوۋغا قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يۈزى تۆكۈلىشىدىن ئەنسىرەپ، تويلارغا قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشماقتا. سومكىنى توملاپ قولتىقىغا قىسىپ، كۆز-كۆز قىلىپ ماڭىدىغانلار، كۆپ كىتاپ قىسىپ ماڭغانلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت ياغدۇرماقتا. ئەرلىرىمىز كەچلىك بەزمىخانىلاردا، ئاياللىرىمىز رېستۇرانلاردا، بالىلىرىمىز تورخانىلاردا يۈرۈپ، ئەرلىرىمىزنىڭ ئىمانى، ئاياللىرىمىزنىڭ ھاياسى، بالىلىرىمىزنىڭ ۋىجدانى سۇسلىشىپ كەتمەكتە. قىزلىرىمىز ھايانى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى پەردازلاشقا بېرىلمەكتە. يىگىتلىرىمىز ئەيىش- ئىشرەتكە بېرىلىپ، راك پەيدا قىلغۇچى دورىلارنى قارىغۇلارچە ئستىمالقىلىشماقتا.
نوپۇسىمىز نەچچە مىليون ئانا تىلدا پاراڭلىشىدىغانلار كۈندىن- كۈنگە ئازايماقتا، قىزلىرىمىز مودا دەپ يىرتىق كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، كېچە- كېچىلەپ تاڭسا- بەزمىلەردىن چىقمايدىغانلار، ۋىجدانىمغا خىلاپ بىرەر ئىش قىلىپ باقمىدىم دەپ ۋىجداننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەكتە. ھازىرقى ياشلىرىمىزدا، ناخشا دىسە ھەرقانداق ئۇسلۇپتا ناخشا ئوقۇيالايدىغانلار كۆپ، بىرەر پارچە كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكىلماسسىيە قىلالايدىغانلار ئاز. پەرزەنت كۆپ، تەربىيە ئاز، ساناقسىز بايلىقىمىز كۆپ، قوشنىسىنىڭ تېمى چاك- چاك يېرىلىپ كەتسە، ئۇنى سۇۋاپ بېرىدىغانلار ئاز، ئورۇق- تۇغقانلار كۆپ، مېھىر- مۇھەببەت ئاز، مۇھەببەتلىشىدىغانلار كۆپ، ۋاپا قىلىدىغانلار ئاز، قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلار كۆپ، ئىبرەت ئالىدىغانلارئاز. ھارامنى ئارلاشتۇرۇپ پۇل تاپىدىغانلار كۆپ، ھالال تىجارەتچىلىك قىلىپ، ھەقنى سۆزلەيدىغانلار ئاز، دوختۇرلار كۆپ، بىمارلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىپ ، تامچە كەبى مېھىرىنى ياغدۇرالايدىغان دوختۇرلار ئاز. مائاش ئۈچۈن دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز كۆپ، شۇ مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاز. يازغۇچىلىرىمىز كۆپ، ئوقۇرمەنلىرىمىز ئاز، يول كۆرسەتكۈچى كۆپ، شۇ يولدا ماڭىدىغانلار ئاز. بىرلىشىپ ئورا كولايدىغانلار كۆپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغانلار ئاز، كىتاپخانىلار كۆپ، كىتاپخانىغا كىرىدىغانلار ئاز. ۋەدىلەشكەنلەر كۆپ،ئىشەنچ قىلىدىغانلار ئاز. ياشاۋاتقانلار كۆپ ، ئۆزلىكىنى تۇنۇپ ياشاۋاتقانلار ئاز.
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يىگىرمە ياشقا كىردىم. كۆرگەن ، بىلگەنلىرىمدىن ھەم ھېس قىلغانلىرىمدىن بەزىدە خۇشا بولسام، بەزىدە ئېچىنىمەن. مەن پەقەت مىللىتىمنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا پوزىتسىيە تۇتالمايۋاتقانلىقىنى چۆرىدەپ، شۇ قۇرلارنى يازدىم. بۇ ھەرگىزمۇ مىللىتىمنى سۆككەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇرنى كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈلنىشگە قانداق يۈزلىنىشىنى ئويلاندۇرش ئۈچۈندۇر . بىزدە ، ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ، مىللەت تۈزەلمەس دەيدىغان گەپ بار. مىللىتىمنىڭ بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان، مەمنۇنىيەت ئىلىكىدە، ئەلنى قايىل قىلىدىغان ياخشى تەرەپلىرىنى بۇ ئاددىي قەلىمىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇ قەلىمىمدىن چىقىۋاتقان نىدالار مېنىڭلا ئەمەس، مىللىتىمىز ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز ئەل ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقۋاتقان سادا .
ھەر بىرىمىز مىللىتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزەش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىمىزدىكى ياخشى بولغان ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ناچار ئىللەتلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. مەن بارلىق قېرىنداشلىرىم يۈزسىدىن، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ، شۇنداقلا دەردىگە دەرمان بۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاسمىنىدا چاقناۋاتقان، ساخاۋەتچى كارخانچىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا، كەڭ خەلقىمگە ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشكە چاقىرمەن، ئەنە شۇ كارخانچچىلىرىمىزنى قوللىغىنىمىز، ئۆزىمىزنى قوللىغىنىمىز.
تەكلىپ پىكىر ياكى يىزىقچىلىق جەھەتتەپىكىر ئالماشتۇردىغان قىرىنداشلىرىم بولسا ئۇندىدار نۇمۇرۇم :1317294940
349 قېتىم كۆرۈلدى | تېمتاس | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 1:04:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|