ۋاقىت ھايات

         ۋاقىت ۋە ھايات

نەفىسە ئەلقەم 

   ھايات ئىنسان ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ،ھايات-ئۇ بىر ئەگرى-توقاي يول،سىز بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىز ھەم شۇ جەريانىدا پېشىپ-يېتىلىسىز.ھايات ئۇ بىر ئۇزۇن سەپەر،سىز بۇ سەپىرىڭىزدە كىملەر بىلەن ئۇچىرىشىپ،كىملەر بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىڭىزنى بىلمەيسىز.ھايات ئۇ بىر ئىستاكان قەھۋە،گاھىدا تاتلىق تېتىسا گاھىدا ئاچچىق تېتىيدۇ.قانچىلىغان كىشىلەر بۇ ھاياتقا قىيماي كېتىپ قالدى ھەم قىيمايدۇ.
   ۋاقىت-ھاياتتۇر،ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.ئىنسانىيەت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ.لىكىن ۋاقىتنى سېتىۋىلىش ياكى كەينىگە قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس،ئۇ گويا چېقىلغان چاقماقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ.
دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ئېدىسون ۋاقىت ھەققىدە:«سېنىڭ بىر مىنۇتلۇق ۋاقتىڭنىڭ بوش ئۆتكىنى-بىر مىنۇتلۇق ئۆمۈرىڭنىڭ قىسقىرىشدۇر»دىگەنىدى.ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش،ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئەقىللىق كىشىلەر نىڭ خىسلىتى.
  ئادەم ئۆز ھاياتىدا ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ يەنى غەمسىز بالىلىق چاغلىرى ،جۇشقۇن ،تېتىك ياشلىق چاغلىرى،ھايات سوۋغا قىلغان ئاپپاق چاچلىق ياشانغان چاغلىرى.ئىنسان تۇغۇلۇپ قانداق چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدىكەن.ياش ۋاقىتلىرىدا خۇددى مەڭگۈ ياش پېتى تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىدىكەن.ئوت يۈرەك شائىر ل.مۇتەللىپ ياشلىقنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:


«ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،



ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.» ياشلىق شۇنچىلىك قىسقا ھەم تاتلىق،ۋاقىت ئىنساننىڭ گۈزەل جۇشقۇن چاغلىرىنى ئوغىرلاپ كېتىپ مۇكچەيگەن بەل،قورۇق چۈشكەن چىراينى ئاتا قىلىدۇ.
  شۇڭا بىز ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەپ،ياخشى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ،شېرىن ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىشىمىز كېرەك.




2017- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى  غۇلجا شەھىرى

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

 

     





213 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 0:00:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ