يازغۇچى شۇنداق بىر ئىنسان - زۆھرەگۈل ھامۇت

يازغۇچى شۇنداق بىر ئىنسان

زۆھرەگۈل ھامۇت

ئاپتور:شايار ناھىيىلىك يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا

ھەر كاللىدا ھەرخىيال بولغىنىدەك،كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى،ئارزۇ-ئىستىكى،غايىسى ھەرخىل بولىدۇ.ئەنە شۇ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ-ئىستەك كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا،مەلۇم ئەھمىيەتلىك ئىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىزدە،قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مەيلى ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسالغۇغا ئۇچرىمىسۇن،قەيسەر ئىرادە ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس جاسارەت بىلەن ئالغا مېڭىۋېرىڭ.جاپالىق ئەجرىڭىزنىڭ چېچەكلەپ مىۋە بېرىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىڭ،ئۆزىڭىز تاللىغان ئاشۇ داغدام يولدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقىنىڭىزدا سىزنى ئۇ يولدىن تەزدۈرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرغا چىقىپ،سەپىرىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلسا سىز قانداق پوزىتسىيەدە بولىسىز؟مەسىلە سىزنىڭ ئاشۇ توسالغۇنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈشىڭىزدە.

يېقىندا يېڭىلا يېزىپ پۈتتۈرگەن ئەسىرىمنى ژورنالغا ئەۋەتىش ئۈچۈن پوچتىخانغا باردىم.ماركا-كونۋىرىت سېتىش ئورنىدىكى قىز گويا رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن نازىنىنلاردەك ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى.ئۇ قىزدىن ماركا ۋە كونۋىرت سېتىۋېلىپ ئەسىرىمنى كونۋىرىت ئىچىگە سېلىۋاتقىنىمدا ئۇ ئىختىيارسىز:"ئوھوي،نىمانچە كۆپ خەتلەر بۇ؟"دەپ سوراپ قالدى.مەن ئۇنىڭ سۇئال تەرىقىسىدە ئېيتىلغان سۆزىگە ئەستايىدىللىق بىلەن:"ژورنالغا ئەۋەتىدىغان ئەسەر ئىدى"دەپ جاۋاب بەردىم.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر مەنسىتمەسلىك ئالامىتى ئەكس ئېتىپ قاپاقلىرىنى سۈزدى ۋە ئاغزىنى قىيسايتىپ:"توۋا،شۇمۇ بىر ھەۋەس..."دىگىنىچە ماڭا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى.بۇ خىل تېتىقسىز گەپلەرنى ئەمدى ئاڭلىماسمەن دەپ ئويلىغاندىم،ئەپسۇسكى،يەنە تەكرارلاندى.خىزمەتتىكى بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئەسەر يېزىۋاتسام بىر خىزمەردىشىم:"قاچانلا قارىسام بىر نەرسە يازىسىز،يېزىۋاتقىنىڭىز نىمە ئۇ تۈگىمەيدىغان؟دەپ سورىدى.مەن ئۇنىڭغا:"ئەسەر يېزىۋاتىمەن"دەپ جاۋاب بەردىم.گېپىم تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مېنى ئەيىبلەشكە ئخشاش بىر ئۇچقۇن پەيدا بولدى ۋە :"ئۇكام،بۇنداق قۇرۇق ئىشنى قىلغىچە نان تېگىدىغان ئىشنى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ئەخمەق بولۇپ ئەسەر يازىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماي تىل ئۆگەنسىڭىز بولىدىغۇ؟..."دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ يازغۇچى-شائىرلارغا بولغان بۇخىل كۆزقارىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئىشلارنى بىر تۇنۇشۇمغا سۆزلەپ بېرىۋىدىم،تونۇشۇم تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا"ۋاي-ۋۇي،ھازىر يازغۇچى-شائىرنى كىم كۆزگە ئىلىدۇ دەيسىز؟ئۆتكەندە ئۆزىنى يازغۇچى ئاتىۋالغان بىر سوكالتاق< سىزنى زىيارەت قىلىپ كېلىۋىدىم>دىۋىدى،

ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا،ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن بۈيۈك ئارزۇلارنى قەلبىگە مۇجەسسەملەپ،ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ قان-تەر ئاققۇزۇۋاتقان ئەدىبلىرىمىز،قەلەمكەشلىرىمىزگە تىغ كۆتۈرگەن ئاشۇ بىلىمسىزلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن غەزەبلەندىم.

جەمئىيەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج.بىز جەمئىيەتكە بىر كىشلىك ھەسسە قوشىمىز دەيدىكەنمىز،تىرىشىپ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ئىگىلەپ،ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىشىمىز كېرەك.دەرۋەقە ئادەم ئۈچۈن ئىقتىساد بولمىسا بولمايدۇ،بىراق ھەممە ئادەم ماددىي ۋە شەخسى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ،مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا،ئۇ ھالدا كەلگۈسى ئىستىقبالدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تېخىچە كاللىسىنى سىلكىۋەتمەي،كونا سەنەمگە دەسسەپ،بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىگە شۈكرى قىلىپ يۈرىۋاتىدۇ.ئاشۇلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ،بوش ۋاقتىنى ئەدەبى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان مېھنەتكەش قەلەمكەشلىرىمىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرلائېغىز سۆزى بىلەن" پەس"ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن؟ئارىمىزدا يازغان ئازغىنە ئەسەرلىرىدىن ئۆزىچە پەخىرلىنىپ ۋە قانائەتلىنىپ،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ،نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقان مەنمەنچى،ئابرويپەرەس،ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىماي، قاۋاقخانىلاردا ۋە قىزلار كوچىسىدا تىمسىقلاپ يۈرگەن"يازغۇچى"،"شائىر"لارمۇ يوق ئەمەس.ئاشۇنداق ئۆزىنى "يازغۇچى"،"شائىر"دەپ ئاتىۋالغان ساپاسىزلار تۈپەيلى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ يازغۇچى،شائىرلار قوشۇنىغا ھاقارەت قىلساق قاملىشارمۇ؟بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيىتقىنىدەك"نەپ تېگىدىغان" ئىشنىلا قىلىپ،ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟

تىل ئۆگىنىش نۆۋەتتىكى جىددى مەسىلە.تىل ئۆگىنىش،يېزىقچىلىق،كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسا،ھىچقايسىسىنىڭ بىر-بىرىگە دەخلىسى يوق.بۇ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتا.

يازغۇچى ۋە شائىرلار خەلقنىڭ قايغۇ ۋە خۇشاللىقىغا تەڭ ئورتاقلىشىپ،ياخشىلارغا يار-يۆلەكتە بولىدىغان،جاھاندىكى رەزىللىك،ساختىلىق،تەڭسىزلىكلەرنى قامچىلاپ،خەلقنىڭ روھىنى ئويغىتىپ،ئىنسانىيەتكە پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغان مېھنەتكەش ئىنسان.سىز قايسىدۇر بىر سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىۋاتقىنىڭىزدا،پۇشۇلداپ راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا،باشقىلار بىلەن ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭلارنى قىلىشىۋاتقىنىڭىزدا بوش ۋاقتىنى ۋە پۈتۈن زېھنىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە سەرپ قىلىپ،ئىجادىيەت مىۋىسىنى خەلققە تەقدىم قىلىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرى بەلكىم ئۇخلاپ چۈشىڭىزگىمۇ كىرمەسلىكى مۇمكىن.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئىنسان خاراكتىرىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان ئەينەكلىك رولنى ئويناپ،تۇرمۇشنى يۈكسەك بەدىئى تىل ماھارىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان قەلەمكەشلىرىمىزنى-يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنى ھاقارەتلەشكە ھەققىمىز يوق. يازغۇچى ۋە شائىرلار مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ۋە روھى تۈۋرۈكى.شۇڭا ھەممىمىز يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى، قەدىرلەيلى.ئۇلارغا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىلھام ۋە تىلەكلىرىمىز ياڭرىسۇن!





209 قېتىم كۆرۈلدى زۆھرەگۈل ھامۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 12:50:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ