روھى ئىچىرقاش
مەن يالغۇزلۇقتىن زىرىكمەيمەن چۈنكى يالغۇزلۇق مىنى ئىچكى دۇنيارىمنىڭ نۇرغۇن سىر لىرغا باشلاپ بارىدۇ،ھەم كائىناتنىڭ سىرلىرغا باشلاپ بارىدۇ.
مەن ئىچكى خۇشاللىقىمنى ھەرگىز يوقۇتۇپ قويمايمەن، چۈنكى ئىچكى خۇشاللىق ئاكتىپ روھى ھالەت ھەم مىنىڭ بايلىقىم، ھىس قىلۋاتىمەن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى ئالداپ ياشاۋاتىدۇ،ئۆزئۈچۈن ئەمەس باشقىلارنىڭ باھاسى ئۈچۈن ياشاۋاتىدۇ، ھەقىيقى ئۆزى ئەمەس ساختا نىقاپلار ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرنى زورلاۋاتىدۇ مەجبۇرلاۋاتىدۇ، بالىلار بۇ نىقاپلاردىن قۇتۇلالماي ئىچكى خۇشالسىز ھالەتتە چوڭلارغا بويسۇنماي ئككى ئارلىقتا گاڭگىراپ قاراڭغۇدا قالغان ئادەمدەك ياشاۋاتىدۇ. ئىچىنۋاتىمەن شۇنداق تالانىتلىقلار قابىليەتلىكلەر، ئارزۇ ئارمانلىقلارنىڭ ئۆزنىشانىنى تاپالماي قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرگە كىركىتىپ بارغانلىقىغا، ئاق ئالۋاستىنىڭ قۇربانى بوپ كىتىپ بارغانلىقغا، ھەرخىل ئويۇنچۇق، كەيىپلىك ،ۋە ھەرخىل روھىنى زەيئىپ قىلغۇچى شەيتانلارنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ ،روھى خۇشاللىقنى روھىنى زەيئىپ قىلغۇچى ئالۋاستىلاردىن ئىلۋاتىدۇ،ئىچىنۋاتىمەن، ھەي لىكىن مەن يەنىلا خۇشال چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن ،ساختا نىقاپلاردىن بىزارمەن ، ھەقىيقى ھاياتلىقنىڭ نۇرلۇق يولىنى تاپتىم شۇ نۇرلۇق يولغا قاراپ مىڭۋاتىمەن. مەن ھازىرقى ئادەملەردىكى بۇ خىل چۈشكۈنلۈكنى خاتالىقلارنى روھى ئىچىرقاش دەپ ئاتايمەن.
ئىلغار (تۇيغۇ)2015-8-13
359 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلغارجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 1:17:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-17 0:08:45 | Zulhumar |
Bak yahxi yizipsiz. Tihimu tirixig |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|