مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى

مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى

ئالىمجان تۇرسۇن


دۆلىتىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان ، كۆپ مىللەتلىك، بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەت. ئىلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ، نوپۇسى ، جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيەت ، ئۆرپ – ئادەتلىرى ئوخشاش ئەمەس ،لىكىن ئىلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قىرىنداشلارچە مىھرى – مۇھەببەتتە، جاپادىمۇ– ھالاۋەتتىمۇ بىرگە ياشاپ كۈرەش قىلىپ ، بىر- بىرىگە باغلىنىپ ، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن . ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە پارلاق مەدەنىيتىنى بىرلىكتە ياراتقان . ھەم ۋەتىنىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ھەممىسى ئۆچمەس مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان .جۈملىدىن ھەرمىللەت خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى بىرلىكتە ياراتقان . مۇقەددەس كەڭ زىمىننى بىرلىكتە ئاچقان . دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ، مەدەنىيتىنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرغان .

يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولغان - جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ دانا توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئونۋىرىسال كۈچى كۈنسىرى زورىيىپ،تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ،ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقى دىڭىز بويلىرىدىن، خۇاڭخى- چاڭجىياڭ ۋادىلىرىغىچە،پايانسىز ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىدىن،تەڭرىتاغ،كوئىنلۇن ئىتەكلىرىگىچە ، مولچىلىق ،باي- باياشادلىققا چۆمدى . مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبى بۇ بەختىيار زاماننىڭ خوجايىنى بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندى .

سوتسىيالىزىم ۋە ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرىتقا قارتا ئىچىۋىتىش  غەلبە مىۋىسى بولغان بۇ چوڭ ياخشى ئىناق ، تەرەققىي قىلغان ، بەختىيار ، ئازادە ۋەزىيەت جۇڭگو كومىنىستىك پارتىسىنىڭ توغرا تەھپەرلىكى ۋە نەچچە ئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ بىسىھاپ قان – تەر ئەجىر مىھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر .

شانلىق تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا ئەجدادلار باسقان خاسىيەتلىك ئىز ، قىممەتلىك قەدەملەردىن ئۈنگەن رەڭدار گۈل – چىمەنلەردىن قەلبىمىز ئىختىيارسىز سۆيۈنمەي قالمايدۇ .

قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاۋات قايناق بازارلاردا ، پەلەككە سوزۇلغان بەھەيۋەت بىنا- سارايلاردا ، ئەجىر مىھنەت كۈيلىرى ياڭراۋاتقان زاۋۇت كان ـ كارخانىلاردا ، ۋەتەن قوينىنى گۈزەللىككە باي قىلغان دەريا – دىڭىز ، تاغ– ئىدىر ، يايلاقلاردا ، كۈمۈش بەلۋاغدەك زىمىن باغرىغا يىيىلغان كەڭرى ، راۋان يوللاردا ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ شاھانە بۈگۈنى ۋە پارلاق ئەتىسى ئالتۇندەك جلۋە قىلىپ قەلبىمىزنى لەرزىگە كەلتۈردى .

ھەممىزگە بەخىت ياراتقان بۈگۈنىمىزنىڭ تارىخى يىلتىزى دەل–ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدا ھايات ـ ماماتتا  بىرگە بولۇپ ،  مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتىتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەشتەك ئىسىل خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ،  پارتىينىڭ رەھبەرلىكىگە،ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشى رەزىل كۈچلەرگە  قەتئى ھالدا قارشى تۇرۇپ ، تاغنى تالقان ، چۆلنى بوستان قىلغۇدەك غەيرەت شىجائەتتە، قۇدىرەتلىك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ،بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ تەڭ يۆلەكتە بۇلۇش روھىنىڭ بولغانلىقىدا .

جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش،ئىشىىنىش ، كۆيۈنۈش ھىسسىياتى، قىرىنداشلارچە مىھرى– مۇھەببەت رىشتى بولغاچقىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق،ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ،تىللاردا داستان بولغىدەك تۈمەنلىگەن تەسرلىك ھىكايىلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان يۈزلىگەن ناخشىلارنى چىن ئىخلاس بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىگەن . مەسلەن : مىھرىبان قىز ۋاڭيەنانىڭ بۆرىكىنى ئۇيغۇر يىگىت مەۋلانجانغا سوغا قىلىشى ،

ئىشلەمچى يىگىت غىنى جۈمەنىڭ يىرىم كىچىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچۇرغان خەنزۇ قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن « قولىڭنى تارت ، بۇ مېنىڭ سىڭلىم ...» دەپ كۆكرەك كىرىپ ئوتۇرغا چىققىپ ، يەتتە يىرىگە پىچاق يەپ يىرىم جان ھالەتتە تۇرۇپمۇ ئۇ قىزنى قۇتقۇزغانلىقى ، ھەنىپە ئانىنىڭ نەچچە مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئون نەچە يىتىم بالىلارنى ئۆز بالىسىدەك بىقىپ چوڭ قىلغانلىقىدەك ئۆچمەس ھىكايىلەر ناھايىتى نۇرغۇن .

مەملىكىتىمىز تىرىتورىيەسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دىيارىمىز گۆھەر زىمىن شىنجاڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈيلىرى ياڭراپ تۇرغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مىھرى– مۇھەببەت گۈللىرى تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇپ - شىمالىدا پورەكلەپ ئىچىلغان سۆيۈملۈك ماكاندۇر . يۇرتىمىز شىنجاڭ ئەزەل–ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرتتا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ  مەھكىمسىنى تەسىس قىلىپ ، غەربىي يۇرتقا بولغان ھەربىي، مەمۇرىي جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى باشلىغان .بۇ شۇنىڭدىن تارتىپ شىنجاڭنىڭ ۋىتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان پولاتتەك تارىخىي پاكىت .ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ  نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىلەر جەريانىدا ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى خاندانلىق، مەركىزى ھۆكۈمەتلەرشىنجاڭغا بولغان باشقۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان . شۇڭا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ھەر  مىللەت خەلقى ئوتتۇرسىدا سىياسىي، ئىقتىسادى ، جەھەتتىكى،مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە، ۋە باردى-كەلدى مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن . يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئازدلىقى ئەمەلگە ئىشىش ھارپىسىدا شىنجاڭ تىنىچ يول  بىلەن ئازاد بولغاندىن كىيىن بەخىت نۇرى شىنجاڭ زىمىنىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇردى. يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ھەرمىللەت خەلقى ئورنىدىن دەس  تۇرغاندىن كىيىن،  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى سوتسىيالىزىمنىڭ پارلاق ، داغدام يولىدا دادىل قەدەم بىلەن ئالغا قاراپ ماڭدى .بۇ جەرياندا پارتىيە مەركىزى كومىتىتى ۋە دۆلەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ، غەمخورلىقى ئاستىدا شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ھەرمىللەت خەلقى قان بىلەن گۆشتەك يىقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ،چىگرا رايۇندىكى باي گۈزەل ئىناق شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات داستانىنى بىرلىكتە يىزىپ چىقتى.

مانا بۈگۈنكىدەك ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ، مول نەتىجىلەر بارلىققا كىلىپ ، خەلق تۇرمۇشى باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىككە تولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ خىل كۈچلەر» يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭ ئىناق تەرەققىيات كارتىنىسىنى ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى كۆرۈشكە چىدىماي، ھەدىسىلا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشقا ، مىللىي ئۆچمەنلىكىنى قۇترىتىشقا ئورۇنۇپ ، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە زوراۋانلىق ، تىرورلۇق قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ياۋۇز ئەپتى- بەشىرسىنى بىزگە تالاي قىتىم ئاشكارلىدى .

 بۇ ئىپلاس مەلئۇنلار دىن تونىغا مەھكەم ئورنىۋىلىپ ، دىننى قالقان، نىقاپ قىلىۋىلىپ ، دىنىي بايراقنى كۆتۈرۋىلىپ ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» ، «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» ، «غازات قىلىپ جەننەتكە كىرىش» تەك بىمەنە سەپسەتە شوئارلىرىنى جىنىنىڭ بارىچە نۇمۇسسىزلارچە توۋلاپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى  ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ ، بىزنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمىيئىتىنىڭ ئورتاق غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى .

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىز ئىچى - سىرتىدا يۈزبەرگەن بىرقاتار زوراۋانلىق، تىرورلۇق ۋەقەلىرى بىزگە شۇنى تونۇتتىكى ؛ زوراۋان تىرورچىلارنىڭ مەقسىدى ئىنىقتىن ئىنىق بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قالايمىقان قىلىپ ، پارتىىينىڭ مىللەتلەر، دىن ، سىياسىتىگە قارشى چىقىپ ، چىگرا – ئىچى سىرتىدا يامان  تەسىر پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . پۈتۈن جاھانغا سىسىق نامى پۇركەتكەن بۇ ئادىمى ھايۋانلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز . ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى ئۇلار ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باھارىنى مەڭگۈ  كىچىكتۈرەلمەيدۇ . تەرەققىيات قەدىمىمىزنى ھەم ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ . پاكىت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . تارىخ بىزگە ئەڭ ياخشى ئەينەك . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يىمىرىلمەس مىھىر- مۇھەببەت كۈچىنى ئۇلار نىمىلا قىلسۇن ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ .

يولداش ماۋزىدوڭ « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ ھەرقايسى ئىشلاردا غەلبە قازىنىشىمىزنىڭ تۈپكى ئاساسى » دەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىيتقان .  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش .  شۇنداقلا يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇق تەرەققىياتىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك .شىنجاڭ ھازىر زور تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ .ئىناق – مۇقىم بولغان ۋەزىيەت تەرەققىياتنىڭ تۈپكى كاپالىتى .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرغىنىمىزدىلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتكىلى ، دۈشمەن كۈچلەرگە تەڭ زەربە بىرىپ، جەمئىيتىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ .شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئاپتونۇم رايۇنىمىز قۇرۇلغان 60نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسىدىن شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ،  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇپ ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا ، تەرەققىياتنى تىزلىتىپ ،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى  ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

ھازىر شىنجاڭ يىڭى بىر تارىخىي تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى .بۇ يىڭى تارىخىي دەۋرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى پارلاق مەنزىلى  شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ، ۋە ئىتتىپاقلىقىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدۇ .  شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ، جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئۇيۇشچانلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كىرەك » دىگەن تەلىپىنى ھەردائىم  ئەستە چىڭ ساقلاپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، پارتىينىڭ رەھبەرلىكىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ھىمايە قىلىپ ، ئاسان قولغا كەلمىگەن بۈگۈنىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە يۈكسەك ۋەتەنپەرلىككە تۇيۇنغان ئىنقىلابىي روھ ، سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى تىخىمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ، تىنىمسىز ئىزدىنىپ جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ،جوڭگو  كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ،مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جوڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن،يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتىتى سىياسىي بىيۇرۇسى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىلوگىيە ساھاسىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە ، «ئۈچ قانۇنسىز» ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرگە ، دىننى ئەسەبىيلىككە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ ،« ئۈچ ئايرىلالماسلىق » ئىدىيسىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنامە قىلىپ ، تەخىرسىز ۋەزىيەت ئالدىدىكى كۈرەش ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ، ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ھەردائىم سەگەكلىك بىلەن زوراۋان تىرورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپ ، بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا قارشى بىر مەيدان ئۇلۇغ خەلق ئۇرىشى قوزغاپ، ئەلگە ئاپەت ئىپلاسلارنى يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ،  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىكى ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا شىنجاڭچە روھ بىلەن ۋەتەن ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى بويلاپ، ئىشەنچ جاسارەتتە ، تىرىشىدىغانلا بولساق ، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تىخىمۇ گۈزەل ئەلۋەتتە.

 

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تەييارلىق بۆلىمىدىن

ئالىمجان تۇرسۇن

تەھرىرلىگۇچى : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

                               ئۈندىدار : 2041420589 





791 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-19 20:49:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ