بۈگۈنمۇ مودىل مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى كەلدىم. ئالدىمقى قېتىمقىغا ئوخشاش بىرىنچى بۇلۇپ كەپتىمەن. بويلىرى ئېگىز، زىلۋا قىزلار، كىلىشكەن دېيىشكە بۇلىدىغان ئۇغۇللار ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خاسلىققا ئىگە بىرى ئىدىم. ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئېگىز ھېساپلانسام، بۇ يەردىكىلەر بىلەن تەڭ قۇردا تۇراتتىم. شۇنداق بىر تەپەككۈر كاللامغا كىلىپ قالدى: ئادەم ھەمىشە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇرۇندا ئۆزىنى نۇرمال ھېس قىلىدۇ، ئۆزىدىن شارائىتى ناچار ياكى ئەۋزەل كىشىلەر توپىدا بولسا ئۆزىدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ. ھەتتا ئارتۇقچىلىق كەمچىللىك سانىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بۇلىدۇ.
ھايات سەھنىسىدە ھەممە ئادەم خۇددى مودىلدەك، باشقىلارنىڭ ئالدىدا نامايەن بۇلىدۇ. مودىل سەھنىدە مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ماس قەدەم ئېلىپ كەلمەكتە، ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى. ھاياتلىقمۇ ئوخشاش، سىز ئۆزىڭىزگە خاس ئۇرۇنغا ئىگە بولغاندىلا جۇلالىنىدۇ.
2016.9.2
187 قېتىم كۆرۈلدى |
ئارزۇگۈل ئۇبۇل |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-9-2 12:36:40 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ