بەخت ئۆلچىمى - ساجىدە تۇرسۇن

 بەخت ئۆلچىمى  

ساجىدە تۇرسۇن


"بەخت "دىگەن نىمە؟ بۇ سوئالغا ھەركىم ھەرخىل جاۋاپ  بىرىشى مۇمكىن.بەزىلەر ئۈچۈن بىر ئائىلە  كىشلىرى بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ بىر ۋاق تاماق يىيىشمۇ بەخت. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ھەر كۈنكى پارلىغان قۇياشنى كۆرۈشمۇ  بىر خىل بەخت. ھەركىمنىڭ نەزىرىدىكى بەخت ھەرخىل بولدۇ.
مەن  تىنىمنىڭ سالامەت، ھەر كۈنۈمنىڭ خاتىرجەم  ئۆتكىنىنى ئەڭ چوڭ بەخت دەپ بىلىمەن. مىنىڭ ئويلايدىغىنىم قانداقتۇر چوڭ -چوڭ ئىشلاردىن بەخت كۈتىش ئەمەس .
دۇنياغا شۇنداق  قارايدىغان بولساق ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراپ يىتۋاتقان ئاغرىقلارنى كۆرىمىز دەل شۇ چاغ بىز ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكنى ھىس قىلالايمىز. چۈنكى ھەر كۈنى ساق- سالامەت تۇرالىغىنىمىزنىڭ ئاشۇ ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىز.
 ھاياتتىكى  بەزى قىيىن ئىشلار بىزنى چارچىتىپ ياكى گاڭگىرتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەپچىسى ئەمەس. بۇ بىزگە بىرىلگەن بىر سىناق.
ياشاش جەريانىدا بىز نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقىمىز، بۇ جەريانىدا ھەم تاۋلىنىمىز.
ھەرقانداق جەبىر -جاپا،ھەم مەغلۇبىيەتنى يىڭىپ، كۆزلىگەن مەنزىللەرگە يەتكەندە،بۇ چاغدىكى بەخت تۇيغۇسى سىزگە ھەقىقى بەختنىڭ تەمىنى ھىس قىلدۇردۇ.
 تۆۋەندىكى بىر ھىكايە ئارقىلىق بىز بىر قىزنىڭ  نەزىر دىكى بەختنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ باقايلى .
بۇرۇن بىر ئەما قىز بولۇپ ،ئۇ ھەركۈنى ئاپىسىغا قولدىن كىلىشچە ياردەملىشىپ بىرىدىكەن.ئاپسى قىزنىڭ ئەقىللىق ھەم ئىشچان چوڭ بولغىنىدىن تولىمۇ خوشال ئىكەن .
بىر كۈنى بۇ قىز ھويلىسىدىكى ئويناۋاتقان  ئۇكىلىرىنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،قانداقتۇر ئۇزۇن -ئۇزۇن  خىياللاردا ئولتۇرغاندا، ئاپىسى يىنىغا كىلىپ ،
-كەچۈرگىن قىزىم .
-ئاپا نىمىشقا كەچۈرۈم سورايسەن؟مىنڭ بۇنداق بولۇپ قىلىشىم ھەرگىز سىنىڭ سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بۇ مىنىڭ پىشانەمگە يىزىلغان ئىش.
-بىراق قىزىم سەن ئۇكىلىرىڭدەك بەختكە ئىگە بولالمىدىڭ.
-ياق، ئاپا ئۇنداق دىمە، مەن ئۈچۈن نىمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈرگۈمنى تۇتىمەن، يۈرگۈمنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمدە ئۆزۇمنىڭ يەنە بىر كۈنگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن تولىمۇ خوشال بولمەن.مانا بۇ مەن ھىس قىلىدىغان بىرىىنجى بەخت. سىنىڭ"قىزىم "دىگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىسام، گويا بۇ دۇنيادا سەنلا مىنى قىزىم دەپ ئاتايدىغاندەك، گەرچە سىنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلمىسەممۇ، ئاۋازىڭ ئارقىلىق سىنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببەتتىڭنى ھىس قىلىمەن.بۇ مەن ھىس قىلدىغان ئىككىنجى بەخت.
-ئاپا، ئۈچىنچى بەخىتنىڭ نىملىكىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟
ئاپىسى سەل ھەيرانلىق ئىلكىدە
-قىزىم قۇلقۇم سىزدە، قىنى دەڭە سىز ھىس قىلدىغان ئۈچىنچى بەخت نىمىكىن ؟
-بەلكىم دۇنيا مەن ئويلىغاندىنمۇ گۈزەلدۇر. بىراق مەن بۇ گۈزەل دۇنيانى كۆرەلمەيمەن. ئەمما ھەر كۈنى قۇياشنىڭ پارلاپ چىقىشى ناتايىن. شۇنىڭدەك ھاياتمۇ ھەر كۈنى گۈزەل بولمايدۇ. دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىدىن ھۇزۇر  ئالالمايمەن ، ئەمما ھىچ نەرسىدىن ھۇزۇر ئالالمىغىنىم بىلەن، باشقىلار  كۆرۈپ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان ياكى كۆرگىنىگە ئاھ ئۇرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ قالالايمەن. يامان  ئىشلاردىن كۆزۇمنىڭ يىراق بولغىنىمۇ مەن ئۈچۈن بەخت. ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار،ئاپا مانا بۇ مەن ھىس قىلىدىغان ئۈچىنچى بەخت. ئاپىسى قىزىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كۆزلىرى ياشقا  تولدى. ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى . ھەم قىزىنى باغرىغا چىڭ باستى...
 شۇنداق بۇ ھىكايىدىكى قىزنىڭ  ئىتقىنىدەك ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار، بەزى ئىشلارغا سەبىر قىلىش كىرەك، ياشاۋاتقان ھەر كۈنگە مىننەتدار بولۇش كىرەك، بەخت شۈكۈر قىلغان قەلىپتە، قانائەت تاپقان يۈرەكتە.





635 قېتىم كۆرۈلدى ساجىدە تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 3:01:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ