مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ

 

(مۇھاكىمە ماقالىسى)

 

 قانچىلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى، تىرىكلەرنى قان-قان،زار-زار يىغلىتىپ ئۆلۈپ كەتتى ئەنە. بەزىلەر ئۆلىمىدىن يەرلەر تىترەپ، تاغلار سىلكىلنىپ،ھەتتا بىزدىن شۇنچە يىراقتا تۇرغان بۇلۇتلارمۇ كۆزيېشى قىلىپ تاشلىدى. بەزىلەر ئۆلدى ئۇلارنىڭ جەسىتىگە ئىنسانلار تۈگۈل،ھەتتاقاغا-قۇزغۇنلارمۇ يېقىن كەلمىدى.

 تەڭرى ئادەمنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە پۈتكۈل پەرىشتىلەرگە ئادەمگە سەجدە قىلىشنى بۇيرىدى. پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدە ئىبلىستىن باشقا ھەممە پەرىشتىلەر ئادەمگە سەجدە قىلدى.كېيىن ئادەمنىڭ ئەرىشتىن قوغلاندى بولىشىغا ئىبلىس سەۋەبچى بولدى،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەر يۈزىدە ئىبلىسى تاكى ئادەمنىڭ روھى جىسمىدىن ئاجىرغانغا قەدەر ئادەمنى ۋەس-ۋەستە قىلدى. شۇ نېجىس ئىبلىس سەۋەبىدىن ئادەم يەر يۈزىدە نۇرغان يامانلىقلارنى قىلدى. ئەلۋەتتە ياخشىلىقلارنىمۇ قىلمىدى دېيىشكە بولمايدۇ. ئادەم يەر يۈزىدە ياخشىلىق قىلامدۇ ياكى يامانلىق قىلامدۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە باغلىق بولدى.

 ئىنسان«بىرياخشىلىق ئۇنتۇلۇپ قالماس،بىر يامانلىق جازاسىز قالماس»دېگەندەك،يەر يۈزىدە قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆلمەي تۇرۇپلا تارتىدىغان بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئەينى زامانلاردا تاغ ئايلىنىپ كەلگەن بولسا ھازىرقى جەمئىيەتتە بوسۇغا ئايلىنىپلا كېلىدىغان بوپ قالدى.

 ئەمدى بىر قاتار پەلسەپىۋى گەپلەرنىمۇ قىلدىم، مەقسەتكە كەلسەك، ئىنسان ئادەم ھېسابلىنامدۇ يوق؟

 چوڭلار«ئالىم بولغىچە ئادەم بول»دەپ ئېيتقان، دېمەك ئادەم بىلەن ئىنسان بۇئىككىسى ئىككى ئۇقۇم ئىكەن. نېمىشقا مەھمۇد كاشغەرىي بوۋام ۋاپات بولغىلى مىڭ يىلدىن ئېشىپمۇ نامى ھېچقانداق ئۆزگەرمىدى؟ نېمىشقا بۇلاڭچى، ئوغرى، خەلىققە ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ نامى 50~60يىل بولۇنۇپلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى؟ ئادەمنىڭ نام ئاتىقى خەلىققە قىلغان ياخشى- يامان ئىشى بىلەن ئىپادىلىنىپ قالدىكەن. ئوغرى، بۇلاڭچى، تېرورچى،ھارام ئارقىلىق جان باقىدىغانلا،ھورۇنلار……بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەمەس، ئادەم دېمە ئادەم ئەمەس ئۇ!

 

 شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،

 ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.

 تاجىدارلار تاجىسىنىڭ گۈلى بولغىچە،

 كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

 —«كەلىلەۋەدېمىنە»دىن

 

مەنچە ئىنسان ئۆزى ئۆزىدىن قايىل بولغىدەك ياشىيالىسا ئەنە شۇ كۇپايە.چۈنكى ئوغرىمۇ ئۆزىدىن ئۆزى قايىل بولىدۇ،ئۇئۆزىنىڭ ئوغىرلىقتىن قىلغان كىرىمىنى ھالال دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىنسان بۇدۇنياغا تۆرۈلۈپ تاكى ئۆلگىچە ئۆزىنىڭ خەلىققە زىيان سالىدىغان ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.

شۇ نەرسە يادىمىزدا بولسۇنكى ئۆزىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىغا،ئىززەت-ئابرويىغا،قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ نام-شۆھرىتىمىز كېلىپ تاقىشىدۇ.نام-شۆھرىتىمىز بىزدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىسەكمۇ ئۇلارغا زىيان سالمايلى،ئۇلارنى خۇرسەن قىلالمىساقمۇغەمكىن قىلمايلى،باشقىلارنى ماختىيالمىساقمۇئۇلارنى سۆكمەيلى، باشقىلارغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغان ھالدا ياخشىلىق قىلايلى،«دۇنيادا بىر ياخشىق ئۇنتۇلماس»ئەمەسمۇ؟ شۇندىلا بىز«ئادەم»ھېسابلىنىمىز،شۇندىلا بىز ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادى ھېسابلىنىمىز!

 —ئەزھەر ئەركىن 2015يىل13_دېكابىر





1379 قېتىم كۆرۈلدى azhar0707 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-14 19:45:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-31 23:47:18 قەلبىم
بەك ياخشى ،ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ .
2016-1-5 6:25:20 يىگچى
ياخشى يېزىپسىز ياقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ