تەنتەك سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن
تەنتەك ، بەلىكىم بۇ خەتنى يېزىىشىم كېرەكتۇ ۋە بەلكىم يازماسلىقىم ...ئىشقىلىپ يېزۋاتىمە ... ساڭا ئەۋەتەلەمدىم يوق ئۆزۈممۇ بىلمەيمە ، قايسى چاغلاردا سەن بىلەن تونۇشتىم شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۆزۈڭنىڭ چىقىشقاق مىجەزىڭ ،ھىچكىمگە بەرگۈسىز تاتلىق كۈلكەڭ بىلەن مىنى ئۆزۈڭگە ئەسىر قىلدىڭ ، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما بىراق ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ھېچ توسۇپ قالالمىدىم... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن ئىشلا ئۆتتى ،ھىلىقى قار ياغقان كىچىسى سەن بىلەن ياتاق بىنايىڭنىڭ ئاستىدا ئايلنىپ ۋالىبول مەيدانىدا ھىچكىم دەسسىمىگەن ئاق قار ئۈستىدە سېنىڭ يىنىڭدا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ماڭغىنىم ئېسىڭدە بارمۇ ؟ ئۇ چاغدا قۇلقۇم گېپىڭنى ئاڭلاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خىيالىم سەندە ئىدى ، سېنىڭدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالامدىم ؟ ياق ئۇنداق قىلالمايمە دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈپ خىيالەن گەپ قىلاتتىم ، جۈرئەتلىك بول ئۇنى مەھكم قۇچاقلىۋالغىن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسە ھەرگىز قويۇپ بەرمە دېگەتتى شۇ چاغدا ئىچىمدىكى ئارمان ، مەنمۇ تاس قالغانتىم شۇنداق قىلغىلى ئەمما شۇ چاغدكى تەڭ قىسلىقتا قالغان سېنى ئويلاپ ئۇنداق قىلالمىغانتىم ھەم ئاخىرىدا گەپمۇ قىلالماي يىنىڭدىن كەتكەنىدىم ... يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى ... سېنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمۇ ھەتتا ساڭا نەپرەتلەنمەكچىمۇ بولدۇم ئەمما قىلالمىدىم ، باشقا بىرەرسىگە كۆڭۈل بەرمەكچىمۇ بولدۇم ئەمما سېنى خالىغان بۇ كۆڭۈل ھىچكىمنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمىدى چۈنكى سېنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ئەمەسمۇ ... ھلىھەممۇ سېنى شۇنداق ياخشى كۆرۈمەن ، شۇ ئىنتىزار بولغان كۆڭلۈڭگە سۆيگۈڭگە ئېرىشەلەمدىم يوق ئۇقمايمە ، ئەمما قورقىمەنكى ئىنتىزار بولغان شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەي داۋاملىق مۇشۇنداق كۆڭۈل ئازابىدا ئۆتەرمەنمۇ دەپ ... پۇشايمىنىم ،ئۆز ئېغىزىم بىلەن تېخىچە سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقماپتىمەن ، بىراق ئېشەنگىن سېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەن ، ھەممىگە مېنى ھەم سېنى ياراتقان ھەم ئۇچراشتۇرغان رەببىم گۇۋاھ بولسۇن ، ئۇچراشتۇرغان ئىگەم بەختىمنى ھەم سەن بىلەن بىرگە قىلسچۇ ...
يوللىغۇچى ئاۋاق
209 قېتىم كۆرۈلدى | ئاۋاق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 0:35:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|