دوستۇم سىزنى سېغىندىم، سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى ئىپادىلەپ بېرەممەيمەن .بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن سىز بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى مەن بەكلا دۆتلۈك ھەم ئۇيقۇ ئىچىدە ياشاپتىكەنمەن. سىزنىڭ تەربىيەلىرڭىز، نەسىھەتلىرىڭىز ئىچىدە ئۆزۈمنى تونۇدۇم . مەن بۇچاققىچە ھېشكىمنى سىزدەك سېغىنمىغان سىزگە ئامراق بوغاندەك ئامراق بوپ باقمىغان ئىدىم. ھېشكىمنىڭ گىپىنى سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىغاندەك ئاڭلاپ ئەمەل قىپ باقمىدىم ھەتتا تۇققانلىرىمنىڭ گېپىنىمۇ بىلەمسىز ؟
مەن سىزگە ناھايتى ئامراق! سىزنى ئەقلىم بىلەن قەلبىم بىلەن دوسلۇق مېھرى بىلەن سېغىندىم. سىز مىنى دائىم سىز بەكلا سەبىي ھەرۋاقىت مۇشدا سەبىي تۇرۇڭ ھەرگىز يوغىنىماڭ دەيتتىڭىز ، سىز دائىم تىرىشىڭ دەپ مىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتىڭىز ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىغان ھەم ھۆرمەتلىگەنتىڭىز شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىلمىدىم سىزگە بەك ئامراق بوپ قالغان ئىدىم. سىزنى سېغىنىپلا تۇرىمەن .
سىز ماڭا ماڭا كۆنۈپ قامماڭ دەيسىز ئەمما مەن بۇرۇنلا كۆنۈپ قېپ بوپتىمەن .بەزى ئىشلا تۈپەيلى ئانچە كۆرشەممەيۋاتىمىز سىز ھەم ئالدىراش ئىشلىرڭىز بەكمۇ جىق بۇنى بىلىپ تۇرساممۇ مىنى ئىزدىشىڭىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن.سىزنى راسلا بەك كۆگۈم كەپ كەتتى ،،، سىزنى ئەقلىم بوسىلا ساراڭ بوپ قاماي ھايات بوساملا ئىزدەپ تۇرمەن ساقلاشقا تىگىشلىك بولسىلا ساقلاش گۈزەلدۇر مەن سىزنى ساقلايمەن !
384 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەببەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-24 18:37:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|