قالتىس ئوقۇتقۇچى بولغىڭىز بولسا - تۇرغۇن راخمان

قالتىس ئوقۇتقۇچى بولغىڭىز بولسا...
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


دوستۇم،تېخىچە چۈشلىرىڭدىن ئويغانمىدىڭمۇ؟غەپلەت ئۇيقۇڭدىن تىزرەك ئويغانغىن،قۇياش كۈلۈپ قاراۋاتىدۇ، ئۆزۈڭگە ئېشەن،ئۈمىدلىك بول،قەلب چىرىغىڭنى يورۇتقىن، بولمىسا كۆزۈڭ خىرەلىشىپ،يۈرۈگۈڭ جاراھەتلىنىدۇ،روھىيتىڭ ئۆلىدۇ.ساناقسىز بالىلار مېھىرلىك قەلبىڭىزنى كۈتىۋاتىدۇ.
بارلىغىڭنى مائارىپقا بېغىشلا،بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۇچۇپ كىرىشنى بىل،بالىلارغا مېھىرلىك بولغىن،مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل باغچىدا،گۈزەللىكىڭنى مەڭگۈ نامايان قىلغىن،قەلبىڭ سۈزۈك،دېلىڭ يورۇق بولسۇن،خۇشخۇي تەبەسسۇمىڭىز بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشنى بېلىۋال،مەڭگۈلۈك ئادىتىڭگە ئايلاندۇرغىن،كۈلۈمسىرەشنى ھەمراھ قىلغىن.
مۇئەللىم،ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى تەمكىنلىك بىلەن يەنە بىر قېتىم ئويلىنىش قىلغان بولسىڭىز،مەسئۇلىتىڭىزنى بىلەمسىز؟ ۋەزىپىڭىز زادى نىمە؟
ئوقۇتۇش مۇنبىرى ۋە تەلىم-تەربىيە سورۇنىغا،چوقۇم ھەقىقى مېھىر مۇھەببىتىڭز بىلەن چىقىڭ،ھەرگىزمۇ شەكىل ياكى ۋەزىپە ئۈچۈن چىقىشتىن ساقلانغايسىز.
ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەشنى باش نىشان قىلىپ، پەنلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك باراۋەر،ئورتاق مۇئامىلە قىلىڭ، بولۇپمۇ،ئونىۋېرسال ئىقتىدار،ماھارەتلەرنى يىتىلدۈرۈدىغان مۇزىكا،گۈزەل-سەنەت،تەنتەربىيە،ئىلىم-پەن،ئۇچۇر-تېخنىكا، ئونىۋېرسال ئەمەلىيتى قاتارلىق يادرولۇق پەنلەرنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بېلىڭ،خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، ئېنگىلىز تىلى، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىڭ، ئىددىيۋى ئەخلاق بىلەن ماتېماتىكا دەرسلىىگىنىمۇ كۈچەيتىڭ، بالىلارنى ئونىۋېرسال تەربىيلەشنى نىشان قىلىڭ،پەنلەرنى ئۆگەيلەشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ.ھەممىنى باراۋەر ئوقۇتۇڭ.
ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ،ئۆزگىچە قىزىقىشى ۋە  ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ،ئۆزىنى نامايەن قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ،ئۆگىنىش ئىشەنچىسى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى تۇرغۇزۇشقا ئىلمىي يىتەكچىلىك قىلىڭ،ئۆگىنىش ئىشتىھاسىنى ئېچىپ،ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش،بىسىم ھېس قىلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىڭ،قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ،زېرىكمەي، ئېرىنمەي،بەل قويۇۋەتمەي،ئەقلىي بۇلىقىنى ئېچىشقا يۈزلۈنۈڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىش،ئالدىن ئۆگىنىش، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش قاتارلىق  ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈشكە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىڭ،شۇندىلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيسىز،ئىچىڭىز سىقىلمايدۇ،دىلىڭىز يورۇيدۇ،ھەممەيلەننىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايسىز، ئىشەنچىسىدىن قالمايسىز،كەڭ خەلقنى رازى قىلىپ،يۇقۇرى سۈپەت ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز،بۇنىڭ بىلەن چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلىنىپ،قالتىس ئوقۇتقۇچى بولالايسىز.
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، تېرىشىڭ،سىناپ بېقىڭ،ئەمەلىيەتكە يۈزلۈنۈڭ،سەبىي بالىلار تەلمۈرمەكتە،بارلىق ئاۋام ئۈمۈد كۈتمەكتە،قالتىسلىق سىزنى ساقلىماقتا،ئۇستاز،غەيرەت قىلىڭ.
     





146 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان(كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 0:29:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ