سەھرالىقلار ۋە شەھەرلىكەر

         
           سەھرالىقلار ۋە شەھەرلىكەر  (فىليەتون)



ھەممە يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ماس كىلدىغان، ئۆز ئالدىغا يىتىلدۈرۋالغان، تۇرمۇش ئادىتى بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا دۇستۇم ، قىنى ئاستىدىكى قۇرلارنى تەپسىلى ئۇقۇپ  ئويلىنىپ چىققايسز.

   سەھرادا بىز  كۈن چىقىشى بىلەن خورازلارنىڭ چىللاشلىرى، قوي-كالا ماللارنىڭ  مەرەشلىرى بىزگە  ياد بۇلۇپ كەتكەن، لىكىن شەھەردە ئۇنداق  ياد ئاۋازلار  ئاندا - ساندا  ئاڭلىنىپ تۇراتتى بۇلمىسا يۇق ئاڭلانمايتتى،
  ئۆز - ئارا قۇشنىلار  سەھەردە  سالام ساھەت قىلىشقاندا،  
تىچلىقمۇ ، تىنىش ئامان ئۇخلاپتىلامۇ ؟  دەيدىغان ئىدى، ھەم بىز  بۇ سۆزلەرنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلۋالغان ئىدۇق،
  لىكىن  شەھەردە بۇلسا قۇلۇم قۇشنىلار كۈرۈشكەندە :
«ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ياخشىمۇسز؟»  دەيدىكەن،  ئەمدى باشتىكى  سالام بىز ھەقىقىي ئۇيغۇرلارغا  خاس  بۈيۈك سالامدۇر،  ئەمما كەينىدىكى « ياخشىمۇسز؟» دىگەن  زامانىۋى  تۈسىدىكى « سۇئال تەلەپپۇز » دىكى  سالام  زادى قەيەردىن كەلگەندۇ؟؟؟
……
   سەھرادا بىز  ئەتىگەنلىرى  ئۇتۇن يىقىپ چاي قاينىتاتتۇق ، ھەم  ئوت  كۈيۈپ  ئاجىزلاپ قالسا  پۈۋلەپ تىخى ئىس يۈتۈۋىلىپ  قىقىلىپ  قىلىپ يۆتىلىپ كۆزلىرمىزدىن ياش چىقىپ كىتەتتى ، شۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزچە  خۇش كۈلەتتۇق.
  لىكىن شەھەردە بۇلسا ، چاينى  گاز ئوچاقتا «كاس» قىلغان بىلەنلا  ھىچ قىينالماي تۇرۇپلا  قاينىتىپ ئىچەلەيدىكەن، ئەگەردە  ئۇلارمۇ بىر  كۈنى  بىزگە ئۇخشاش  ئىس يۈتۋالسا  قانداق بۇلۇپ كىتەر - ھە!
……
    سەھرادا  بىز  كۈندە  ئىتىز - ئىرىق ئىشلىرنى قىلىپ ، تەبئىي ئۇسۇلدا  چىنىقىپ  ساغلام  نۇرمال تۇردىكەنمىز، ھەم ئۇزۇن ئۈمۈر كۆردىكەنمىز.شۇڭلاشقىمۇ سەھرالىقلارنىڭ  يۈز تىرىسى  كۈن نۇرىدا كۈيۈپ قارىداپ كەتكەن،
 لىكىن شەھەردە بۇلسا ، ئۇلار زامانىۋى چىنىقىش ئۈسكۈنلىردە چىقىدىكەن ، تىخى بەزىلىرى  مەجبۇرىي چىنىقۋاتمەن دەيدىكەن، يەنە  تىخى « مەن  سەھەردە تۇرۇپ ئىككى كوچىنى چۆرگىلەپ كىردىم » دەپ  پەخىرلىنىپ سۆزلەپ كىتىدىكەن، ھەتتا ئۇلار  يۈز - تىرەم  كۈيۈپ كەتمىسۇن دەپ
قىممەت باھالىق  كۈن نۇرىدىن ساقلاش گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىدىكەن ، ئەمدى  ئۇلار  سەھراغا كىلىپ  كەڭ كەتكەن  تەبىئەت قۇينىدا  بىر قانچە كۈن پاختا تىرىپ  ئىتىز - ئىرىق ئىشلىرى قىلسا  زادى  قانداق بۇلۇپ كىتىدىغاندۇ -ھە!
……
    سەھرادا  بىز  كۈندە  ھويلا - ئاراملارغا سۇ سىپىپ ئۇلتۇرۇپ كۈنۈپ قاپتىمىز، ھەم تەبئىي ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى ئۈزىمىزگە ئادەت قىلۋالغانمىز. ھىچ بۇلمىغاندا ئۆي ئالدىغا  سۇ  سىىپ قۇيىمىز ، بۇ بىزگە چوڭلاردىن قالغان ئىشلار ئىدى،
   لىكىن شەھەردە بۇلسا ،  قانداقتۇر بىر  زامانىۋى ئۆي تازلاش ئۈسكىنلىرنى ئىشلىتىپ  ئۆي  ئىچىنى  بىر قانچە قىتىم  ئوڭ  سولغا  مىڭىپلا  تازلاپ بۇلالايدىكەن ، ھەتتا بەزىلىرى  بىر قانچە كۈندە بىر ئۆي تازلايدىكەن،
……
    سەھرادا بىز كىيىم كىچەك ئادەتلىرمىزگە بەك سەل قارايدىكەنمىز، مەسلەن  بىر قۇر  كىيىمنى  بىر قانچە كۈن ھەتتا  بىر ھەپتە كىيىپ  يۇيۇپ قىلدىكەنمىز ؟؟ بۇ نىمە ئۈچۈن بىز شۇنچە ئىسىقتا ئىشلىسەكمۇ كىيىملىرمىز مەينەت بۇلمامدىغاندۇ؟؟ بۇ ئۆزىمىزگە ئايان.
   لىكىن شەھەردە بۇلسا  ئۇلار  كۈندە  ياكى  بىر قانچە سائەتتە  بىر قۇر كىيىم ئالماشتۇرۇپ تۇردىكەن، تىخى  مىنىڭ نەۋرە ئاكام ھەم ھەدىلىرىممۇ  خۇددى  چۆچەكلەردىكى :
« پادىشاھىنىڭ يىڭى كىيىمى  » دىگەندەك ، سەھەردە ئىشقا ماڭغاندا  كەيگەن كىيىملىرنى  چۈشتە كەلگەن چاغدا سىلۋىتىپ يەنە تاماقتىن كىيىن ئىشقا  ماڭغۇچە باشقا بىر يىڭى  كىيىمنى كىيىپ مىڭۋاتدۇ ،  بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟؟ ئۇلار  كۈندە  بىر قانچە قۇر  كىيىم كەيمسە كۈنى كەچ بۇلمامدىغاندۇ؟؟
شۇ سەۋەپتىن بۇلسا كىرەك ، ئۇلارنىڭ  قىسقا ۋەياكى ياقتۇرمىغان كىيىملىرنى ماڭا  بىرۋىتەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن قالغان  كىيىملەرنى كىيىپ چوڭ بۇلدۇم، نۇرغۇنلىرمىز  باشقىلاردىن قالغان كىيىملەرنى  كەيمەيدۇ، لىكىن بۇ ئادىتىم  ماڭا  چوڭلاردىن قالغانمىكى دەيمەن ، چۈنكى چوڭلار  بىر  كىيىمنى  نۆۋەتلىشىپ  كىيىپ چوڭ بۇلغانكەن.
……
   سەھرادا بىز قىممەت پۇللۇق  ئالاھىدە ماشىنىلار  يۇلدىن ئۈتكەن چاغلاردا  ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتۇق ، ھەم شۇ چاغ  مەن  قاچانمۇ شۇنىڭغا  ئۇخشاش ماشىنا ھەيدەرمەن  ياكى چۈشۈپ ئۇلتۇرۇپ باقارمەن دەپ كىتەتتۇق،
  لىكىن شەھەردە بۇلسا ئۇلار  بىزگە ئۇخشاش ھەيران قالمايدىكەن، چۈنكى ئۇلار  شۇنىڭدەك  ماشىنىلارغا  كۆپ ئۇلتۇرۇپ باققان ، ھۇزۇر تۇيغۇسى بار، ھەيران قىلىشنىڭ ئورنى يوق  دەپ  يۇللىرغا راۋان بۇلدىكەن، بۇمۇ بىر ئۆزگىچە ئىسىل ئادەت ئىكەن.
……
سەھرادا بىز تاماق جەھەتتىن  كۆپرەك تويغۇدەك يەۋالسام دەيدىكەنمىز ،ھەتتا تۇيمىساق  يەنە بارمۇ ؟؟ دىگىنىمىزچە قاراپ قالدىكەنمىز، ئىشقىلىپ سەھرانىڭ يىمەك ئىچمەكلىرى مول ياخشى بۇلۋاتدۇ، نىمە يەيمەن دىسەك تەييار ،
   لىكىن شەھەردە بۇلسا   بۈگۈن  تاماقنى  ھىساپلىق ئىتىڭلار   ئىشىپ قالسا  تۈكىۋىتىدىغان گەپ ، دەپ  بۇيرۇق يۇسۇندا  تائام يىمەك ئىچمەك ئادىتىغا كۈنۈپ قالغان ئىكەن، شۇ سەۋەپ  مەنمۇ  ئىقتىسادچانلىق بىلەن تاماق يىشىش  قائىدىسىگە  بىر قانچە كۈن  مەجبۇرىي كۈنۈپ قالدىم، ھەر تاماق  يەپ بۇلۇپ ، چوڭ ئاتىمىز  :  قورساق  تۇيدىمۇ ؟؟
تۇيمىغان بۇلسا  نان چاي  ئىچىڭلار  دەيتتى، گەرچە بۇ سۆز بىزگە غەلىتە تۇيۇلغان بۇلسىمۇ  يەنلا  قانداقمۇ   تويمىدى  دەپلا  يىگىلى  بۇلسۇن ،  تۇيمىغان بۇلساقمۇ  تويدى  تويدى  رەھمەت  ئۇخشاپتۇ ، دىگەندەك تەكەللۇپ سۆزىگە ماسلىشىپ كەتتۇق،  
……
  سەھرادا  بىز كونا  قاتناش ۋاستىلىردىن « ئات ھارۋىسى» « تىراكتۇر » ( سەللەر )  ( ماتوچەي)  دىگەندەكلەر  بىزگە  خۇددى  داڭلىق ماركىلىق ماشىنىمىز باردەك پەخىرلىنىپ كىتەتتۇق ، ھەم ھەيدەپ  ئوڭ  سولغا  كۈندە  قاترايتتۇق ، بۇ بىزنىڭ  ئەڭ مۇھىم نەرسىلىرمىز ئىدى ، راست شۇ  بار بۇلغانلىقى ئۈچۈن  باشقىلار ئالدىدا  ئۆزىمىزنى  چوڭ  كۆرسىتەتتۇق،
   لىكىن شەھىردە  بۇلسا   مەن ئۇ قاتناش ۋاستىلىرنى تىلغا ئالسام  ،  نىمە ئۇ ،؟ قانداق  نەرسە  دەپ  كۈلۈشۈپ كەتتى ،
دىمەك ئۇلار  ئاڭلاپ  كۈرۈپ باقمىغان ئىكەن ، بەلكىم  كۆرسىمۇ   ئىچىگە  چۈشۈپ ئۇلتۇرۇپ  بىقىشتا  تۈگۈل  مىنىڭچە  قاراشتىنمۇ  ئۇيىلىدىغۇ دەيمەن،  مانا بۇ  بىز ۋە شەھەرلىكەر …
……
  بىز سەھرادا ئادەتتىكى ئۆيلەردە ئۇلتۇرۇپ كۈنۈپ كەتكەنمىز ،  ھەتتا  بىرەر ئىغىز  ئۆيىمىزنى ئاددى  بىزەپ  قۇيۇپ  خۇشال بۇلۇپ كىتەتتۇق، دىرىزىلەرگە  ئاددىي بۇلسىمۇ  رەخىتلەردىن  پەردە  ئارتاتتۇق، ئاپئاق  تاملار  كۆرۈنمىسۇن دەپ ،  ھەر خىل  مەيلى  كونا  يىڭى بۇلسۇن گىلەملەرنى ئىسىپ قۇياتتۇق،
   لىكىن شەھەردە بۇلسا  نۇرغۇنلىرى  بىنا ئۆيدە ئۇلتۇردىكەن ، ئۆي ئىچىنىڭ  بىزەش ئۇسلۇبى ياۋرۇپا سەنىمى  دەپ   نەچچە يۈز مىڭ سوم  خەجلەپ  خۇددى  پادىشاھىلارنىڭ  ئايۋان  سارايلىردەك بىزەپ  قىلۋالدىكەن، ھەتتا  قۇشنىلار ئارا  بىر  بىرسىنىڭكنى  كۆرەلمەي  سەندىن  ئىشىپ  چۈشكىدەك  بىزىتىمەن  دەپ   ھەتتا  بانكىلاردىن  قەرىز ئىلىپ  دىگەندەك  قىلۋاتقان ئىشلىرنى  سەزمەيلا  كۆرەلمەسلىك بىلەن   زامانىۋى سۈنئىي تۇرمۇش كەچۈردىكەن.
……
بىز سەھرادا  توپىلىق يۇللاردا مىڭىپ كىتەتتۇق ، تىخى ئۆزىمىزچە  چاڭ - توزان چىقىرۋىتەتتۇق، ئاندىن  بىز مىڭىپ ئۆتكەن  يۇللار بۇ   قاراڭلار   ئاۋۇ  مىنىڭ  ئىزىم تۇرمامدۇ  دىيشىپ كىتەتتۇق، ھەتتا  نۇرغۇن مىۋىلىك دەرەخلىرمىز ، ئەلۋەكلەپ ئاققان  « كارىز »  سۇلىرمىز بار ئىدى ، سۇلىرمىزدا  بىلىقلار  پىلتىڭلاپ  ئۈزۈپ كىتەتتى ، قۇشلارنىڭ  سايلاشلىرى ،« كاككوك»……  دىيىشلىرى  خۇددى  ئۇلار  بىرسىنى  چاقىرۋاتقاندەك  قىلشاتتى،
   لىكىن شەھەردە بۇلسا ، ھەممە ئەتراپ  ئاسفالىت يول ، بايا ماڭغان   يۇلۇم  قايسى دەپ  ئىزدەپ  قالدىكەن،  ئۇلارنىڭ  دەرەخلىرى  پەقەت  سايا چۈشۈرۈش ۋە  كۆكەرتىش ئۈچۈن  تىكىلدىكەن، قۇشلىرى  بۇلسا  قەپەز ئىچىدە  سۇلىنىپ  ياشايدىكەن، ئۇلارنىڭ  سايراشلىرى  ناھىگاندا بىر  ئاڭلىنىپ تۇراتتى  بۇلمىسا يۇق ئىكەن ،
……
   سەھرادا بىز ئاخشاملىرى  ياز ئايلىرىدا  ئۆينىڭ  ئۆگزىگە چىقىپ  ئاسمانغا  قاراپ يۇلتۇز ساناپ ئۇخلاشقا  كۈنۈپ كەتكەنمىز، ھەم ھەر خىل  ھاشارەتلەرنىڭ  چىرىلداشلىرى  بىزگە  خۇددى  ئومومىي  خور   دەك  ئاڭلىناتتى ، بىز  تەبىئەتكە جۈر بۇلۇپ  بىللە  ئۇخلايتتۇق ، سەھەر تۇرۇپ كىتەتتۇق ، ھەم ئويغىنىپلا  قۇياشنى كۆرەتتۇق،
   لىكىن شەھەردە بۇلسا ،  كۆپىنچىسى  ئۆيىدە ئۇخلايدىكەن  نەدىكى  يۇلتۇز  بۇلسۇن    تورۇسقا  قاراپ  ياتىدىكەن ،تىخى ئەتىسى  قۇياشنى كۆرەلمەيدىكەن يەنە  بەزىلىرى  قۇياشنى  كۈرۈش  ئۈچۈن  شەھەر  سىرتىغا بىرىپ كۈرۈپ كىلدىكەن ،
……
       سەھرادا  بىز ئاددى ساددا تۇرمۇشقا كۈنۈپ كەتكەنمىز، تۇساتتىنلا ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئىچىگە كىرىپ قالساق سەل ئوڭايسزلىنىپ قالدىكەنمىز، بىز شەھەرلەرگە يىلدا بىر ياكى ئىككى قىتىم  كىرىپ قالساق ، يول مىڭىش جەھەتتىن سەل ئاجىز ئىكەنمىز  تۆت كوچا  يۇل ئىغىزىغا كەلگەندە ، قانداق ماڭىمىز  دەپ ئىككىنلىش ئىلكىدە  ساقلاپ قالدىكەنمىز ، ھەمدە  شۇ  شەھەرلىكلەر  قانداق ماڭسا  شۇلارغا ئەگىشىپ مىڭىپ باقىدىكەنمىز،ئىشقىلىپ بىز بەك دىققەت قىلىپ  باشقىلار ئالدىدا  سەھرالىق ئىكەنلىكىمىزنى چاندۇرۇپ قۇيدىكەنمىز.
لىكىن شەھەرلىكەر بۇلسا  تەمكىن يۇللىرغا مىڭىپ كىتۋاتدۇ ، بىر بىرسى بىلەن ھەتتا كارى  بۇلماسلىقتەك ، مىجەزنى يىتىلدۈرۋالغان ئىكەن ، كىيىنشلىرى  زامانىۋى ، سۆزلىرى ئۆزگىچە ، كۆز ئەينەك  تاقاپ  ، خۇددى  بىز  تىلۋىزورلاردا كۆرگەن  چولپانلارغا ئۇخشاپ قالاتتى ، بۇمۇ  بىر  ئۆزگىچە بۇلغان  تۇرمۇش  ئادىتى، ھۆرمەت قىلمىز!
……
  سەھرادا بىز  كۈندە  قۇلۇم - قۇشنىلار ئارا  ،  ئەتكەن تاماقلىرمىزنى  بىر-بىرمىزگە  سۇنشاتتۇق، گەرچە تاماقلىرمىز  بەك  ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ، يەنلا  بۇ تاماقلار  چۇڭقۇر مىھىر بىلەن يۇغۇرلۇپ ئىتىلگەن ئىدى ، چۈشتە تاماقلىرمىز ئىشىپ قالسا  ، كەچلىرى  ئىسىتىپ  يەۋالاتتۇق ، بۇ چۇڭلىرمىزدىن بىزگە قالغان ئىشلار ئىدى،
    لىكىن شەھەرلىكلەر بۇلسا  ئۇنداق قىلمايدىكەن ، ھەتتا تاماق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ ، قايسى بىر  كەسمە دوكانلاردىن ، ۋەياكى  تىز يەتكۈزۈش ئاشخانىلاردىن  تاماق زاكاس قىلدىكەن ، تىخى « خوۋا لىڭ » تۈرلۈك ماللار سودا رايونىدا ، سەييارە تاماق ساتىدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان ، زامانىۋى  ھەيدىگىلى بۇلدىغان ئاشخانا بىلەن  تاماق  ساتدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم ، تاماق ئالغۇچىلار تىخى  ئۆزلىرى  ئۆز قۇلى بىلەن تاماقلارنى  بۈلۋالدىكەن ( ئۇسۇۋالدىكەن )   نىمدىگەن ئەلا مۇلازىمەت ھە -! .
……
سەھرادا بىز  كۈندە ئاز دىگەندە  پىيادە  10 نەچچە  كىلومېتىر يولنى  ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا مىڭىپ كىتىمىز، شۇڭلاشقىمۇ  سەھرادىكىلەرنى  ئۇتتۇرچە ياشاش ئۆمىرى  بىر قەدەر ئۇزۇن بۇلدىكەن ، قۇياش نۇرى بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرمىز ،  خۇددى  قۇياش  بىزنىڭ ئانىمىزغا ئۇخشاش،
   لىكىن شەھەرلىكەر بۇلسا كۈن - كۈنلەپ ھەتتا ھەپتىلەپ بىنا ئۆيلىردىن  تۆۋەنگە چۈشمەيدىغانلارمۇ باركەن ، ھەتتا قۇياش نۇرىدىن قۇرقۇپ ، كۈنلۈك كۈتۈرۈپ ماڭىدىغانلارنىمۇ ئۇچراتتىم   ئەجىبا بۇلار  (قۇياش ئانىمىزنىڭ) ئۆگەي  باللىرىمىدۇ؟؟  بۇ ماڭا نامەلۇم ……
……
   سەھرادا بىز ئىش قىلىشقا ماھىر ، ئىشچان كىلدىكەنمىز ، بۇ ئاتا - ئانىلىرمىزنىڭ كىچىكىدىن يىتىلدۈرۈپ بىزگە قالدۇرغان ، ياخشى  روھىيىتى  بۇلسا كىرەك ،  گەرچە بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرمىز مەكتەپتە  كۆپ  ئۇقۇمىغان ،  ئۇقۇمۇشلۇق  بۇلمىسىمۇ ، لىكىن  بىز پەرزەنىتلىرنى  ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن  ياخشى  تەربىيلەپ قاتارغا قۇشتى …
   لىكىن شەھەرلىك بىز بىلەن  تەڭ دىمەتلىك بالىلار ئىرىنچەك ، ئىش خۇش  ياقماس كىلدىكەن ، مىسالى مىنىڭ  14ياشلىق شەھەردە تۇغۇلۇپ  چوڭ بۇلغان ئۇكام ، سەل ئىرىنچەك  ، دائىم  ھاممام  ئىشقا  بۇيرىسا ،  ئامال بار باھانە ئىزدەيدۇ، ئاندىن  بۇيرىغان ئىشىغا   ھاممام ئۆزى بىرىپ قىلىپ كىلىدۇ ،  شۇڭا كونىلار « كىچىك بالىنى ئىشقا بۇيرۇپ ، ئارقىدىن ئۆزەڭ ماڭ »  دىگەن ھىكمەتنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن ،
……
سەھرادىكى بىز كۈندە ھەر قايسى ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىپ  چوڭ بۇلغان ، ھەم شۇ ھايۋاناتلارنى  كۆرگەندە ھەيران قىلىش دىگەندەك ئالامەتلەر بۇلمايدۇ  ، جۈملىدىن شۇ ھايۋاناتلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بۇلدۇق دىسەكمۇ بۇلدۇ ، مەسلەن : قوي ، كالا ، ئات ، تۆگە  ، قۇشقاچ دىگەندەكلەر ئىدى ……
……
لىكىن شەھەرلىكلەر بۇلسا ، بۇ ھايۋاناتلارنى كۆرۈشتىن خالىي  ئىدى ، ئەگەر  كۆرىمەن دىسە : سۈنئىي  ئوسولدا قۇرۇلغان ، «ھايۋاناتلار باغچىسىغا » باراتتى ، شۇ تەبىئەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ  ھىساپلىندىغان ھايۋاناتلار   « قەپەس » ئىچىدە ئۈچ ۋاق تاماق يەپ ياشايتتى ، مەنچە بۇلسا  بۇنداق ياشىغاندىن ، ئاچ قورساق  تەبىئەت قۇينىدا ياشىغان بۇلسا  ياخشى بۇلاتتى   ئەمەسمۇ ؟؟…
……
    سەھرادىكى بىز  شۇ  بىز  تەبىئەت  قوينىدا  ياشايدىغان بىزلەردىن ئىبارەت ، ھەممە نەرسىلەر تەبئىيلىك بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ، ئەسلىمىزنى  ئۇنۇتمىغان  ئۆزىمىزدىن ئىبارەت ، يىڭى نەرسىلەرنى كۆرسەكمۇ ھەم  ئىرىشسەكمۇ ، يەنلا كونىسىنى ئەسلەيدىغان ، شۇ تەبىئەت بالىلرى ئىكەنمىز !!!
………
   ۋاھالەنكى شەھەرلىكلەر چوڭ يەپ ، ئىسىل كىينىپ  يۈرگەن بىلەن ، تەبىئەتتىن چەتنىگەن ، ھەمدە تەبىئىيلىكتىن قۇرقىدىغان ، سۈنئىيلىك بىلەن ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟
ئاخىرقى سۆزۈم « سەھرايىمغا كىلىڭلار » ھەقىقىي تەبىئەتنى كۈرۈپ بىقىڭلار، ھەمدە سىلەرمۇ تەبىئەت باللىردىن بۇلۇڭلار، سۈنئىيلىكتىكى  ئادەتلىرىڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار……        
     


                      سەھرادىكى ( مەردانى )
                                  ۋە  
                      شەھەردىكى ( مەردانى )
              _________________________________
2017-يىلى 5 - ئاينىڭ 21-كۈنى « كەچقۇرۇن»
      مۇھەرىر  : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر ) 

ئۈندىدار : 2041420589





736 قېتىم كۆرۈلدى mardan007 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-22 0:16:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ