بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى؟ - شەھىدە

بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى؟

 شەھىدە


   بۇ دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ھاياتلىقتىنمۇ قىممەتلىك نەرسە بارمۇ ؟  ئەلۋەتتە بار ، ئ‍ۇ بولسىمۇ ئ‍ەدەپ ۋە ھايا . چۈنكى، ھاياسىز ئادەم قەدىرسىز قالغان ئ‍ەخلەت ، ئەگەر بىر ئادەم ئ‍ەدەبسىزلىق ۋە ھاياسىزلىق ئىچىدە مىڭ يىل ئۈمۈر كۆرسىمۇ ، ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرىنى ھىچكىم ئەسلىمەيدۇ ، ئ‍ۇ كىشىنىڭ مىڭ يىللىق ئ‍ۆمۈرى بىر كۈنچىلىكمۇ قەدىرلىك ۋە مەنىلىك بولمايدۇ .
دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىمۇ موللىشىشقا باشلىدى، بۇنىڭغا ئ‍ەگىشىپ ئ‍ەتراپىمىزنى بىر قىسىم ئەدەبسىز كىشىلەر قورشىۋالدى .《بىر سىسىق ئالما بىر ساندۇق ئ‍المىنى سىسىتىپتۇ 》دېگەندەك ،  شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىدىكى يامان ئادەتلەرنى ئەتراپىدىكىلەرگە تارقىتىپ ،ئ‍ۆزىگە ئ‍وخشاشلارنى  تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە  بۇ ئادەملىرىمىز مىللىتىمىزگە تولىمۇ  《چىرايلىق 》ناملارنى سىڭدۈرۈپ قويىۋاتىدۇ .
ئەجىبا بۇنى تەرەققىياتتىن كۆرگۈلۈكمۇ ؟ ياق، بۇنداق ئ‍ويلاش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق ، شۇنچە كۆپ مىللەتلەر تەرەققىياتنىڭ تۆھپىسىنى كۆرسە ، بىزنىڭ خەلقىمىز زىيىنىنىمۇ بىللە كۆرىدۇ ؟ بەلكىم، سىزگىمۇ ئۇچرىغان بۇلىشى مۇمكىن، ھۆسنىگە گەپ كەتمەيدىغان قىزلارنىڭ ئاغزىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى  بىئارام قىلغۇدەك سۆزلەرنىڭ چىققىنىنى،   يەنە بەزىلىرىنىڭ  قولىدىكى  ھېلىقى نىجىسلارنى ئۇيان بۇيان ئوينىتىپ ، پاسون چىقىرىپ چىكىشلىىرىنى ،  يەنە بىر قىسىم 《جىگەرلىك 》ئوغلانلىرىمىزچۇ تېخى ئاشۇنداق ئازغان قىزلىرىمىزنى توغرا يولغا باشلاش تۈگۈل،  يېڭى يوللارنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ  يولدىن چىقىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالدى .
بۇلارنى كىمدىن كۆرىمىز، بۇ سەۋەبلىك يەنە كىملەردىن ئاغرىنىمىز  ؟ ھېلىمۇ ياخشى يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بىر-بىرىدىن ئېسىل لىكسىيەلەرنى خەلق ئاممىسىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، شۇنداق بىلىپ بىلمەي يولدىن ئېزىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئ‍ىدىيەسىنى ئ‍ازراقتىن بولسىمۇ يىڭىلاپ ،  ئۇلارنى شۇ ھارام يوللاردىن ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ .
يەنە 10 يىلدىن كىيىن،   ياق، ياق، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن،  بولسا ھازىرلا ، بۈگۈندىن باشلاپلا سۈزۈك مەنزىرىنى كۆرەلىسەك-ھە!
     





357 قېتىم كۆرۈلدى xayida ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-20 22:13:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-2 14:56:02 AY KOZAM
بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالدىم بەك ياخشىكەن قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن دەل مىنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا مۇيەسسەر قىپسىز 🎄🎄🎄
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ