قانداقلا ئىش قىلىشىڭدىن قەتئىينەزەر تەلۋىلەرچە تىرىش

قانداقلا ئىش قىلىشىڭدىن  قەتئىينەزەر تەلۋىلەرچە تىرىش


<قانداقلا ئىش قىلىشىڭدىن قەتئىنەزەر تەلۋىلەرچە ياخشى قىلغىنكى باشقىلار سېنى دوراشقا ئامالسىز قالسۇن __ۋان گوخ

مەلۇم ئىشنى قىلغانكەنسەنسەن چۇقۇم ئەڭ ياخشى قىلالمىساڭمۇ چۇقۇم ئۆزەڭنىڭ پۇتۇن كۈچۈڭنى چىقىرالىساڭ شۇنىڭ ئۆزى مۇۋەپپىقىيەت ،مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىنى ئاۋال سەن ئۈزەڭگە بېرەممىسەڭ ،باشقا ھېچكىم ساڭا بېرەممەيدۇ ، ئۈزەڭنى ئۈزەڭ سۈيەلمىسەڭ ھېچكىم سېنى سۆيمەيدۇ .خەخنىڭ ئاغزىغا قارىساڭ 99پىرسەنىت ئادەم سېنى قىلاممايسەن ،ئېتەلمەيسەن دەيدۇ ،چۈنكى ئۇلار ئۆزى قىلىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى باشقىلارنى قىلدۇرماسلىق ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى تاپىدۇ . ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئېشىپ كەتسەڭ ئۇلار ئۇلار ئۆزىنى كىچىكلەپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ ، شۇڭا ئەتىراپىڭدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىڭمۇ سېنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىڭنى خالىمايدۇ ،لېكىن سەن بۇنىڭدىن ھەيران قاممىساڭمۇ بولىدۇ ، بۇ ئىنساننىڭ پىسخىكىسىدىكى ئالاھىدىلىك ، شۇڭا جەمىيەتتە 20پىرسەنىت ئادەم ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ ھەم ئۇتۇق قازىنىدۇ ،قالغان 80 پىرسەنىت ئادەم ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىدۇ ،ئۇلارنى ئامالنىڭ بېرىچە تۈۋەن كۆرسىتىشكە كىچىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ .

ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئۇنداق باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا ،ئەيپىنى ئېچىشقا ۋاقتى يوق ، ئۇلار ئەتىراپىدىكىلەر ئۇينىغاندا ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان بولىدۇ ،باشقىلار ئىسسىق يوتقاندىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇخلاپ ياتقاندا ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان ئىزدىنىۋاتقان بولىدۇ ،  باشقىلار توختىماي دوسلار چەمبىرىكىدىكى يەپ ئىچىشلەرنى باھالاۋاتقاندا ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقىنى ،ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى بىلدۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن زېھىن  ۋە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ دوسلار چەمبىركىگە بىر نەرسىلەرنى تەييارلاۋاتقاندا ئۇلار كىتاپ كۆرۇۋاتقان ، ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقان بولىدۇ ،  باشقىلار توختىماي نايىستىكى تايىنى يوق بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرۈۋاتقاندا ئۇلار ھەرخىل ئاكتىپ ئېنىرگيەلىك لېكسىيەلەرنى ، سۆھبەتلەرنى كۆرۈۋاتقان بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۇتۇق قازىنىدۇ ،ئارقىسىدىن گەپ تاپقانلارغا ،يارتمىغانلارغا

ئەگەر سىز باشقىلارمۇ تىرىشمىدىغۇ ، باشقىلارمۇ ئۈگەنمىدىغۇ دەپ سىزمۇ تىرىشمىسىڭىز سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىككى تال مائاشقا تاينىپ كۈن ئۆتكۈزۇسىز ، ئەگەر سىز باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇۋەپپىقىيەتلىك ياشاي دېسىڭىز ،ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماي باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يولنى تۇتۇڭ ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ياشاڭ ،باشقىلارغا ئۇخشاش دەرىجىدە تىرىشسىڭىز باشقىلارغا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرىسىز.

 __ھەزرتىئۆمەر ئابدۇرىشىت





245 قېتىم كۆرۈلدى izdan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 7:10:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ