ئايالىڭنى ئايا - «ئا »ھەرپى بىلەن باشلانغان پارچە

 ئايالىڭنى ئايا  

  پەرىزە مولۇتجان  

   «ئا »ھەرپى  بىلەن باشلانغان پارچە

  ئايال =ئاي +ئال (ئايال ـئاسماندىكى ئاينى ئالـماقتۇر ) ئايال ئائىلىنىڭ ئالبومىدۇر . ئاياللارنى ئاسراش ، ئاياش، ئازاپلىماسلىق ئادەملەر ئارىسىدىكى ئاچقۇچلۇق ئادەتلەردۇر .          ئايالىڭنى ئالـمىغاندا ئايدەكتى ،ئازاپلىرىمۇ ئازدى .ئالدىڭ ،ئازاپلىدىڭ ،ئازراقمۇ ئايىمىدىڭ .          ئايالىڭ ئانا ئاتالغاندا ئايفونلىرىڭدا ئاشناڭ «ئامرىقىم »،«ئاپپىقىم »ئاتالدى .ئاللاكىملەرنىڭ ئاياللىرغا ،ئاشناڭغا ئاجايىپ ئايۋانلارنى ئالدىڭ ،ئاشۇلارنى ئاناڭغىمۇ ئالـمىغان .ئاشناڭنىڭ ئايالىڭ ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئايالىڭ ئازاپلاندى ،ئاجىزلىدى ،ئاخىردا ئاغرىدى ،ئاتا ئاتىلىپمۇ ئاغرقخانىغىمۇ ئاپىرامىدىڭ .ئايالىڭنى ئاتا ـئاناڭنى ئايىغاندەك ئايامىدىڭ .        ئاخىردا ئايالىڭ ئالەمدىن ئايرىلدى ،ئاشناڭ ئايۋانلىرىڭنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ ،ئائىلىدىن ئايرىلدى .ئايالىڭنىڭ ئاخىرەتلىكىدە ئازاپلانغان ئاۋازىڭ ئاڭلاندى :«ئايالىم ئاۋازىڭنى ئاڭلاي !»          ئايالىڭ ئاغرىسا ئاغرقخانىغا ئاپارغىن .ئاياغلىرىغا ئاياغلارنى ئالغىن .ئارامگاھلارغا ئارلاپ ـئارلاپ ئاپارغىن ،ئازاپلىرى ئازايسۇن !          ئايالىڭنىڭ ئارزۇ ـئارمانلىرىنى ئاڭلا . ئالتۇندەك ئايالىڭنى ئايىماي ،ئاللاكىملەرنىڭ ئاياللىرىنى ،ئاغىىنلىرڭنىڭ ئاشىقلىرىنى ئارزۇلىما .ئارزۇلاش ئارتۇقچە ئارتۇقچە .          ئاڭلاڭلار،ئاتىلار !ئاڭلا ،ئالەم !          ئاياللار ئازاپلانسا ،ئالەم ئازاپلىندۇ .(چىھرىدىن خۇش تەبەسسۇم كەتمىگەن جاپاكەش قىز ـئاياللىرىمىزغا بىغىشلايمەن .)          (2016.8.1)
     





326 قېتىم كۆرۈلدى پەرىزە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-18 10:29:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-30 22:12:23 پاتىمە
بەكمۇ ئىسىل يىزىلپتۇ بارچە ئەركەكلىرمىزنىڭ ئوقۇپ ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمۇد قىلمەن. بۇ ئەسەرنى يۇللىغان،پەرىزە ھەدىمىزگە كۆپتۇن كۆپ رەخمەت.بەكمۇ ئىسىلكەن....
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ