مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(2-قىسىم)

مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى(2-قىسىم)

 

ئاپتۇرى:ھەزرتىئەمەر رىشىت QQ:2253336853

 

ئەرلەر جىسمى بىلەن بىئۇلۇگيەلىك ئەر،ئادىميلىكى بىلەن ھەققى ئەركەك ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر شۇنداق بۇلۇشى كېرەككى ئۇنىڭدا ھەققانىيەت،غۇرۇر،ۋىجدان،ھايا،ۋاپا،مېھرىبانلىق ۋە باتۇرلۇقتىن ئىبارەت پەزىلەتلەر جەم بۇلغان بۇلسۇن. ئۇنىڭدا مىللىتىنىڭ،خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستدە ئويلىنالايدىغان زېرەك كاللا ۋە شۇ يولدا ئىزدىنەلەيدىغان ئىرادە،جاسارەت بولسۇن. ھەق-ناھەق قارىشى مۇھەببەت-نەپرىتى ۋە مەيدانى ئېنىق بولسۇن.ئۆزىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىندىغان،ھارماي ئۆگۈنىدىغان،ئۆزلۇكسز ئالغا باسىدىغان قەيسەر روھ بولسۇن. ئۇلاردا ئۆزىنىڭ نەپسىنى ۋە شەھۋىتىنى كونتىرۇل قىلالايدىغان ئىرادە ۋە ئەقىل بولسۇن.قىز-ئاياللارنىڭ يېرىم-يالڭاچ كۇچىغا چىقىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ يۇتىللىرىغا قاراپ ھۇزۇرلىندىغان ئەمەس بەلكى يۇرەكلىرى ئۆرتىندىغان،غەزەپلىرى تاشىدىغان بولسۇن.قىز-ئاياللىرىنى باشلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى يەمچۈك،يات ئەرلەر بىلەن سودىلىشىشتىكى مال-مۇلۇك قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇلارنى يات ئەرلەرنىڭ يامان كۆزلىردىن قۇتۇلدۇرالايدىغان،ئۇلارنى يېرىم يالىڭاچ كۇچىغا چىقىرۋىتىپ ئۆزى ئۆيدە گازىر چېقىپ ئولتۇردىغان لامزەللىلەردىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى يامان يولدىن تۇسالايدىغان،تۇغرا يۇلغا باشلىيالايدىغان ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق ئەركەكلەردىن بولسۇن. ھەققى ئەقىللىق ۋە ھايالىق ئاياللار ئايال كىشىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان،ئاياللارغا ياخشىچاق بولۇش ئۇچۇن قىلمىغىنى قالمايدىغا،كۈندە ھاراق سۇرۇنىدىن كېلەلمەيدىغان بىئۇلۇگىيەلىك ئەرلەرنى ئەمەس بەلكى ئادىمىيلىكى بۇلغان ھەققى ئەركەكلەرنى ياخشى كۆرۇدۇ. قىز-ئاياللار ئاسانلىقچە بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالمايدۇ،ناۋدا ياخشى كۆرۈپلا قالسا ئۇزاققىچە ئۇنتالمايدۇ. ئەكىسچە ئەرلەر بىر ئايالنى ئاسانلا ياخشى كۆرۇپ قالىدۇ ۋە ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئەرلەرقارشى تەرەپنى ھەققى ياخشى كۆرىدغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كۈڭۈل ئىزھار قىلىشى كېرەك . ئاياللارمۇ زېرەك ۋە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، قارشى تەرەپكە ئاسانلا ماقۇللۇق بىلدۇرمەسلىكى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ھەققى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۆزىمۇ ئۇ ئەرنى ياخشى كۆرسە ئاندىن ماقۇللۇق بىلدۇرۇشى كېرەك.قىز-ئاياللار شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى كىشلەر ئاسان قۇلغا كەپ قالغان نەرسىنى قەدىرلىمەيدۇ،ئۇنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇھەببەت تەلىپىگە ئاسانلىقچە ماقۇل بۇلماسلىقى،كېچىكتۈرۇپ ياكى ئىككنجى قېتىملىقىغا ماقۇل بۇلۇشى كېرەك.بۇ ئەرلەرنىڭ ئىرادىسنى سىناشقىمۇ پايدىلىق. ئەگەر سىزمۇ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۇپ تۇرۇپ ئاتالمىش قىزلىق غۇرۇر تۈپەيلى ياكى ئۆزىڭىزدىكى كىبر تۈپەيلى قارشى تەرەپكە سۇغۇقمۇ ئەمەس،قىزغىنمۇ ئەمەس مۇئامىلدە بۇلىۋەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزدىن بىزار بولىدۇ دە سىزدىن يىراقلىشىدۇ. دۇنيادا قىز-ئۇغۇللار ئۇتتۇرىسدىكى مۇھەببەتنىڭ ماھىيتى بىر خىل بولغان بىلەن ئادەملەر ھەرخىل،ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىسمۇ ھەرخىل بولغانلىقتىن،مۇھەببەتمۇ ھەرخىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل رەڭ ۋە ھەرخىل تۈسكە ئىگە بولىدۇ.ئەمما ئنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى ئەخلاق ۋە شەرىم ھايانى ئۆزىگە لىباس قىلمىغان ھەرقانداق مۇھەببەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. مۇھەببەت بىر ئنساننىڭ بىر پاكلىنىشىغا،ياخشىلنىشغا،ئۆزلۈكسىز تىرىشىشىغا سەۋەپ بۇلالمايدىكەن،ئۇنداقتا ئۇ مۇھەببەت ئەمەس شەھۋەت.چۈنكى ھەققى مۇھەببەت مۇھەببەت ئىگىسىنى پاكلايدۇ.قەلبىدە مەشۇغىنىڭ مۇھەببىتى يالقۇنلىغان ئاشىق مەيلى ئاشكارا-يۇشۇرۇن،مەيلى باشقىلار كۆرسە كۆرسە-كۆرمىسۇن ئەخلاققا ۋە ۋىجدانىغا خىلاپ ئشلارنى قىلمايدۇ،چۈنكى قەلبىدكى مەشۇغىنى خۇددى ئۆزىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ-دە ناچار ئىش ۋە يامان ئويلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ. مۇھەببەت ھەرگىزمۇ ئىگىلىۋېلىش ئەمەس بەلكى بېغشلاش ۋە ئېرشتۈرۇش.سىزنى سۆيگەن ئادەم سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن خۇشال بۇلىدۇ،سىزنىڭ قايغۇڭىز ئۈچۈن قايغۇرىدۇ.دۇنيادىكى ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى سىزگە راۋا كۆرىدۇ.پەزىلەتلىرىنڭ ئەڭ چىرايلىقىنى سىزگە كۆرسىتىشكە،بۇلۇمسز تەرەپلىرىنى سىزدىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز قاتتىق ئازاپلىنىدۇ،ئەمما سىزنى ئۆزنى ياخشى كۆرۇشكە،مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلىشقا زۇرلىمايدۇ.سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا،پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ.سىز بەخىتلىك بولسىڭىزلا ئۇ خۇشال بولىدۇ. مۇھەببەت تەلەپ قىلىپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس،ئەگەر شۇنداق بۇلىدىغان بولسا ھېچكىم تۇنلەردە ئۈن-تىنسىز ياش تۆكمەيتتى. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار يىگتىنىڭ ياكى قىز دوستىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلمەسلىك،ئۇلارنى مۇكەممەل،قۇسۇرسىز چاغلاش قارشى تەرەپنى تېخى چۈشەنمىگەنلىكتىن ياكى مۇھەببىتىنىڭ تېخى چۇڭقۇر ئەمەسلىكىدىن،تېخى ئەسەبى قىزغىنلىق ۋە ھاياجانلىنىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى مۇكەممەللىك دېگەن ئىنسانغا خاس سۈپەت ئەمەس.ئىنسان ھەرۋاقىت قەلىپ جەھەتتىن يتىلىشكە،مۇكەممەللىنىشكە مۇھتاج. ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپنى نۇقسانسىز دەپ چاغلىشىدىكى سەۋەپ مۇھەببەتلىشۋاتقان قىز -يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدائۆزلىرنىڭ كەمچىللىكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىدىكى بۇلۇمسز تەرەپلەرنى يۇشۇرىدۇ.ئۆزلىردكى ئارتۇقچىلىقلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئاشكارلايدۇ. ئەسەبى ھېسيات ئۇلارنىڭ قەلىپ كۆزىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قۇيغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارپەقەت قارشى تەرەپنىڭ تاشقى ئپادىللىرىنىلا كۆرىدۇ،ئچكى ماھىيەتلىرنى كۆرۇشكە ئاجىزلىق كېلىدۇ. بىر قىسىم مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭمۇ ئاجرىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ شۇ،تويدىن كېيىن بولومسز تەرەپلىرىنى ئۆز-ئارا يۇشۇرۇپ بۇلۇشقا ئامالسىز… قارشى تەرەپتە بىرەر كەمچىللىكنى بايقىغاندا ئۇنىڭدىن سۇۋۇپ كېتىدىغان،ۋاز كېچىدىغان ئادەملەردىكىسى مۇھەببەت ئەمەس ياقتۇرۇش،چۈنكى كىشلەر سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ياقتۇرىدۇ. سىزنى سۆيىدىغان ئادەم بولسا سىزنىڭ ھەممە تەرىپىڭىزنى سۆيىدۇ. سىزنىڭ كەمچىللىكىزنى تۈزتىشڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. كونىلاردا:«قىز تاپساڭ كۇچىدىن تاپ،تۈزىۋېلىش ئۆزەڭدىن»دەيدىغان گەپ بار .بۇ ئبارە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا بىر -بىرنىڭ كەمچىللىكى تۈزتىشكە ياردەم بېرش،بىر-بىرنى تۇلۇقلاش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

داۋامى بار.......





558 قېتىم كۆرۈلدى izdan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 0:18:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ