دادا ئانا مىنى چۈشەنسەڭلار
مەن ئادەتتە كىيىم- كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىمەن ئىشلېرىم شۇنداق ئۇتۇقلۇق مەن شۈنچە خوشال غەمسىز يۈرەتتىم بىراق مۇشۇ كۈنلەردە ئاتا - ئانام سەۋەپلىك كۆڭلۈم غەش يۈردىغان بوپ قالدىم چۈنكى مەن بۇ يىل 20 ياشقا تۇلۇق توشۇپ بولغان ئىدىم شۇ سەۋەپىلىك يۇرتقا بارساملا ئاتا ئانامنىڭ دەيدىغان گىپى شۇ ئىدى "قىزىم دوستلېرىڭىز توي قىلىپ پەرزەتلىكمۇ بوپ بولدى بىراق سىز ئوغول دوسمۇ تۇتماي ئولتۇرسىز تېزراق توي قىلىڭ " دەيتتى بۇ گەپلارنى ئاڭلىساملا بەك ئاچچىقىم كېلەتتى ، بىراق نە ئامال خوشياقمىسىمۇ ماقۇل دەپ قۇيۇپ چىقىپ كېتەتتىم ، لېكىنغۇ مەن بىلەن بىر قارار ئوقۇغان دوسلۇرۇم ئوي ئۇچاقلىق بۇلۇپ ئىككى ئۈچ پەرزەتلىكمۇ بوپ بولغان ئىدى . ئاتا - ئانام ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنماي ماڭا ھەر تەرەپتىن ئوغۇل دوس تۇنۇشرغىلى تۇردى ئۇ بالىلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە گەپ بىر يەردىن چىقمايتتى ئۇلار ماڭا قىز بالا ئوقۇپ نىمىش قىلدۇ توي قىلغاندىن كىيىن ئۆيگە قارايسىز ئاتا- ئانامنى باقىسىز ئۆي قىزى بۇلسىز دەيتتى بىراق مەن بۇنداق تۇرمۇشقا كۈنمەيتتىم ئويلاڭە ھازىرقىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەتتە ئۆيدە بىكا ئولتۇرۇش ئەڭ ئېچىنىشلىق بولسا كېرەك شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ پىكرىگە قۇشۇلماي بۇ ئىشمۇ يوق بۇلاتتى كۈنلەر - كۈنلەرنى قۇغلاپ مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئۆتەتتى ئۈيدىكلەر مىنى تۇنۇشغان ئۆينىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى شەھەردە دادىسى ئېپ بەرگەن ئۈيى يېزىدا بولسا نۇرغۇنلىغان مال-چارۋىسى ھەمدە نۇرغۇنلۇغان ئىشلەيدىغان يېرى بار ئىدى بىز شۇلارنى كۆزدە تۇتتۇق قىزىم كېيىنمۇ قىينالمايسىز دەيتتى قۇلۇقۇمغا بۇ گەپەر كىرمىسۇ ھۆرمەت يۈززىسىدىن مەجبۇرى ئاڭلاتتىم ئەجىبا بىز مۇشۇ ئازغىنە ھاياتىمىزدا تاماق ئېتىپ ئۇخلاپلام ئۆتىشىمىز كېرەكمۇ ئىشقىلىپ كاللامدا نۇرغۇنلىغان گادىماچ سوئاللار ئەكىس ئەتمەكتە بەلكىم چوڭلارمۇ بىز پەرزەتلېرىمىزگە كۈيۈنۈپ دىگەندۇ بىراق ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيەتكە نىسبەتەن بىز بىر ئۆيدە بىقىنىۋالساق جەمىيەت بىزنى شانلېۋېتىدۇ .... شۇڭا مىنىڭ چوڭلارغا دەيدىغان سۆزۈم پەرزەنتىڭلار بىلەن ئوبدانراق سۆھبەتلىشىپ باقساڭلار بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغانالېرى باردۇ ، بەلكىم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگەنگۈسى باردۇ شۇڭا پەزەنتىڭلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ بېقشىڭلانى ئۈمۈد قىلمەن ... ھۆرمەتلىك دادا ئانا مىنى ھەم ماڭا ئوخشا پوۈتكۈل پەرزەتلەرنى چۈشەنسەڭلار ..
قەلەمدە: پەرىدە ساتتار تۇرپان پىچان
223 قېتىم كۆرۈلدى | پەرىدە ساتتار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-9 0:35:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|