قانائەت : 
ئىتىقادى كۈچلىنىشكە قۇۋۋەت ھاسىل قىلىپ ، شۇ قۇۋۋەت ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزۈش ، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھەۋىسىنى خىيالىدىن چىقىرۋىتىش ، بىچارىلىق بىلەن نەفسىنى يىغىش ۋە مەھرۇم بولغان ھالدا شەھۋانىيلىقنىڭ زورىنى سۇسلاشتۇرۇپ مىڭىش .
مىسال ئالايلۇق : 
قانائەتنى بىر بۇلاق دىسەك ، ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتمەيدۇ .
ئۇنى بىر ئالتۇن كان دىسەك ، بايلىقىنى قانچىلىك ئىشلىتىپ قىلساقمۇ ، ئاھ ئۇرۇپ ئىڭراپ ، ئۆكسۈپ قىلمايدۇ .
ئۇنى بىر ئېكىنزارلىق دىسەك ، ئۇرۇقى بولسا ئىززەت بىلەن ئابرويلۇق ھۇسۇلىنى بىرىدۇ .
ئۇنى بىر دەرەخ دىسەك ، شاخلىرى غورۇر ۋە ھۆرمەت مىۋىلىرىنى بىرىدۇ . 
قانائەت بىر قورغان تامغا ئوخشاش دىسەم ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسەك ، نەپسنىڭ غەلۋە-غەۋغاسىدىن قۇتۇلىمىز . 
قانائەت بىر تاغ دىسەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقساق ، دوست-دۈشمەنگە ئىھتىياجلىق بولمايمىز .
قانائەتنى كەمتەرلىك دىسەم ، نەتىجىسى بولسا يۈكسەكلىك . ئۇنى مۇھتاجلىق دىسەم ،  پايدىسى ئېھتىياجسىزلىق . 
قانائەت : تېرىلغۇ يەر بولسا ، ئۇرۇقلىرى بايلىق ، دەرەخ بولسا ، مېۋىسى مۇھتاجسىزلىق ، شاراپ بولسا ، ئاچچىق ، لېكىن كەيپى تاتلىق ، يولى بولسا ، قاتتىق ئەمما مەنزىلى شادلىق .
ئاپتۇرى : سۇھەيل    
2016-يىلى 5-ئۆكتەبىر ( ئۈرۈمچى )
      
| 160 قېتىم كۆرۈلدى | suheyl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-31 15:27:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |