مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(1)

مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(1)

 

 ئاپتورى :خ. چەشمە

 

 جاھان بېغىنىڭ رەڭدار جۇلاسى ،ئائىلە ئوردىسىنىڭ گۈلتاجى ئالەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ غايىپ بولغۇچە ئەڭ جاپالىق, مۇقەددەس ،شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان،ئنسان ئاتلىق زور قوۋۇمنىڭ ئۇلۇغ زاتى ——گۈل يۈزلۈك قىز -ئاياللىرىمىزدۇر. ئاشۇ مۇقەددەس قوۋىمنىڭ ۋە ئانا تۇپۇرقى،بارىچە خەلقى ئۈچۈن،كۆكرىكىنى قالقان قىلىپ نۇسرەت جەڭلىرىنى قىلغان مەردلىك،باتۇرلۇق،قورقماس،جىگەرلىك،ۋاپادار،چىن سۆزلۈك،ساپ دىل،ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن تەرىپلىنىپ، ئسسق قېنى ۋە غەيرەت-شىجائىتى بىر تۇمۇردا بىللە ئاقىدىغان، ۋەتەن تۈۋرۈكى ئەركەكلەرنىڭ يىگىتلىك، ئەرلىك ۋىجدان -غۇرۇرنىڭ شەرھيىسى نۇمۇس مۆھرى بسېللپ،ئاتىلق،قېرىنداشلىق ،ھالال جۈپتىلىك نام -شەرىپىنڭ كاپالەت پىچتى باغلىنىپ،جان بىلەن قوغداش بۇيرۇق قىلىنغان ،ئوغۇرلىتىپ قۇيۇشقا، خىيانەت قۇربانى قىلشقا ،قىممىتىنى يوقىتىشقا ،ھەق يولى بىلەن ئىجازەت ئالمىغانلار ئېچشقا بولمايدىغان، ‘’ ئىپپەت پەرمانى‘’ ئامانەت قىلىندىغان تەلەيلىك‘’ ۋارېس‘’.بۇ شەرەپكە نائىل بولغۇچى خۇش تەبەسسۇم قىز -ئاياللىرىمىزدۇر.

 كىچكىدىن باشلاپ ئانسدىن ئالغان ئەتراپلىق قىزلار ۋە ئائىلە تەربىيسى تەسردە خۇشخۇي،ئەدەپلىك ،مۇلايىم ،تىرىشچان، زىرەك چىۋەر ،ئايغى ئىتتىك، چىقىشقاقلىقى بىلەن جۈپتىنڭ ئاتا -ئانسىنى ئۆز ئاتا-ئانىسدىن چارە كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلىپ يولدىشىنىڭ ھەم ئائىلنىڭ ئشلىرىنى پاكىزە گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ ، بارلىق تارتقان جاپاسى ،ئىخلاسى ،سىڭدۈرگەن ئەجىرى ئۈچۈن ئائلىسگە خوشاللىق ،بەرىكەت،يېڭى مەنا ،نىكاھ ۋە ئائىلە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ،ئەربىلەن ئايالنى بىر-بىرگە قايتىدىن باغلاپ،رشتىنى تېخمۇ چىڭىتىپ جاپاسى ئۆلگۈچە تۈگمەيدىغان ،شادلقىنىڭ ھۇزۇرى ئۆزى ئۈچۈن ئالەمگە پاتمايدىغان يپيڭى، ئەمما مۈشكۈل جاپالىق بولغان ئاتا ئانا بۇلۇش شەرىپگە مۇيەسسەر قىلپ ،ئىككى ئائىلدىكى چوڭلانىڭ يۈرىكنى ياشارتىپ ،چېھرى ۋە چىراينى رازىمەنلىك بىلەن كۈلدۈرەلەيدىغان نەۋرە ،ئائلە ئۈچۈن ئۆزنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن تىرشىدىغان ،تۈرلۈك ئارزۇلار تىلەكلەر يۈكلەنگەن كاتتا ‘بوۋاق بالا ‘’مۇكاپاتىنىڭ قانۇنلۇق ،شەخسي ئىگدارچىلق قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ئىگسدۇر. قىز-ئاياللىرىمىز ئەجداد ئىزى بىلەن ئەۋلات ئەھدىنى تۇتاشتۇرغۇچى ھاياتلىق زەنجىردۇر،، ئابىي كەۋسەر ئوغۇز سۈتىنڭ تۇنجى تامچسى بىلەن شۇ كىچىك جانغا روھي ساپلىق ۋە قۇۋۋەت بېرىپ تۇنجى بىلىم ئۇرۇقىنى چاچقۇچى ئەزىز پەرۋىشكاردۇر. قىز-ئاياللار تۇرمۇشنىڭ جانلىق بېزىكى، ئۇلار يالغۇز تاشقى گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس ،خاسلىققا ئىگە بولغان مىجەزى،تۈرلۈك ئوي خىيالى ،ھېسياتىدىكى ئاددى بىرخىل ئۆزگىرشنى ئىپادىلەش ئارقىلقمۇ ھاياتلىق توپلامنىڭ گۈزەللىك بابغا ئۆزگىچە نەقىشلەرنى ئۇستىلىق بىلەن قالدۇرۇپ قويدۇ،،،، گۈزەلىلك سرتقى كۆركەملىك بىلەن ئچكى ماھيەتنى تولۇق نامايەن قىلغاندىلا ئاندىن تويۇنۇپ جەلىپ قىلىش كۈچى تېخمۇ ئاشىدۇ.





260 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 15:33:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-8 1:13:00 qaxma
بۇ بىرىنچى بۆلەك مەزمۇن يەنە بىرنەچچە بۆلىكى بار
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ