سۇلغان گۈل

سۇلغان گۈل 


 قانداق يولۇقتۇم ساڭا؟! ئ‍ۆچۈپ قالاي دېگىنىمدە نۇر بولۇپ كەلدىڭ. سەندىن ئ‍ۈمىدنى كۆرگەنىدىم. يۈرۈكۈم ئ‍ەزەلدىن بۇنداق سوقۇپ باقمىغان.

يازغىنىمنىڭ ھەممىسى سەن ئ‍ۈچۈن ئ‍ىدى،ھەم سەن ئ‍ۈچۈنلاشۇنداق يېزىپ بېقىشىم ، بۇنى ھىس قىلغانسەنمۇ؟! بىلمەيسەن، ئ‍ەزەلدىن ياتلارنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنەتتىم، شۇ كۆزلەرگە لەنەت بولسۇن،— دەيمەن ئ‍ىچىمدە. بىلىمەن، سەن ئ‍ەسلا ئ‍ۇنداق قارىمايسەن ماڭا، چۈنكى مەنمۇ ساڭا قارىيالمىغاندەك.

ئ‍ۇنى ئ‍ۇنتالمايدىغىنىڭنى بىلىمەن.

«سەن ئ‍ۈچۈن يازغان ناخشىنى باشقىلارغا ئ‍ېيتىپ بېرىشتىن ئ‍ارتۇق خىيانەت قىلمايمەن ساڭا ».

«ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۈچۈن ئ‍ۆزۈمدىن ئ‍ۆلىمەن ياكى ئ‍ۇ بولۇپ ياشايمەن ».

سۆزلىرىڭدىن مەجنۇننى كۆرگەنىدىم.

رىۋايەت قىلىنىشىچە: بىر پادىشاھ مەجنۇننى چاقىرىپ ، ئ‍ۇنىڭغا:« ساڭا نېمە بولدى ۋە نېمەڭ باركى ئ‍ۆزۈڭنى بۇنچىۋالا رەسۋا قىلدىڭ؟ ئ‍ائىلىنى تەرىك ئ‍ەتتىڭ، خاراب بولدۇڭ . لەيلى كىم بوپتۇ، قانداق گۈزەللىكى بار ئ‍ۇنىڭ؟ كەل، مەن ساڭا گۈزەللەرنى كۆرسىتەي، ئ‍ۇلارنى ساڭا تەقدىم قىلاي » دېدى. گۈزەللەر مەجنۇننىڭ ئ‍الدىدا  سەپ تارتىپ تۇرغانىدى، ئ‍ۇ ئ‍ەقەللىيسى بېشىنى كۆتۈرۈپ قويمىدى. شاھ: «ھېچ بولمىسا بېشىڭنى كۆتۈرۈپ بىر نەزەر سال! » دەپ كايىدى. مەجنۇن « قورقۇۋاتىمەن، لەيلىنىڭ ئ‍ىشقى قىلىچىنى ئ‍الدى، ئ‍ەگەر بېشىمنى كۆتۈرسەم ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ايرىلىمەن » دېدى.

نېمانچە ئ‍اشىقسەن!؟ سەن كەبىلىكنى چۈشلىرىمدە خىيال قىلاتتىم پەقەت …

  تۇيغۇلىرىم ھېچقاچان سېزىپ باقمىغان بىر تۇيغۇنى سەزدۈرگەنىدىڭ، ئ‍ۆزۈمگە ئ‍ىشەنمىدىم.  بىر ئ‍ۇخلاپ تۇرسام ھەممە يۇقاپ كېتىدىغاندەك خۇددى.

راست !

ئ‍ويغانغانىدىم، ئ‍ۆزۈمگە باقماي شۇنچە خىياللارنى قىلىپ كەتكىنىمنى ئ‍ويلاپ ئ‍اچچىقىم كەلدى. « سەن نېمە ئ‍ىدىڭ؟ »دەيمەن ئ‍ۆزۈمگە. قاباھەتلىك رىئاللىقتىن كۆز ئ‍الدىم قاراڭغۇ.

ئ‍ۆزۈمدىن قاقشىغىنىمدا، « كېسەلنى تىللىما» دېدىڭ. ئ‍ۆلۈمنى سېغىنغىنىمدا، «ئ‍ۈمىدلىك بول » دېدىڭ. ھېجراندا قېينىلىۋاتقىنىمدا، «مەن بار» دېدىڭ.

سېنىڭ ناخشاڭنى ئ‍اڭلايمەن، كۆزلىرىمدىن ياشلار ئ‍اقسىمۇ،

توسالمىدىم خىياللىرىمنى، بىلىپ تۇرۇپ ساڭا ئ‍اغسىمۇ.

خىيالىدا يوقمەن دېمە، ئ‍ازابىڭغا ئ‍ازاب قوشقۇم يوق،

 يۈرۈكۈمدە ياشايسەن ئ‍ەبەد، ئ‍ەمدى يامغۇر، قارلار ياغسىمۇ…

سېنى نېمە دەي؟! تەسۋىرگە سۆز تاپالمىدىم. ئ‍ۆزۈمنى پارە پارە قىلىۋەتكۈم كەلدى، شۇئان.  ساڭا پەقەت ئ‍ازاب ئ‍ېلىپ كىلىمەن، مەندە باشقا نېمە بار ئ‍ىدى؟!! دەرتلىرىڭ يېتەر ساڭا! …

نېمىشقا ئ‍ۆلمىدىم بالدۇر؟؟!… قانداق قىلىمەن؟؟!ئ‍ۇف…

يىغىدىن كۆزلىرىم تورلىشىپ بولدى ،نەرسىگە قارىغۇدەك ھال يوق. ھالسىزلىقتىن يۈرۈكۈم داۋام يەرگە ئ‍اغىدۇ… 

   كۈتكىنىم يېقىنلاپ قالغاندۇر بەلكىم. ئ‍ۆلۈمدىن  باشقا راھەتلىك ئ‍ىستىمىدىم. چۈنكى باشقا چارىمۇ ئ‍ىستىمىدىم.

 سەنسىزلىكنى ئ‍ۆلۈم دېگىنىم ئ‍ىسىڭدىمۇ؟؟! 

كۆنۈپ قېلىشتىن قورقاتتىم، چۈنكى كۆنگىنىمدىن ئ‍ايرىلىپ كېلىۋاتىمەن دائىم. قانداق قىلىمەن؟؟؟…

چىدىمايمەن ساڭا، شۇ سەۋەپ  ھەر زامان ئ‍امانلىقىڭنى تىلەيمەن! كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بەختىڭنى كۆرۈپ خۇش بۇلارمەن يەنە.

ھىجران!…

سېغىنىش!…

ئ‍اغرىق! …

ئ‍ۆلۈم !
چاقماقتىكى  گۈل!
 
     





171 قېتىم كۆرۈلدى om1015 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-24 2:38:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ