مۇۋەپپىقىيەت قازىناي دېسىڭىز

         مۇۋەپپىقىيەت قازىناي دېسىڭىز ، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)



مەنچە ئىنسان ھاياتىدا ، تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىسا ، ئۆزى ۋە جەمىيەتكە يۈز كىلىپ ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ:
بىرىنچىدىن ، ساغلام تېمەن ئۆسۈپ يېتىلىش  ، ئەخلاقى پەزىلەتنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، سەمىمىي ، راستچىل ، ۋاپادار،پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش ، ھەر جەھەتتىن ساپالىق تەربىيىلىنىپ ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋاپادار پەرزەنتى بولۇپ ، مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىغا ئىگە ،  ساپالىق كىشىلەردىن بولۇشقا تېرىشىش كېرەك .
ئىككىنچىدىن ، مېھىر - مۇھەببەتنى ئۆزىگە قانات قىلىپ ، ئادىمىيلىكنى تولۇق يېتىلدۈرۈپ چىقىش ، مۇكەممەل ئائىلە قۇرۇپ چىقىپ ، پەرزەنتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ياراملىق تەربىيلەپ چىقىشقا مەسۇل بولۇش،مەيلى جەمئىيەت ياكى قايسى بىر ئىش ئورنى بولسۇن ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ تېنچ ، ئىناق ، ئىتتىپاق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك .
ئۈچۈنچىدىن ، ئائىلە ، جەمئىيەت ، ئىش ئورنى ۋەياكى كىشىلەر توپىدا بولسۇن ، ئۆز مەسۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى ، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى دەپ بىلىپ ،  ئۆزىنىڭ مەۋجۇداتلىقىنى نامايەن قىلىش كېرەك .
تۆتىنچىدىن ، شەخسىيەتسىزلىكتىن تولۇق ھالقىپ ئۆتۈپ ، ۋاپادارلىقىنى  يىتىلدۇرۇپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئادىمىيلىكى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىۋىلىش ، بارلىقىنى ئائىلىسى ، پەرزەنتى ، يۇرتى ، مىللىتى ، ۋەتېنىگە ئاتاشتەك پىداكارلىق جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
بەشىنچىدىن ، كىچىكلەرنى پەرۋىشلەپ ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ، ئىللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ئۆلگە بولۇش كېرەك .
ئالتىنچىدىن ، مەيلى كىم بولسۇن،نېمە ئىش قىلسۇن (رەھبەر ، دىھقان ، كادىر) ، قايسى مىللەتتىن بولسۇن ، ۋۇجۇدىدا مائارىپ ئوتى يېنىپ تۇرۇش ، پەرزەنت تەربىيىسىدە ، ھەر ۋاقىت يېنىپ تۇرغان شام بولۇشى كېرەك . چۈنكى ئائىلىنىڭ يۈكسىلىشى ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ، مائارىپ ئەڭ مۇھىمدۇر . شەك - شۆھبىسىزكى ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت ، ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلالايدۇ ، ئەمما مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت ۋە دۆلەت مەڭگۈ تەرەققىي قىلالمايدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، ھەر قانداق كىشى مائارىپقا قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك . ھەر قانداق بىر خۇشاللىق ، سەبىي بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلىنىڭ سايرىغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىققا يەتمەيدۇ ، بالىلارنىڭ مۇنبەرگە چىققان ۋاقتى دەل ئاتا - ئانىلار ۋە ئۇستازلارنىڭ ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتى ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن خاتېرجەم بولغان ۋاقتى ، ھەممەيلەن بالىلارنىڭ نەتىجىسىدىن سۆيۈنگەن ۋاقتىدۇر .

دېمەك ، ئىنسانلار يۇقارقى نوقتىلارغا سەل قارىماي ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، بارلىغىنى ۋەتەنگە ، مىللەتكە ، مۇقۇملۇق ئىشلىرىغا ، مائارىپقا ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق ئىشلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن تېرىشقاندىلا ، مەڭگۈ مۇۋەپپىقىيەت  قازىنالايدۇ ، كۈنلىرى ھەقىقىي مەنىلىك ئۆتىدۇ .
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






64 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-29 23:09:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ