بەخىت (مۇھاكىمە ماقالىسى) - ئابلىمىت ئابلەت

بەخىت
مۇھاكىمە ماقالىسى


 بەخىتكە بىرىلىدىغان تەبىر كۆپ خىلدۇر، ئۇنىڭ مەنىسى ھەرخىلدۇر. ئىللىق ئائىلەمنىڭ بولغانلىقى، قىرىنداشلىرىمنىڭ ساق – سالامەتلىكى مىنىڭ بەختىمدۇر. ھەر بىر كىشىنىڭ ياشاش مۇھىيتى، دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن بەخىتكە بولغان چۈشەنچىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ھەقىقى بەخىت دىگەن نىمە؟ ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە بەخىت ئۇ گۈزەل بىر تۇيغۇ. ئۆزىنى بەخىتلىك ساناۋاتقان مەن ئۈچۈن بولسا، ئەتراپىمدا كۈلكە جىلۋە قىلىپ تۇرغان چىرايلارنى كۆرۈش، قىرىنداشلىرىم، دوسىت – يارەنلىرىمنىڭ ئىناقلىق مارشىغا جۆر بولۇش، مۇشۇ گۈزەل، ئىناق، ئاسايىش زاماندا غەلبە ئۇتۇقلىرىمغا يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۈلەلەيدىغان دوسىتلىرىمنىڭ بولىشى مەن ئۈچۈن ھەقىقى بەخىت.
ئۇنداقتا بەخىت قەيەردە؟ مىن دەيمەنكى، بەخىت ____ كۈلگەن كۆزلەردە، شىرىن سۆزلەردە، نۇرلۇق يۈلەردە. بەزىدە قۇياشلىق كۇنلەردە، بەزىدە ئايدىڭ تۈنلەردە... ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ھەقىقى بەخىت ____ سۆيگۈگە تولغان يۈرەكلەردە!
 مەن بىر بەخىت ئىگىسى. مۇشۇنداق باي – باياشات، ئىناق – ئىتىپاق، ھۆر زاماندا ياشىشىم مىنىڭ بەختىم. ياشاش ئۈچۈن كۆرەشكە ئاتلانغان ھەربىر قەدىمىم، ئالغان ھەربىر نەپىسىم مەن ئۈچۈن بەخىت. بەخىت، ئۇ بىزنىڭ ھىس قىلىش – قىلالماسلىقىمىزدا، ئۆزۈمدىكى بۇ بەخىتلەرنى ھىس قىلالىغانلىقىم ھەم مىنىڭ ئەڭ زور بەختىم!

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنىستىتۇتىدىن ئابلىمىت ئابلەت
     





753 قېتىم كۆرۈلدى tiwep ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 12:05:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ