ئاچچىق نەپرەت
شەبنەم
كېسەل ئازابىدا ياتقان مەن - يەنە ئۆتكەن يىلدىكى ئاچچىق ، شېرىن ئەسلىمە قوينىغا قايتتىم . ئۇنىڭ قۇلۇمنى چىڭ سېقىمداپ ، مېھرىبانلىق ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرغان ئاشۇ سىياقى كۆڭۈل ئېكرانىمدا قايتا-قايتا قۇيۇلىشقا باشلىدى . دوختۇرخانىدىكى كۈلكە ئارلاش يىغا ، يىغا ئارلاش كۈلكىلەر ، ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن مۇھەببەتلىك سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدە ئەكىس سادا بولماقتا . شۇ سەۋەپتىن كۈزۈمدىكى مۇنچاق -مۇنچاق ياشلار يۈزۈمگە ئىسسىق تامچىپ چۈشۈپ ، مەجبۇر ، ئامالسىز كۈلىۋاتقان لىۋىمدىن ئۆتۈپ ماڭا خىرىس قىلماقتا ، مىنى مازاق قىلىپ :"سەن ئۇنى ئۇنتىيالمىدىڭ ! ئۇنى ئۇنتىيالمايسەن ! لىكىن ئۇ ئۆز بەختىنى تېپىپ بولدى ! ئەخمەق …"دەپ پىچىرلىماقتا… . يۈرىكىم ياشلىرىمغا جاۋابەن "ئۇ بەخىتلىك بولسىلا بولدى ،! ئۇ بەخىتلىك بولسىلا بولدى !"دەپ تەكرار -تەكرار سوقماقتا …. بارمىقىمدىكى ئۈزۈك ماڭا ئاچچىق ئارلاش كۈلۈپ سۆزلىمەكتە :"مىنى ئېلۋەت ، مەن ئەمدى سىنىڭ ئەمەس …" قانداق قىلاي !؟ قۇلۇم ئۇنىڭ بارلىقىغا كۆنۈپ قالغان ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالماقتا … سۆيىمەن دەپ مەڭگۈگە ، بەرگەنتېڭ كۆپ ۋەدىلەر . بىر كىتىپلا كەلمىدىڭ ، لەختە بولدى يۈرەكلەر . پۇتلىرىم ناھايىتىمۇ ھارغىن ، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالدىغا مېڭىۋاتىدۇ . ئارقىغا قايتىشقا ھېچبىر ئىمكان يوق ئىدى . كاج تەغدىر مەندەك ئاجىز بىر قىزغا ئېچىنىشلىق ھالدا ۋاپاسىزلىق قىلدى. مەن ئۆزۈمگە ئاچچىق ، ھېچبىر سەۋەپسىز نەپرەنلەندىم . چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم ، ئامالسىز ئىدىم .
| 269 قېتىم كۆرۈلدى | شەبنەم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-8 0:56:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|