دادا سىزنى بەك سىغىندىم

دادا

 

زەينۇرە رەھمۇتۇل

 

جىنىم دادا سىز يوق بۇ دۇنيا مەڭگۈ تار،

ماڭا سىز بۇلمىگاچ بۇكۆڭۈللەر مەڭگۈ خار.

 

مانا دادا سىزنى بەك سىغىندىم، باشقا بالىلاردەك مىنىڭمۇ دادا دەپ توۋلىغۇم كەلدى. ئەركىلەپ سىزبىلەن چاقچاقلاشقۇم كەلدى. جىنىم دادا ھەر قىتىم كۆڭلۈم ئازار يىگەندە غىرىپلىق سىنىغاندا سىزنى ئەسلەيمەن. قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يىرىدىن سىزنى سىغىنىمەن. كىچىكىمدىن قۇچىقىڭىزدا سىزگە ئەكىلەپ چۇڭ بۇلالمىدىم. مىھرىڭىزگە ئىرىشەلمىدىم ...

بۇمۇ ئاز كەگەندەك سىزنىڭ يۇقلىقىڭىز ھەرۋاقىت مىنى خار، قەلبى سۇنۇق ئادەم قىپ قۇيدى ..

دادا بەزىلە..دادا قىزىغا بەكرەك كۆيىنىدۇ دەيدىكەن، قىزىغا بەكرەك ئامراق بۇلىدۇ دەيدىكەن ...دەڭە قىنى سىزماڭا ئامراقمۇ ...ياكى باشقىلادەك سىزمۇ مەندىن بىزارمۇ ....؟

 دادا دەپ زار زار يىغلىغان كۈنلىرىمدە ماڭا تەسەللى بەگۈدەك مىنىڭ دەردىمنى چۈشەنگۈدەك ھىچ ئىنسان يۇق ...جىنىم دادا قىزىڭىزنىڭ ھالىغا بىر قارىڭە نىمە كۈن، نىمە كۈلپەتلەنى كۆرۋاتىدۇ. مىھىر مۇھەببەتكە زار كىشىلەرگە خار بولۇپ ياشاۋاتىدۇ.  كاشكى سىز بۇلغان بۇلسىڭىزچۇ باغرىڭىزغا بۇلسىمۇ بىسىپ تۇرۇپ< قىزىم قورقماڭ مەن بار دەيتىڭىز> ...

لىكىن ھازىر ئۇنىڭغا ھىچكىم سىزدەك ئۇنداق تەسەللى بىرەلمەيدۇ....دادا سىزنى بەك سىغىندىم 19 يىل سىز يۇق تۇرمۇشنىڭ ئازابىنى جىق تاتتىم ...يەنە قانچىلىك ۋاقىت سىزنىڭ يوقلىقىڭىزدا كۈلپەت تارتىپ يۈرىمەن ....جىنىم قەدىردانىم دادا سىزنى بەك سىغىندىم. ..





432 قېتىم كۆرۈلدى زەينۇرە رەھمۇتۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 18:36:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-24 16:09:47 نۇرگۈل
ئىسمىم نۇرگۈل 1830901572 بۇ ئۈندىدارنى قوشسىڭىز سىز بىلەن مۇشۇ ئەسەرنى پىكىرلىشاي دىگەنتىم رەھمەت
2016-1-7 23:23:01 almira
bak yahxi yezipsiz muxundak yahxi asarlarni koplap yezixigzga tilakdaxman
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ