【ھەيرانمەن】گۆش باھاسى ئۆسۈپ بولغىچە ئۇقتۇرۇش چاپلاپ تاماقنىڭ باھاسىنى قاتلاپ ئۆستۈرۈپ، ئەمدى گۆش باھاسى ھەسسىلەپ چۈشكەندە بىلمەسكە سېلىۋالغان، قۇلاقنى يوپۇرۇپ ئولتۇرۇپ، باھانى بىر تىيىن چۈشۈرمىگەن خوجايىنلارغا ھەيرانمەن! گۆش باھاسى 70 چىققاندا كاۋاپ ئىككى سومدىن بەش كويغا ئۆستى، ئەمدى گۆش 30 غا چۇشسە كاۋاپ يەنە بەش سوم تۇرىدۇ، خىجىلـمۇ بولـمايدىكەن بۇ كاۋاپمۇ؟ ئاشخانا خوجايىنىلىرى بىلگەن ھىساپنى ئىستىمالچىلارمۇ بىلىدۇ، ھەممە ئىش ئىنساپ بىلەن بولغىنى ياخشى. شۇڭا ئاشخانىدىكى تاماق قورۇمىلارنىڭ، كاۋاپلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش كېرەك، نەچچە يىلدىن بېرى گۆشنىڭ قىممەتلىكىدىن گۆش يىيەلـمىگەن، ئېسىل قورۇمىلارنى يىيەلـمىگەن، كاۋاپلارنى يىيەلـمىگەنلەر يىسۇن. ھۆكۈمەتنىڭ باھا تەڭشەش ۋە تەكشۇرۇش ئورۇنلىرى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇشى ھەم نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك . قوللاپ كۈچەپ تارقىتايلى!!
1232 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-9-11 0:01:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-7 2:02:08 | ئاينۇر |
دېمىسىمۇ توغرا،،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاختا پۇل بولماي دېھقانلارنىڭ كىرىمى ياخشى ئەمەس، شۇسەۋەپتىن كىيىملەرنىڭ باھاسىمۇ مۇۋەپىق دەرىجىدە تۆۋەنلىدى،ئەمما تاماقنىڭ باھاس بىر ئۆسكەنچە خوجايىنلارغا خۇش يېقىپ كەتتى، بۇ ئەھۋالنى تۇگىتىپ تاماق،كاۋاپلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك ، |
2016-2-18 18:11:11 | ئابلەت |
بۇ ناھايىتى ياخشىى ئىنكاس بۇلۇپتۇ. بۇنۇمۇس قىلمايدىغان ئاشخانا خۇجايىنلىرى يۇقۇرقىدەك ئەھۋالنى تۈزۈتىشى كىرەك. بۇئىنكاسنى ناھايىتى ياخشىى يېزىپسىز بارلىق خەلىق ئاممىسغا ۋاكالىتەن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن. سىزگە كۆپ رەخمەت .......... |
2016-2-14 13:16:01 | huma |
nu maz mun bak yah xikan dawam lik kullay ma |
2016-1-3 19:35:40 | oglam |
bu mazmun azirki riyal turmxtin ilnip yizlptu yazgan xu kirndixmiznig ixlrga barkat tilayman ! |
2015-9-15 0:10:39 | KAYSAR |
YALGANQINING KUYRUKI BIR TUTAM |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|