ئىجتىمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى

 ئ‍ىجتىمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئ‍ەبەدى ئ‍ەمىنلىكنى ئ‍ىشقا ئ‍اشۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىتى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


ئەجدادلىرىمىز،بىر نانغا زار،ئىللىقلىققا ئىنتىزار بولۇۋاتقان، ئەكسىيەتچى كۈچلەر يۈرۈگىنى مۇجۇپ،قېنىنى شوراپ، ئەركىنلىكنى بوغۇپ خورلاۋاتقان،ئاشۇ مەزگىلدە،ئۇلۇغ جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەل ۋاقتىدا قۇرۇلۇپ،ئورۇندىن دەس تۇرۇپ، ئېزىلىش ۋە خورلۇق ئىچىدە تولىمۇ ھالسىزلانغان، قولىدا كۆسەي مىلتىقمۇ بولمىغان،ئاتا بوۋىمىزنى ئويغىتىپ، مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ،فېۋىدال ئەكسىيەتچىل كۈچلەر ۋە فاشىزمچىلارغا قارشى،تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىپ،كونا جۇڭگونى ئازات قىلىپ،بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىنى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە ئازات زاماننى سوۋغا قىلدى ھەمدە پارتىيىمىز ئادىللىقى دانالىقى،سىياسەتلىرىنىڭ سۈزۈكلىكى، توغرىلىقى بىلەن،ھەرقايسى ئەللەرنى،پۈتكۈل جەمئىيەت خەلقىنى تولۇق قايىل قىلىپ،ھەيران قالدۇرۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ،دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ،سېرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى ئىلمىي ئېلىپ بېرىپ، تەكشى تەرەققىياتنى تىزلەشتۈرۈپ،تېخىمۇ بەختىيار زاماننى قۇرۇپ چىقىپ،بارچە مىللەت تەڭ كۈلگەن،تەڭ سايرىغان، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ،ئورتاق ئىلگىرىلىگەن،كۈنسايىن تەرەققىي قىلغان،قۇدېرەت تاپقان،خەلقىمىزنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق،ھەممەيلەن دېگۈدەك ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن، تېنچ،ئىتتىپاق،بىخەتەر،ئېللىق بولغان جەمىيەت قۇرۇپ چىقىپ، جوڭگۇ خەلقىنى ئەڭ خاتىرجەم،ئەڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى.بۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئانا ۋەتەننىڭ قوينىدا شۇنچە خاتىرجەم، بەختىيار ياشىماقتا.بۇنىڭدىن جوڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى مەڭگۈ ئىپتىخارلىنىدۇ.
شۇنداقتىمۇ،ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم نادانلار،دىنى ئەسەبىيلەر،مەيدانى يوق تەلۋىلەر ئاق-قارىنى پەرىقلەندۈرمەي تۇزى كورلۇق قىلىپ،ھەق-ناھەقنى ئايرىيالماي،ساۋاتسىزلىق، مەدەنىيەتسىزلىك،نادانلىق،خۇراپىيلىق دەستىدىن،ۋىجدانى ۋە نومۇسنى يوقىتىپ،جەمىيتىمىزدە يامان ئۆسمە پەيدا قىلىپ، پىتنە-پاسات تارقىتىپ،ناچار كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، نادان ئاجىز ئاممىلارنى قايمۇقتۇرۇپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىناقلىقتا چىڭ تۇرۇپ،ئورتاق ھەمكارلىشىشتەك ئەنەنىسىگە مۇخالىپ ھالدا،بۆلگۈنچىلىك سېلىپ،ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەزىۋېنى كەلتۈرمەكتە.ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى،ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
تارىخ ھەممىگە گۇۋاھ،بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇش ئوڭايلا قولغا كەلگەن ئەمەس،پارتىيمىز ھەر مىللەت خەلقىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ،جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ،تارىختىكى ئەڭ گۈزەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، بۈگۈنكىدەك بەخىيار تۇرمۇشنى خەلقىگە تەقدىم قىلغان، بۇنىڭدىن ھەممىمىز مەڭگۈ سۆيۈنىمىز،ئىپتىخارلىنىمىز.
مۇقىملىق تەرەققىيات،ئىناقسىزلىق ئاپەت،ھەمكارلىق ئامەت، بۈگىنىمىز دەل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زىچ ئۇيۇشىشىدىن، ئورتاق ھەمكارلىشىدىن كەلگەن.مۇقۇملۇقنىڭ ئىناقلىقىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى،تېنچ،ئىللىق جەمىيەتنىڭ بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەر قانداق كىشى تولۇق تونۇپ يېتەلەيدۇ.
ئويلاپ باقايلى،كىممۇ گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنمەيدۇ؟ شۇڭا ھەر بىر پۇقرا،پەن مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللىنىپ، ئىدىيمىزنى تولۇق ئازات قىلىپ،مىننەتدارلىق تۇيغۇمىزنى شەكىللەندۈرۈپ،ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ،ئار-نۇمۇس قارشىمىزنى تىكلەپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ئەنەنىسىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىپ،ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تولىمۇ مۇھىملىغىنى چىن دىلىمىزدىن تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىللىق جەمىيەت بولغاندىلا خەلقمىزنىڭ خاتىرجەم،خۇشال- خۇرام ياشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان، تىنچ بولغان،ئىللىق بولغان جەمىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ،ۋەتەن قوينىدا خاتىرجەم ياشاپ،ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ،كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل،بەختىيار تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئورتاق ئىزدىنىپ،تېنچ،ئىللىق ئاىلە قۇرۇپ چىقىپ،ئەبەدىي ئەمىنلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ، تېخىمۇ ئىللىق جەمىيەت قۇرۇپ، بارچە قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ،ئۆزىمىزنى چىن سۆيۈپ،ۋەتەن ئانىمىزدىن تېخىمۇ سۆيۈپ،ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى ۋە كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن،بارىمىزنى مۇقىملىق ئىشلىرىغا بېغىشلايلى.ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى،ياشىسۇن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەبەدىي ئىتتىپاقلىقى.ھەممەيلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ،ئەبەدىي ئەمىنىلىك ئۈچۈن بارلىغىمىشنى ئاتا قىلايلى، ئەبەدىي ئەمىنىلىكنى ساقلاشتا ،بارىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئورتاق ئىىتىپاقلىشىپ،ئىللىق ئانا ۋەتەننى تېخىمۇ قۇدىرەت تاپقۇزايلى !

ئۇنۇتما”ئۈچ خىل كۈچ“رەزىللىكنى،
قارشى تۇر ئۇلارغا،ۋەتەننىڭ ئوغلى،
ئويلىغىن تېنچلىق،قەيسەر بولغىن دوستۇم،
بېغىشلا ۋەتەنگە،مەڭگۈ بارىڭنى.

”ئۈچ خىل كۈچ“مىللەتنىڭ مەڭگۈ دۈشمىنى،
بىلمەيدۇ تەلۋىلەر،قىلچە نۇمۇسنى،
سۈكۈتتە تۇرمايلى،بېرەيلى زەربە،
نەپەسمۇ ئالالماي،تۇتۇلسۇن تىلى.

دىللاردا ياڭرىسا،ئىناقلىق كۈيى،
ۋەتېنىم،ھەممىنىڭ ئۇسسۇزلۇق سۈيى،
ئاداققىي سۆيىمەن،ئانا ۋەتېنىم،
مۇقۇملۇق تەرەققىيات،بىردىن-بىر يولى.

قۇرايلى ئۆملۈكتە،ئىللىق جەميەتنى،
پۈكەيلى يۈرەككە،يۈكسەك ئارزۇنى،
ئەبەدىي مۇقۇملۇق،بەكمۇ مۇھىمدۇر،
ئىللىشىپ،ئۆملۈكتە قوللار سۇنايلى.

ئېناقلىق كۈيلەپ،تەرەققىيات سۆزلەپ،
خوشنىلار ئۇرۇشماي،مۇقۇملۇق كۆزلەپ،
مەنپەئەت دىيىشمەي،ھەرگىز تالاشماي،
ياشايلى شاد-خۇرام،ۋەتەننى كۈيلەپ.

ئەبەدىي مۇقۇملۇق،باش نىشانىمىز،
ھەممە مىللەت ئۇيۇشۇپ ياشايمىز،
ئىناقلىق كۈينى ياڭرىتىپ مەڭگۈ،
ۋەتېنىم قوينىنى گۈلگە ئورايمىز.

ساۋاتسىز،ناداندىن بىزار ھەممىمىز،
مۇقۇملۇق ئويلايمىز،جاننى تىكىمىز،
بۇرچىمىز ئاداقىپ،ئەقىدە قىلىپ،
ۋەتېنىم دەپ ياشاپ،مەڭگۈ كۈلىمىز.

مېھىرلەر بېرىشىپ،قۇرۇق گەپ قىلماي،
نادانلىق قىلىشماي،ئەقىلدىن ئازماي،
مۇقۇملۇق تەرەققىيات،يولىدا مېڭىپ،
ئۆملۈشۈپ ياشايمىز،ناداندىن بولماي.

ۋەتېنىم قويىنى،تولىمۇ ئىللىق،
قەلبلەر تۇتاشسۇن،بولمايلى سىرلىق،
بولۇشساق ئەبەدىي ئىجىل-ئىناق بىز،
باياشات تۇرمۇشلار،بىزگە تەئەللۇق.

ھەممىمىز ئۇيۇلتاش،بولساق مەڭگۈ،
ئېناقلىق ناخشىسى ياڭرايدۇ مەڭگۈ،
ئۇرغۇتۇپ روھلار،تېرىشساق ئەبەدىي.
قەلىبلەر سۆيۈنۈپ،ئىللىيدۇ مەڭگۈ.

بېغىشلا بارىڭنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە،
سۇلمىسۇن ئىرادەڭ،تېرىش ئەتەڭگە،
ياندۇرۇپ ئەجىرلەر،ۋەتېنىڭ ئۈچۈن،
ئۆستۈرۈپ قىزىلگۈل،سۇنغىن ۋەتەنگە.

ئىناقلىق ئامەت،تەرەققىيات يولى،
تائەبەت چىڭ تۇرغىن،پۇختا قىل ئۇلى،
ئەبەدىي مۇقۇملۇق،ئەمىنلىك ئۈچۈن،
تېرىشىپ،بولغىن ياراملىق ئوغلى.

مۇقۇمسىزلىق،ئىناقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان  ئاساسى ئامىل بولسا،نادانلىق،خۇراپىيلىق،ساۋاتسىزلىق بولۇپ،ئۇنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ئائىلە ئىناقسىزلىقىدۇر.شۇڭا ۋەتىنىمىزنىڭ مەڭگۈ تېنچ،ئىناق،ئەبەدى ئەمىن بولشى ئۈچۈن،بارلىق جوڭگو پۇقراسى بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى،ئىشنى ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىدىن باشلىشىشى،ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىشى، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلىشى،پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر  جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلىنىشنى چىڭ تۇتىشى كېرەك.
مائارىپ تارماقلىرى،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ،بالىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى،ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،ھەر تەرەپلىمىلىك تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىپ،ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەننى،خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، بارلىغىنى خەلققە بېغىشلايدىغان،مۇقۇملۇق ۋە ئىناقلىقنى چىن دىلىدىن سۆيۈدىغان قىلىپ تەربىيلەش كېرەك.كەلگۈسىمىزنىڭ قۇرغۇچىللىرىدىن بولغان بالىلىرىمىز ئەتراپلىق تەربىيلەنسىلا، كېلىچىگىمىز چوقۇم پارلاق بولىدۇ، ۋەتىنىمىز تېخىمۇ قۇدىرەت تاپىدۇ،ئىجتىمائى مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدى ئەمىنلىك خىزمىتى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشىدۇ،خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
دېمەك،ئىجىتىمائى مۇقۇملۇق ۋە ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئومۇمۇيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ،تېنچ،ئىتتىپاق بولغان ئىللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن،ھەممە كىشى ئۆز مەسئۇلىيتىنى تونۇپ يېتىپ،ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ،ئائىلە ۋە خۇلۇم-خوشنا ئىناقلىقىنى كۈچەيتىپ،مەكتەپ تەلىم تەربىيسىدە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ،ئۇلارنى ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللاندۇرۇپ،نادان،ساددا،خۇراپىي ۋە ساۋاتسىز بولغان پۇقرالاردىن بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەممەيلەن بىردەك ھالدا تۈرلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ،بايرىغىمىز روشەن ھالدا ئىناقلىقنى،ئىتتىپاقلىقنى،ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەكلا،ۋەتىنىمىز مەڭگۈ قۇدىرەت تاپىدۇ،خەلقىمىز تېنچ،بىخەتەر شارائىتتا، خۇشال-خۇرام ياشايدۇ،ئەۋلاتلىرىمىز تېخىمۇ باياشاتلىق تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىدۇ.
مۇقۇملۇق،تەرەققىيات،ئىناقلىق ئامەت،ئىناقسىزلىق ئاپەت، شۇڭا،ھەممەيلەن قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ،زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ،گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ،ئىجتقمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى ئۈچۈن بارىمىزنى بېغىشلايلى!
     





364 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-30 19:11:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ